ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار دىققەت

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-06-22 19:53

 

 

يېقىندا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شوپۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى ئىمتىھان مەيدانى خەلققە قولايلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، يازلىق تەتىلدە شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قولايلىق ياراتتى.

 

بىرىنچى تەدبىر: 104 شوپۇرلۇق مەكتىپى يېشىل يول تەسىس قىلدى

ئىمتىھان مەيدانىنىڭ مۇدىرى جاڭ تۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يازلىق تەتىللىك شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ بېسىق مەزگىلىدە، ئىمتىھان مەيدانى پۈتۈن شەھەردىكى 104 شوپۇرلۇق مەكتىپىنى ماسلاشتۇرۇپ، شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بېرىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن يېشىل يول تەسىس قىلدى، بارلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالدىن تىزىملىتىش قولايلىقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە ئىمتىھانغا تىزىملىتىپ قاتنىشىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن،  شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بېرىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا ھەر ۋاقىت قوبۇل قىلىش ۋە سىستېمىغا ئالدىن كىرگۈزۈش كەسپىنى يولغا قويدى.

 

ئىككىنچى تەدبىر: پۈتۈن شەھەردىكى ئىمتىھان مەيدانلىرى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇردى

نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى پۈتۈن شەھەردىكى 9  بىرىنچى تۈر ئىمتىھان مەيدانى، 15 ئىككىنچى تۈر ئىمتىھان مەيدانى ۋە 7 ئۈچىنچى تۈر ئىمتىھان مەيدانىغا ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇردى. ئىلگىرىكى يىللاردىكى يازلىق تەتىللىك شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ بېسىق مەزگىلىدىكى ئوتتۇرىچە ئىمتىھان مىقدارى بويىچە ھېسابلىغاندا، نۆۋەتتىكى ئىمتىھان پىلانى بۇ يىللىق يازلىق تەتىللىك ئىمتىھان ئېھتىياجىنى تامامەن قاندۇرالايدۇ.

 

ئۈچىنچى تەدبىر: شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بېرىشتە مەسىلىگە يولۇقسىڭىز تېلېفون بېرىپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ

شوپۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش، ئىمتىھان بېرىش جەريانىدا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ھەققىدە مەسلىھەت سوراش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىمتىھان مەيدانى مەخسۇس مەسلىھەت بېرىش تېلېفونى تەسىس قىلدى. مەسلىھەت سوراش تېلېفون نومۇرى: 5312123-0991، خىزمەت كۈنلىرى سائەت 10دىن 13:30غىچە، سائەت 15:30دىن 18:00گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى) تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر پىكىر ئىنكاس قىلماقچى بولسىڭىز، يان تېلېفونىڭىزدىن «قاتناش باشقۇرۇش 12123» ئەپ دېتالىغا كىرىپ ئىنكاس قىلسىڭىز بولىدۇ، ئىنكاس قىلىنغان ئەھۋالغا مەخسۇس خادىم ۋاقتىدا جاۋاب بېرىدۇ.

 

ئەگەر ئىمتىھاننى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا

↓↓↓

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: ئىمتىھاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى بىر كۈن بۇرۇن ئىلتىماس قىلىش كېرەك.

ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى:  شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بېرىدىغان كۇرسانتلار ئەگەر ئالاھىدە ئەھۋال سەۋەبلىك ئىمتىھاننى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولسا، ئاز دېگەندە بىر كۈن بۇرۇن ئىمتىھاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

نۆۋەتتە ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئىمتىھاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ: بىرىنچى، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ئىمتىھان مەيدانى كەسىپ بېجىرىش كۆزنىكىگە بېرىپ ئىلتىماس قىلىش؛ ئىككىنچى، 5312123كە تېلېفون قىلىپ ئىلتىماس قىلىش؛ ئۈچىنچى، «قاتناش باشقۇرۇش 12123» ئەپ دېتالىغا كىرىپ ئىلتىماس قىلىش.  ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئىمتىھان كۈنى ئىمتىھاننى ئەمەلدىن قالدۇرغىلى بولمايدۇ.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار دىققەت