ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ يى:يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ بۇ باياناتى «كېرەكسىز قەغەز خالاس»

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تور     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-08-06 09:30

    شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاۋغۇست كەچتە، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى كامبودژا پايتەختى فنوم پېندا شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يۈرۈشلۈك يىغىنى مەزگىلىدە، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

    ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: غەربتىكى يەتتە دۆلەت گۇرۇھى بىرلىشىپ، نۆۋەتتىكى تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئاتالمىش «بايانات» ئېلان قىلدى. بۇ «بايانات»قا جۇڭگو قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا ھەق-ناھەق ئارىلاشتۇرۇۋېتىلىپ، ئاق-قارا ئاستىن-ئۈستۈن قىلىنىپ، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىلارغا ئوچۇقتىن-ئوچۇق دوست تارتىشتى، ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلارغا بولسا بېسىم ئىشلەتتى. ئاساسىي ئىدراك نەدە قالدى؟ خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانى نەدە قالدى؟ «ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق»—بىزنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشىمىزدىكى ئەڭ ئاساسىي پىرىنسىپ، بىز جاڭگال قائىدىسىنىڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قايتىدىن يېتەكچىلىك قىلىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. ئىشىنىمەنكى، ئاتالمىش بۇ «بايانات» پەقەت بىر پارچە كېرەكسىز قەغەزلا خالاس.
    ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: كۆرۈپ تۇرۇپتۇقكى، 100دىن ئارتۇق دۆلەت ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆزلىرىنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقى، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدىغانلىقى، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆرۈپ تۇرۇپتۇقكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ ئىپادە بىلدۈردى، باش كاتىپ گۇتېررېس ۋە ئۇنىڭ باياناتچىسى ئارقا-ئارقىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ داۋاملىق ھالدا 2758-نومۇرلۇق قاراردا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 2758-نومۇرلۇق قارارنىڭ يادروسى دەل: بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى. ئىشىنىمەنكى، مانا بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي ئورتاق ئاۋازى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاڭ يى:يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ بۇ باياناتى «كېرەكسىز قەغەز خالاس»