ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ ئايدا تېخىمۇ ئىسسىق بولامدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-08-05 09:20

 ئۆتكەن ئايدا، دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ئىزچىل يۇقىرى بولدى. يەتتىنچى ئايدا ئەڭ ئىسسىق بولغان شەھەر قايسى؟ قايسى شەھەرلەردە يۇقىرى تېمپېراتۇرا تېخىمۇ ئۇزاق داۋاملاشتى؟ سەككىزىنچى ئايدا تېخىمۇ ئىسسىق بولامدۇ؟  

«ئەڭ ئىسسىق 7-ئاي»دىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا رەت تەرتىپىدە خاڭجۇ بىرىنچى ئورۇندا تۇردى 

ئۆلچەشتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 7-ئايدا، مەملىكىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا نىسبەتەن يۇقىرى بولغان، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا 23.15 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، 2017-يىلى 7-ئايدىن قالسىلا، ھاۋا رايى تولۇق ئۆلچەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. جېجياڭ، سىچۈەن، يۈننەن، گۇيجۇدا 7-ئاي ئەڭ ئىسسىق بولغان، جېجياڭ ۋە سىچۈەندە ھەتتا شۇ جاينىڭ ھاۋا رايى ئۆلچەش تارىخىدىكى ئەڭ ئىسسىق بىر ئاي بولغان! جېجياڭ، جياڭشى، فۇجيەن، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئېشىپ كەتكەن. چاڭجياڭ-خۇەيخې دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، چاڭجياڭنىڭ ئوتتۇرا شەرقىي قىسمى ۋە جەنۇبىي قىسمى، جەنۇبىي جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمى ۋە شەرقىي قىسمى ھەمدە سىچۈەن ئويمانلىقىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى 20 كۈن ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزاق داۋاملاشقان.

 

ئۆلكە مەركىزى دەرىجىلىك شەھەرلەر ئىچىدە، خاڭجوۋدا بۇ يىل 7-ئايدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى 26 كۈن داۋاملىشىپ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان؛ فۇجوۋدا 25 كۈنگە يېتىپ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان، يەنە كېلىپ 25 كۈندە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئۇدا داۋاملىشىپ، پۈتۈن بىر ئاي دېگۈدەك ئىسسىق بولغان. شاڭخەي (شۈجياخۇي پونكىتى)، چۇڭچىڭ (شاپىڭبا پونكىتى)دىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلگەن كۈن سانى 20 كۈندىن ئاشقان.

شاڭخەي شۈجياخۇي پونكىتىدە ئۆلچەنگەن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق كۈن سانى بۇرۇنقى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن بىر ھەسسە كۆپ بولۇپ، 13-ئىيۇلدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 40.9 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەن، 1873-يىلىدىن بۇيانقى شۈجياخۇي پونكىتىنىڭ ئۆلچەش تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە يەتكەن؛ چۇڭچىڭ شاپىڭبا پونكىتىنىڭ ئۆلچەنگەن تېمپېراتۇرا بەش كۈندە 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ، ئۆلكە مەركىزى دەرىجىلىك شەھەرلەر ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، قاتتىق ئىسسىق بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، چېڭدۇ (ۋېنجياڭ پونكىتى) دىمۇ ئاز  كۆرۈلىدىغان ئىسسىق بولغان. ئۆتكەن يىللاردا 7-ئايدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق كۈن سانى بىر كۈنگە يەتمەيدىغان بولۇپ، بۇ يىل 7-ئايدا توپتوغرا 11 كۈن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ، ھەرقايسى ئۆلكە مەركىزى دەرىجىلىك شەھەرلەردە ئىچىدە ئېشىشى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغان. 

كۈندۈزى ئىسسىق بولۇپلا قالماي، كەچتىمۇ ئىسسىق پەسەيمىگەن، 7-ئايدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئەڭ يۇقىرى بولغان ئالتە ئۆلكە مەركىزى دەرىجىلىك شەھەرنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 30 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ، قاتتىق ئىسسىق بولغان. ئەڭ ئىسسىق بولغىنى يەنىلا چۇڭچىڭ بولۇپ، 13-ئىيۇلدىن 15-ئىيۇلغىچە ئۇدا ئۈچ كۈن شۇ جاينىڭ كېچىلىك تېمپېراتۇرىسى رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغان، 15-ئىيۇل سەھەردە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا يەنىلا 33.5 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، «ئەڭ يۇقىرى كېچىلىك تېمپېراتۇرا» بولۇپ قالغان.

جۇڭگو ھاۋا رايى تورىنىڭ ھاۋا رايى ئانالىزچىسى ۋاڭ ۋېييۆ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 7-ئايدا، سۇبتروپىك بەلباغ يۇقىرى بېسىمى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى، جەنۇبىي جۇڭگو، چاڭجياڭ-خۇەيخې دەرياسى ئەتراپى قاتارلىق جايلارنى قاپلىدى، سۇبتروپىك بەلباغ يۇقىرى بېسىمى ئەسلىدىنلا ئىللىق يۇقىرى بېسىم سىستېمىسى بولغاچقا، ئۇنىڭ قاپلاش دائىرىسى ئىچىدە ھاۋا ئېقىمى تۆۋەنگە چۆكۈپ بۇلۇت ھاسىل قىلالمىغانلىقتىن قۇياش رادىياتسىيەسى يەر يۈزىگە تېخىمۇ ئاسان يېتىپ بېرىپ، يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىۋەتكەن، بۇ يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ داۋاملىق كۈچلۈك ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

 

8-ئاي تېخىمۇ ئىسسىق بولىدۇ، شىمالىي جۇڭگونىڭ خۇاڭخې، خۇەيخې دەرياسى ئەتراپى رايونلىرى «ھورداقخانا» توپىغا قوشۇلىدۇ

 

8-ئاي كىرگەندىن بۇيان، كۈچلۈك سۇبتروپىك بەلباغ يۇقىرى بېسىمىنىڭ كونتروللۇقىدا، مەملىكىتىمىزدە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئىسسىق ھاۋا رايى يەنە داۋاملىشىدۇ. سۇبتروپىك بەلباغنىڭ يۇقىرى بېسىم ئورنى شىمالغا كۆتۈرۈلگەنلىكتىن، يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ مەركىزىمۇ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى، جەنۇبىي جۇڭگودىن پەيدىنپەي شىمالغا سۈرۈلۈپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىمىدىن شىمالىي جۇڭگو ئەتراپلىرىغىچە كېڭىيىدۇ. شەرقىي جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا قىسمى، ئوتتۇرا جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا قىسمى، غەربىي جەنۇب رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق كۈن سانى ئادەتتىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن كۆپرەك بولۇپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئىسسىق  ھاۋا رايى دولقۇنى كۆرۈلىدۇ. 

يۇقىرى تېمپېراتۇرا شىمالغا سۈرۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەملىك دەرىجىسىمۇ ئاشىدۇ، شىمالىي جۇڭگو، خۇاڭخې، خۇەيخې دەرياسى قاتارلىق جايلاردا دىمىق ئىسسىق بولۇپ، «ھورداقخانا» قاتارىغا قوشۇلىدۇ. جەنۇبتا چۇڭچىڭ، جېجياڭ قاتارلىق جايلاردا كەلگۈسى بىر قانچە كۈندە 40 سېلسىيە گىرادۇس ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلىدۇ، شەھەرلەر ئىچىدە خاڭجۇ، خېفېي، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلاردا بۇ يىلقى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

ۋاڭ ۋېييۆ مۇنداق دەپ ئەسكەرتتى: 8-ئايدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، شىمالدا تىنچىق ئىسسىق بولىدۇ، جەنۇبتىكى قىسمەن رايونلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ، ئىسسىقلىق دەرىجىسى 7-ئايدىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ ئادەمنىڭ ساغلاملىقى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، قاتناش قاتارلىق تەرەپلەرگە بولغان پايدىسىز تەسىرىگە دىققەت قىلىش كېرەك، كىشىلەر ئامال بار يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا سىرتقا چىقىشتىن ساقلىنىپ، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ ئايدا تېخىمۇ ئىسسىق بولامدۇ؟