ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سودا مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشىغا ئىنكاس قايتۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-06-22 19:56

 21-ئىيۇن، سودا مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى يولغا قويغانلىقى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا شەرقىي شىمال ۋاقتى 21-ئىيۇن، ئامېرىكا تاموژنىسى ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئامېرىكا پارلامېنتى ماقۇللىغان ئاتالمىش شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن، جۇڭگونىڭ شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلات قىلىپ بېكىتتى ھەمدە شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق مەھسۇلاتنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى. ئامېرىكا تەرەپ ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق» نامى بىلەن يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق، زومىگەرلىك قىلمىشىنى يۈرگۈزۈپ، بازار پىرىنسىپىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلدى. ئامېرىكىنىڭ بۇ ئۇسۇلى تىپىك ئىقتىسادىي تەھدىت ھەرىكىتى بولۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە ئىستېمالچىلىرىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، بۇ دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا، دۇنيادا پۇل پاخاللىقىنىڭ پەسىيىشىگە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا پايدىسىز. جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، جۇڭگونىڭ قانۇنلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئېنىق مەنئى قىلىنغان. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى پۈتۈنلەي ئەركىن ۋە باراۋەر بولۇپ، ئەمگەك ھوقۇق-مەنپەئەتى قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى، تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. 2014-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، شىنجاڭدىكى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلىكىدىكى كىرىمى 23 مىڭ يۈەندىن 37 مىڭ 600 يۈەنگە كۆپەيدى؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلىكىدىكى كىرىمى تەخمىنەن 8700 يۈەندىن 15 مىڭ 600 يۈەنگە كۆپەيدى. 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا يېزىلاردىكى 3 مىليون 60 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 3666 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلار تىزىملىكىدىن چېكىنىپ چىقتى، 35 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى پۈتۈنلەي چۆرۈپ تاشلىدى، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى. ھازىر شىنجاڭدا كېۋەز تېرىش جەريانىدا، كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى %98تىن ئاشتى، شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دېگەن ئۆسەك سۆز تۈپتىن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. ئامېرىكا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»نى باھانە قىلىپ، شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى يولغا قويدى، ئۇنىڭ ماھىيىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئەمگەك ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش بولۇپ، ئەمەلىيەتتە «ئەمگەك قىلدۇرماسلىق»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مەجبۇرىي ئىشسىز قېلىش، ھەتتا قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، ئامېرىكىنىڭ ھەقىقىي مۇددىئاسى جۇڭگونىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزۈش، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت. ئامېرىكا سىياسىي ئويۇنلىرىنى ۋە بۇرمىلانغان ھۇجۇملىرىنى دەرھال توختىتىشى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشنى دەرھال توختىتىشى، شىنجاڭغا چېتىلىدىغان بارلىق جازالاش، بېسىش تەدبىرلىرىنى دەرھال بىكار قىلىشى كېرەك. جۇڭگو زۆرۈر ھەرىكەت قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ. نۆۋەتتىكى دۇنيا ئىقتىسادى يۇقىرى پۇل پاخاللىقى، تۆۋەن ئېشىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئامېرىكىنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن شارائىت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سودا مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشىغا ئىنكاس قايتۇردى

21-ئىيۇن، سودا مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى يولغا قويغانلىقى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلان قىلدى.