ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشايلى(3)

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-09-21 17:03

 

تىرىشىپ جياۋ يۈلۇچە ياخشى پارتىيە ئەزالىرىدىن بولايلى

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مىللەتلەر مەركىزى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيلى-مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشايلى» سەھىپىسىنى ئالاھىدە پىلانلىدى، بۈگۈن «تىرىشىپ جياۋ يۈلۇچە ياخشى پارتىيە ئەزالىرىدىن بولايلى» دېگەن 3-قىسمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

您的浏览器不支持 audio标签

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: جياۋ يۈلۇ روھىنى ئۆگىنىش ۋە نۇرلاندۇرۇشتا، جياۋ يۈلۇنىڭ خەلقنىڭ چاكىرى بولۇش ھېسسىياتى، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى، جەڭگىۋارلىق روھى ۋە ئەخلاق-پەزىلىتىنى نۇقتىلىق ئۆگىنىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىشتە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى جياۋ يۈلۇ روھىنى ئەينەك قىلىپ ئۆزىگە ياخشى قاراپ بېقىپ، تىرىشىپ جياۋ يۈلۇچە ياخشى پارتىيە ئەزاسى، ياخشى كادىر بولۇشقا تەشكىللەش كېرەك.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مىللىي رايونلاردىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قارىتىپ، ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يولداش جياۋ يۈلۇنى ئۈلگە قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، تېخىمۇ گۈزەل يېڭى تۇرمۇش يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، باشتىن-ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە ماڭدى.

 

 «ئات ئۈستىدىكى دوختۇر» جۇماتاي ئەۋبېك تاغلىق رايوندا 30 يىل خىزمەت قىلدى

 

مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسى بوزادىر چارۋىچىلىق رايونى كۆكسۇ ئارىشاڭ شىپاخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جۇماتاي ئەۋبېك: مەن جۇماتاي ئەۋبېك. بوزادىر چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى چارۋىچىلار ماڭا موھتاج، ئۇلاردىن ئايرىلالمايمەن، ئۇلارمۇ مەندىن ئايرىلالمايدۇ، ئۇلارنى داۋاملىق قوغدايمەن، چارۋىچىلارنىڭ داۋالاش ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

جۇماتاي ئەۋبېك 1992-يىلى 7-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بوزادىر چارۋىچىلىق رايونى شىپاخانىسىغا تەقسىم قىلىنىپ، يېزا دوختۇرى بولدى، ھازىر ئۇنىڭ شۇ يەردە ئىشلەۋاتقىنىغا 30 يىل بولدى. ئۇ 30 يىللىق خىزمەت جەريانىدا دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن ئاشىدىغان بوزادىر چارۋىچىلىق رايونىدا مۇقىم تۇرۇپ، 1500 دىن ئارتۇق ئائىلىدىكى 3000 دىن ئارتۇق چارۋىچىنىڭ سالامەتلىكىنى قوغدىدى.

قارلىق تاغدىن ئېشىش، مۇزلۇق دەريانى كېسىپ ئۆتۈش، قىياغا يامىشىش... كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇماتاي ئەۋبېك خەتەرلىك تىك تاغ يولىنى 260 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق بېسىپ، ھەر مىللەت چارۋىچىلىرىنى سەييارە داۋالاپ، پىششىق تېببىي بىلىمى ئارقىلىق ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلدى، چارۋىچىلارنىڭ 170 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك داۋالاش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلدى ۋە يېنىكلەتتى. ئۇ بىر يىلنىڭ 365 كۈنىدە، ھەر ئايدا بىر نەچچە كۈنلا ئۆيىدە تۇرىدۇ، ھەر قېتىم سىرتقا چىقىپ قايتىپ كەلگەندە، ئازراقلا دەم ئالغاندىن كېيىن، يەنە داۋالاشقا ئاتلىنىدۇ. 

جۇماتاي  كېسەل كۆرمەكتە

جۇماتاي: مەن كومپارتىيە ئەزاسى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مېنىڭ بۇرچۇم، پارتىيە مېنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى، داۋاملىق ياخشى ئىش قىلىش ئارقىلىق بۇ شەپقەتكە جاۋاب قايتۇرۇشۇم كېرەك.

جۇماتاي سەييارە كېسەل كۆرۈش بىلەن بىرگە يەنە شۇ جايدىكى چارۋىچىلارغا خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىپ، چارۋىچىلارنى ئىلىم-پەن ساۋاتلىرى ۋە كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە رىغبەتلەندۈردى.

جۇماتاي: بۇنىڭدىن كېيىن پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى تىرىشىپ ئۆگىنىمەن، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىنى ھەر بىر ئائىلىگە يەتكۈزىمەن، بۇ ئىشتىن پەخىرلىنىمەن. دۆلىتىمىز يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي، تۇرۇبا سۈيى، ئاسفالت يول، توك، شىپاخانا قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى مەبلەغ سېلىپ قۇرۇپ بەردى، يەنە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ياخشى سىياسىتىدۇر.

مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل يېزا دوختۇرى جۇماتاي تاغقا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان، دېمىسىمۇ ئۇ تاغ ئوغلى. جۇماتاينىڭ بىر ئارزۇسى بار، ئۇ بولسىمۇ پېنسىيەگە چىقىشتىن ئىلگىرى تاغدا تۇرۇپ قالالايدىغان داۋالاش ئەترىتىنى يېتىشتۈرۈپ، تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى چارۋىچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش. جۇماتاي ھەر يىلى تاغدىن چۈشۈپ جۇڭگو تېبابىتى تېخنىكىسىنى ئۆگەندى، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆگەنگەنلىرىنى شىپاخانىدىكى دوختۇرلارغا ئۆگىتىپ، كۆپچىلىكنى تەڭ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ چارۋىچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

جۇماتاي

مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مەملىكەتلىك «1-ماي» ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكۈچى جۇماتاي 30 يىلدىن بۇيان چارۋىچىلىق رايونىدىكى خەلقنى يېتەكلەپ، تەبىئىي مۇھىت ناچار بولۇشتەك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشىمىز، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشىمىز كېرەك» دېگەن سۆزىنىڭ روھىغا ئاساسەن، قازاقلار ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلىق رايونلىرىنى ئالا قويماي مېڭىپ، چارۋىچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىنى كۆڭۈل قويۇپ قوغداپ، ۋىجدانى ئارقىلىق تاغلىق رايوننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن يول ئاچتى.

 

 ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ئەزاسىلىق خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش  

 

باش شۇجى شى جىنپىڭ: پارتىيەلىك كادىرلار كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايىدە چىڭ تۇرۇشى، ماركسىزمغا ھەقىقىي سەمىمىيەت بىلەن ئېتىقاد قىلىشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۈچۈن قەتئىي تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىشى، خەلق ئۈچۈن جان-دىل بىلەن خىزمەت قىلىشى، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇشى، چىڭ تۇتۇپ ھەقىقىي ئىشلىشى شەرت، دېگەن ئىدى. 2012-يىلى مەدەنبېك مۇراتخان ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەلىك دۆلەتلىك باج ئىدارىسىدىن پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، پاراۋانلىق ئىشلىرىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلاندى. پېنسىيەگە چىقسىمۇ خىسلىتىنى يوقاتماسلىق، ئىش ئورنىدىن ئايرىلسىمۇ پارتىيەدىن ئايرىلماسلىق مەدەنبېكنىڭ غايىسى، شۇنداقلا ئۇ قەتئىي چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ.

مەدەنبېك مۇراتخان يېقىندا قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ۋە پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ 20 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق لېكسىيە سۆزلىدۇق، لېكسىيە سۆزلەش ئۇسۇلى ۋە مۇھىم نۇقتىسى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن بىر ئاز پەرقلىق بولدى. 

مەدەنبېك

2013-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، مەدەنبېك ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش جەمئىيىتىنى قۇردى. توققۇز يىلدىن بۇيان، جەمئىيەت ئەزالىرى ئۈچ كىشىدىن كۆپىيىپ 200 دىن ئاشتى، قىيىنچىلىقى بار 200دىن ئارتۇق ئائىلە ۋە نامرات ئوقۇغۇچى بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەندى. ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا، بۇ جەمئىيەت 400 مەيدان قېتىمغا يېقىن تەشۋىقات پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى، تەربىيەلەنگەنلەر 100 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى. ئۇلار ئۆگىنىش، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ۋە ئارىلىشىش جەريانىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىدى. 2016-يىلى مەدەنبېك مەملىكەتلىك «ئاساسىي قاتلام نەزەرىيە تەشۋىقاتىدىكى ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالىنىپ، دېھقان-چارۋىچىلار تەرىپىدىن «ئېكرانسىز تېلېۋىزور، سۆزلىشەلەيدىغان رادىيو» دەپ تەرىپلەندى.

 مەدەنبېك: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشنىڭ كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بېرىشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇق. پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز. مەن بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تىرىشىپ، پاراۋانلىق ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمەن. 

مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك شەخس مەدەنبېك دادىسىنىڭ ئارزۇسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئىزىنى بېسىپ، دادىسى 28 يىل ئىلگىرى بېقىۋالغان خەنزۇ قېرىندىشى سىچۈەنبېككە ياخشى قاراپ، قېرىنداشلارچە مۇئامىلە قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە مەدەنبېكنىڭ قىزى مەرۋايىت ئۇلارنىڭ ئەترىتىگە قوشۇلدى. مەدەنبېك ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ۋەتەننى، پارتىيەنى سۆيۈش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ياخشى ئائىلە ئىستىلىنى نۇرلاندۇرۇشنىڭ ۋارىسلىرىدىن بولۇشقا تىرىشماقتا.

 

مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار شەخس سەكىر خۇسان: بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنى پارتىيە بەرگەن 

2013-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھىرىنىڭ بوخۇ كەنتىگە بېرىپ خىزمەت تەكشۈرگەندە، ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن-يەتمىگەنلىكتە مۇھىمى دېھقانلارغا قاراش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار شەخس سەكىر خۇسان بۇ قائىدىنى چۈشىنىپ، يۇرتداشلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشنى كىشىلىك ھاياتىدىكى كۈرەش نىشانى قىلدى. ھازىر سەكىر خۇساننىڭ شىركىتى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سەككىز يېزا-بازىرىدا پىششىقلاپ ئىشلەش نۇقتىسى قۇرۇپ، 3000 دىن ئارتۇق ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ بىلەن ھەر بىر كىشىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

سەكىر خۇسان: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، ئائىلىۋى كەشتىچىلىك دۇكىنىم چوڭ زاۋۇتقا ئايلىنىپ، ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە ئايالىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدۇم. ھازىر زاۋۇتنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن ئۈچ مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، يېتەكلەنگەن ئاياللار بارغانسېرى كۆپەيدى، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى.

سەكىر خۇساننىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، شىركەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز زورايدى. ئۇ زاۋۇت ئەتراپىدا تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، داشىتۇ يېزىسىدىكى دېھقان-چارۋىچىلار ۋە نامرات ئائىلىلەردىكى 50 نەچچە كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە تېخىمۇ كۆپ ئاياللار كەشتىچىلىك بىلەن شۇغۇللانماقتا، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى.

سەكىر خۇسان

ھۆكۈمەت ۋە ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، سەكىر خۇسان زاۋۇتقا يەنە قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ياسايدىغان ماشىنا ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالدى. ھازىر قاينار مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تىپ ئۆزگەرتىپ كىيىم-كېچەك، دورىلىق سوپۇن، قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۇنىۋېرسال كارخانىغا ئايلاندى.

سەكىر خۇسان: ئىگىلىك تىكلەش يولۇمدا پۇرسەتمۇ، خىرىسمۇ بولدى، بەزىدە ئىشلىرىم ئوڭۇشلۇق بولسا، بەزىدە ئوڭۇشسىزمۇ بولدى، لېكىن ھەر قانچە جاپا تارتساممۇ بەرداشلىق بەردىم. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، يۇرتداشلارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىشى، ھەر مىللەت ئاچا-سىڭىللىرىمنىڭ مەندىن ۋاز كەچمەسلىكى ئارقىلىق بۈگۈنكىدەك نەتىجىگە ئېرىشتىم. پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشى ئارقىسىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، زىممەمدىكى ۋەزىپە ئېغىر، بۇنىڭدىن كېيىن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، نامرات ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ھەسسە قوشىمەن. 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشايلى(3)

ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشايلى(3)