ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ كىشى جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرىي چاقىرتىپ تەكشۈرۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-08-05 09:21

 3-ئاۋغۇست، جېجياڭ ئۆلكىسى ۋېنجوۋ شەھەرلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئۇزاق مەزگىل «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشكە چېتىشلىق بولغان جىنايەت گۇماندارى ياڭ جىيۈەننى قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرىي چاقىرتىپ تەكشۈردى.

ياڭ جىيۈەن، ئەر، 1990-يىل 1-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغان، تەيۋەن ئۆلكىسى تەيجۇڭ شەھىرىدىن. ياڭ جىيۈەن ئۇزاق مەزگىل «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى تەرغىب قىلىدىغان قانۇنسىز تەشكىلات «تەيۋەن مىللىي پارتىيەسى»نى قۇرۇپ، «تەيۋەننى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاتناشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش» غەرىزىدە بولۇپ، ھەدەپ «ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇپ دۆلەت قۇرۇش»نى تەرغىب قىلغان، ھەددىدىن ئېشىپ «جىددىي مۇستەقىللىق» لۇشيەنىنى يولغا قويۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى پىلانلاپ يولغا قويغانلىقى ئۈچۈن، دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى ۋە دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇترىتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلىندى.

يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئىنتايىن ئاز ساندىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» جاھىل ئۇنسۇرلىرى تاشقى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، دۆلەتنى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەرنى قارشىلىشىشقا كۈچىنىڭ بارىچە قۇترىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە، دۆلەت قانۇنىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. يامان ئىش قىلغانلارنىڭ ھەرقاندىقى قانۇن تورىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى قاتارلىق قانۇن قوراللىرىدىن كەسكىن پايدىلىنىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ «مۇستەقىللىق»نى كۆزلەپ بىرلىككە كېلىشنى رەت قىلىش، تىنچلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك تۈرلۈك ئېقىمغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالايدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ كىشى جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرىي چاقىرتىپ تەكشۈرۈلدى