ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشايلى(2)

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-09-21 16:52

 

 ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، بىرمۇ مىللەت كەم بولسا بولمايدۇ

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مىللەتلەر مەركىزى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيلى-مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشايلى» سەھىپىسىنى ئالاھىدە پىلانلىدى، بۈگۈن «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، بىرمۇ مىللەت كەم بولسا بولمايدۇ» دېگەن 2-قىسمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

您的浏览器不支持 audio标签

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سالمىقى ئەڭ ئېغىر، تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر، نەپ يەتكۈزىدىغان نوپۇس ئەڭ كۆپ بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى باشلىدى، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا نۇرغۇن بېيىش باشلامچىلىرى بارلىققا كەلدى، ئۇلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «تەڭ بېيىش»، «بىرمۇ ئادەم كەم بولسا بولمايدۇ» دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى خولۇنبېر شەھىرى يېڭى بارخ ئوڭ قوشۇنى خېرلىن يېزىسىنىڭ ماڭلەي كەنتى ئىلگىرى يىراق-يېقىنغا داڭلىق نامرات كەنت ئىدى. 80-يىللاردا تۇغۇلغان بېيىش باشلامچىسى مىجىگدورجىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چارۋىچىلار پايچىك بولدى، ئىلمىي چارۋا بېقىش ئۇسۇلى ئارقىلىق شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

2012-يىلى مىجىگدورجى ماڭلەي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇپ، كەنتتىكى چارۋىچىلارنى يېتەكلەپ، كۈن بويى ئوتلاق قوغلىشىپ چارۋا باقىدىغان ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، «ساياھەت+» ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى. ئۇ ھەر بىر ئائىلە ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىشتا تەننەرخ يۇقىرى، كۆلەم كىچىك، كىرىم تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.

 

مىجىگدورجى: «مېنىڭچە ئېكولوگىيە ۋە چارۋىچىلىق مەيدانىنى قوغداشنى ئالدىنقى شەرت قىلغاندىلا چارۋىچىلىقنى ساغلام راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ، رايونلارغا ئايرىپ نۆۋەتلەشتۈرۈپ چارۋا بېقىش ئوتلاق بىلەن چارۋىلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا پايدىلىق، نۆۋەتلەشتۈرۈپ چارۋا بېقىشنى يولغا قويۇشتا كوپىراتىپ قۇرۇش، ئوتلاق بىلەن چارۋىلارنى باھالاش ۋە بىر تۇتاش باشقۇرۇش كېرەك. بۇ خىزمەتلەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ قوللىشىغا موھتاج. 

 

2019-يىلى، قوشۇنلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، مىجىگدورجى قوشۇندىكى تۇنجى پاي تۈزۈمىدىكى كەسپىي كوپىراتىپ-ماڭلەي چارۋىچىلىق كەسپىي كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، 248 چارۋىچىنىڭ 390 مىڭ مو ئوتلىقىنى مەركەزلىك باشقۇرۇپ، تۆت پەسىلدە نۆۋەتلەشتۈرۈپ چارۋا باقىدىغان ئوتلاق بىلەن ئوت-چۆپ ئورىۋېلىنىدىغان مەيداننى ئىلمىي ئايرىپ، چارۋىلارنى رايونغا ئايرىپ نۆۋەتلەشتۈرۈپ بېقىش لايىھەسىنى تۈزدى. شۇ يىلى كوپىراتىپ 150 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى، كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ قەرزى 2 مىليون يۈەندىن كۆپرەك ئازايدى. كوپىراتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇدا ئىككى يىل 3 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پايدا تەقسىم قىلىندى.

كوپىراتىپ تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن، چارۋىچىلارمۇ ۋاقىت چىقىرىپ سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، مىللىي ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساش قاتارلىق قوشۇمچە كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللاندى. ھازىر ماڭلەي كەنتى چارۋىچىلىق رايونىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئېكولوگىيەسى ياخشىلاندى، چارۋىچىلارنىڭ ھەميانى تومپايدى. 

مىجىگدورجى خەلق سارىيىنىڭ ئالدىدا

 

2021-يىلى 6-ئايدا مىچىگدورجىغا «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى. ئۇ بېيجىڭدىن يۇرتى يېڭى بارخ ئوڭ قوشۇنىغا خۇشال قايتىپ كەلدى.

 

مىجىگدورجى: «كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە رەھبەرلىكىدە تىرىشىپ ئىشلەپ، چارۋىچىلىق رايونىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىمەن».

 

خۇاڭ ۋېنشيۇ: «كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، مەن بېيجىڭ سىفەن داشۆسى پەلسەپە شۆيۈەنى ئىدىيە-سىياسىي مائارىپ كەسپىنىڭ 2016-يىللىق ماگىستىرلىقىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى خۇاڭ ۋېنشيۇ بولىمەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۇرتۇمغا قايتىپ خىزمەت قىلىشنى تاللىدىم، كۆپچىلىكنىڭ يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

 

بۇ «1-ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى، «مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەمۇنىچىسى» خۇاڭ ۋېنشيۇنىڭ ھايات چېغىدا ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندىكى بىر جۈملە سۆزى. بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئۇنىڭ ئاۋازىنى قايتا ئاڭلىيالمايمىز. ئۇ يۇرتىغا قايتىپ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە، تۇيۇقسىز كەلگەن كەلكۈندە 30 ياشلىق قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى.

خۇاڭ ۋېنشيۇ گۇاڭشىدىن كەلگەن جۇاڭزۇ قىز. 2018-يىلى، ئۇ تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئېغىر نامرات كەنت-بەينى كەنتىگە بېرىپ 1-شۇجى بولۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس  قىلدى. ئەينى چاغدا بەينى كەنتى ئېغىر نامرات كەنت ئىدى. پۈتۈن كەنتتە 103 ئائىلىلىك 473 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغان ئىدى.

خۇاڭ ۋېنشيۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلدە، كۆپچىلىكنى باشلاپ تۈرلۈك ئامال-چارىلەرنى قوللىنىپ، تۈرلەرنى پائال ئىلتىماس قىلىپ كەنتنىڭ «قاتتىق دېتال» شارائىتىنى ياخشىلاپ، شۇ يەرنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، شەمشاد، جۈزە قاتارلىق ئالاھىدە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇردى. خۇاڭ ۋېنشيۇنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا  88 ئائىلىدىكى 418 كىشى نامراتلىقتىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلدى.

بەيسې شەھىرى لېيې ناھىيەسىنىڭ بەينى كەنتىدىكى دېھقان بەن توڭماۋ: 

خۇاڭ ۋېنشيۇ شۇجى كېلىشتىن بۇرۇن، 2017-يىلى كەنتىمىزنىڭ يېرىدىن ئاران 60 نەچچە مىڭ جىڭ جۈزە ئالاتتۇق، بۇلتۇر 500 مىڭ جىڭدىن ئارتۇق ھوسۇل ئالدۇق، 2018-يىلى 2017- يىلىدىكىدىن 10 ھەسسە ئاشتى.

ئەمما، كەنت ئاھالىلىرى ئەمدىلا بېيىغاندا ئۇ قۇربان بولدى ......

خۇاڭ ۋېنشيۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى خىزمەت رەسىمى

 

2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، بەينى كەنتىدىكى بارلىق نامرات ئائىلىلەر نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، لېكىن يۇرتداشلار ئەمدى ئۇنى كۆرەلمەيدۇ. 

خۇاڭ ۋېنشيۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا كەنتتە بىر يەسلى قۇرۇش ئارزۇسى بار ئىدى. 2021-يىلى بەينې كەنتىدىكى ۋېنشيۇ يەسلىسىدە رەسمىي ئوقۇش باشلىنىپ، تۇنجى تۈركۈمدە 110دىن ئارتۇق بالا قوبۇل قىلىندى.

بەينى كەنتىدىكى ۋېنشيۇ يەسلىسىنىڭ باشلىقى ۋېي لىنشياۋ: 

خۇاڭ ۋېنشيۇنىڭ ئەينى چاغدىكى ئارزۇسى ئەمدى ئەمەلگە ئاشتى، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئۆيلىرىگە يېقىن يەردە ئوقۇش ئارزۇسىمۇ ئەمەلگە ئاشتى، ئاتا-ئانىلارنىڭ كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ۋاقتى بار بولدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئۇنىڭ گۈزەل ياشلىق باھارى ئارقىلىق كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلى مەقسىتى ۋە بۇرچىنى شەرھلەپ، يېڭى دەۋرنىڭ ياشلىق ناخشىسىنى يېزىپ چىققانلىقىنى ماختىدى.

جىلىن ئۆلكىسى يەنبيەن چاۋشيەنزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئەنتۇ ناھىيەسى مىڭيۆ بازىرى لۇڭچۈەن كەنتىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، بايلىقى مول، لېكىن بۇ شۇ جايدىكى كۆپ ساندىكى دېھقانلارنى باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلمىگەن ئىدى. ھالبۇكى، بىر ئادەمنىڭ كېلىشى بىلەن، لوڭچۈەن كەنتى ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا، «نامراتلىق قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلاپ، بىردىنلا بازاردىكى «چولپان كەنت»كە ئايلاندى. بۇ كىشى مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى كەنتتە تۇرۇشقا ئەۋەتكەن «بىرىنچى شۇجى» ۋاڭ پىڭتاڭ.

2017-يىلى ۋاڭ پىڭتاڭ لۇڭچۈەن كەنتىگە دەسلەپ كەلگەندە، زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، كەنتتىكى ھەممە ئائىلىنىڭ دېگۈدەك قۇتۇرماچ يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، قۇتۇرماچ ئېتىشكە ئۇستا ئىكەنلىكىنى، قۇتۇرماچ پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنىڭ لۇڭچۈەن كەنتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈمىد ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى. 

ۋاڭ پىڭتاڭ: «ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى قۇتۇرماچ ئېتىپ يەيدۇ، بۇ بىزنىڭ قۇتۇرماچ زاۋۇتىمىزنىڭ ئاساسى، قىشتا پۇقرالارنىڭ ئۆيدە قىلىدىغان ئىشى يوق، ئەگەر قۇتۇرماچ زاۋۇتى قۇرساق، بۇ مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى بولىدۇ، قىشتا كۆپچىلىكنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولىدۇ، پۇل تاپالايدۇ.

ئەمما كەنتتە قۇتۇرماچ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇپ، قۇتۇرماچنى بازارغا سېلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىدى.

ۋاڭ پىڭتاڭ: «مەبلەغكە ئېرىشىش جەھەتتە، بىز قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، سىرتقا چىقىپ جاپا تارتىشقا بولىدۇكى، ئۆيدە تۆت تامغا قاراپ ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ».

ۋاڭ پىڭتاڭ مۇشۇنداق ئىرادە بىلەن كۆپ قېتىم بېيجىڭ، شەندۇڭ، چاڭچۈن قاتارلىق جايلارغا باردى ھەمدە سودىگەرلەرنى كەنتكە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. كۆپ تەرەپتىن مەبلەغ ئىزدەش، كارخانىلارنى تۇتاشتۇرۇش، تېخنىكا ئۆگىنىش ئارقىلىق، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، لۇڭچۈەن كەنتى كارخانا بىلەن ھەمكارلىشىپ كۆلىمى 600 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان قۇتۇرماچ پىششىقلاش زاۋۇتى قۇردى ھەمدە نەچچە ئون كەنت ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. زاۋۇت قۇرۇلغان يىلى 600 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلىندى،  ساپ پايدىسى 200 نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتتى، زاۋۇتتىكى ئىشچىلارمۇ مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى.

ۋاڭ پىڭتاڭ (ئوتتۇرىدا) نامرات ئائىلىلەر بىلەن بىرلىكتە «بىرىنچى شۇجى سېخى»دا ئىشلەپچىقىرىلغان  قۇتۇرماچنى كۆرسەتمەكتە

 

ۋاڭ پىڭتاڭ لۇڭچۈەن كەنتىنىڭ قۇتۇرماچ زاۋۇتى قۇرۇشىغا ياردەم بەرگەندىن باشقا، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ 80 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئېكولوگىيەلىك گۈرۈچ دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە 25 ئورگانىك كۈدە پارنىكى قۇردى. كەنت ئاھالىلىرى بۇرۇنقىدىن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، لېكىن چېھرىدە تەبەسسۇم  جىلۋىلەندى.

پۇئېر شەھىرى لەنساڭ ناھىيەسى جيۇجىڭ يېزىسىنىڭ لاۋداباۋ كەنتىدە «شادلىققا چۆمگەن لاخۇلار» ناملىق ناخشا ھەممە ئادەمگە تونۇش. ناخشا تېكىستىنى يازغان كىشىنىڭ ئىسمى لى نالو، ئۇ لاخۇ مىللىتىدىن، 80-يىللاردا تۇغۇلغان يېزا پارتىيە ئەزاسى، ئۇ مۇزىكا نەزەرىيەسىنى ئۆگەنمىگەن، ئەمما نوتا ئارقىلىق بېيىش يولىنى ئاچقان، ئاران باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە لى نالو نەچچە مىڭ يىل ۋارىسلىق قىلىنغان لاخۇ مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

لى نالو: «پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن چوقۇم باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئىشلەيمەن، بىز بىرلىكتە لاخۇ مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرايلى». 

لاۋداباۋ كەنتى ئىلگىرى ئېغىر نامرات كەنت ئىدى، قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى ئېغىر دەرىجىدە قالاق بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمەيتتى.

پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ يۆلىشى بىلەن، 2013-يىلى لى نالۇ باش بولۇپ پۇئېر شەھىرىدە دېھقانلار ئۆزلىرى تەشكىللىگەن تۇنجى ئويۇن قويۇش چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، «شىركەت+دېھقانلار» تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنى مىللىي مەدەنىيەت ئارقىلىق بېيىشنىڭ يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىشقا يېتەكلىدى. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، كەنت ئاھالىلىرى تاغدىن چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش بىلەن بىللە كىرىمىنى ئاشۇردى. 2019-يىلى، ئوتتۇرىچە كىرىمى 11 مىڭ 240 يۈەنگە يېتىپ، 90 ئائىلىدىكى 398 ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدى.

لاۋداباۋ كەنتى ئاھالىسى پېڭ نائېر: 

ئىلگىرى كەنتىمىزدە سۇ، توك، يول يوق، مەينەت، قالايمىقان، ناچار ئىدى، تېزەك پۇراپ تۇراتتى، مىللىي مەدەنىيەت تەرەققىي قىلدۇرۇلغاندىن كېيىن كەنتىمىزدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. 

بېيىش باشلامچىسى، لاخۇ كەنت ئاھالىسى لى نالو

 

2020-يىلى لى نالو مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى، لاۋداباۋ كەنتى مەملىكەتلىك يېزا ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت بولۇپ تاللاندى.

لى نالو: «بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق تىرىشىپ داۋاملىق ناخشا يازىمەن، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىمەن». بۈگۈنكى كۈندە لاۋداباۋ كەنتى لاخۇ مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان تەبىئىي مۇزېيغا ئايلاندى.  

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشايلى(2)

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، بىرمۇ مىللەت كەم بولسا بولمايدۇ