ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ج خ مىنىستىرلىقى: بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-08-09 09:13

ج خ مىنىستىرلىقى يېقىندا مەملىكەتلىك قاتناش ساقچىلىرى سىستېمىسىنىڭ ياز پەسىللىك ئامانلىق ساقلاش بويىچە زەربە بېرىش-تۈزەشتىكى «100 كۈنلۈك ھەرىكەت»نى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەت بويىچە يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، بىر قەدەر چوڭ تىپتىكى يول قاتناش ھادىسىلىرى كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور تىپتىكى يول قاتناش ھادىسىلىرى يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، بىخەتەر، مۇقىم بولغان يول قاتناش مۇھىتى يارىتىشنى تەلەپ قىلدى.
    ياز كىرگەندىن بۇيان يول قاتناش بىخەتەرلىكىدە دۇچ كەلگەن كەسكىن ۋەزىيەتكە قارىتا، ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قاتناش ئېقىم مىقدارى، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش ۋە ھادىسە قانۇنىيىتى-ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ھادىسىدە ئاشكارىلانغان مەسىلە ۋە خەۋپ-خەتەرلەرنى تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، ھادىسە كۆپ يۈز بېرىدىغان بىر تۈركۈم جىددىي ئايلانما، داۋان ۋە قۇرۇلۇش يول بۆلەكلىرىنى مەركەزلىك تۈزەپ، يېزا يوللىرىدىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى گەۋدىلىك بولغان يول ئېغىزلىرى ۋە يول بۆلەكلىرىنى تۈزەش، ناچار ھاۋا رايى مەزگىلىدە قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان يول بۆلەكلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى يولۇچى تىرانسپورت ئاپتوموبىلى، بىر خەتەرلىك بۇيۇم ئاپتوموبىلى، بىر ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى»غا چېتىشلىق نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.
    ھەر دەرىجىلىك ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنى مەخسۇس تۈزەش ۋە تاشيولدا ئاسان ۋەقە تۇغدۇرىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى مەخسۇس تۈزەش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش، نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىش، نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىش، چارچاپ ماشىنا ھەيدەش، يېزىلاردىكى «ئىككىگە خىلاپلىق قىلىش» قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ گەۋدىلىك قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرىدۇ. ئاگاھلاندۇرۇش-ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئاپتوموبىللار، خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى كارخانىلار، ئاپتوموبىل ھەيدىشى ئۆمۈرۋايەت چەكلەنگەنلەر، ھادىسە كۆپ يۈز بېرىدىغان يول بۆلەكلىرىنى قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ. «بىر قالپاق، بىر تاسما» كۈچەيتىلىپ، توكلۇق ۋېلىسىپىت ھەيدىگەنلەر قالپاق كىيىش، ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا رېتىدە ئولتۇرغانلار بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقاش، تىجارەتلىك يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدا ئولتۇرغانلار بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقاش نىسبىتى ئۆستۈرۈلىدۇ. قاتناش ھادىسىسى دېلو مەلۇماتىغا تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ماسلىشىدۇ. ئالاقىدار كارخانا، ئورۇن ۋە مەسئۇل كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى تۈزەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.
    يىغىندا يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ساقچىلار قوشۇنىنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە كۆيۈنۈپ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتى قاتارلىق تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قوشۇننىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان جەڭگىۋارلىقىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ج خ مىنىستىرلىقى: بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك!