ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يىۋۇدا سىپارى سېتىش مەڭگۈلۈك مەنئى قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-09-22 09:49

جېجياڭ ئۆلكىسى يىۋۇ شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى: سىپارى سېتىش مەڭگۈلۈك مەنئى قىلىنىدۇ.

 

15-سېنتەبىر، جېجياڭ ئۆلكىسى يىۋۇ شەھىرى يىسەنلى كوچىسىدىكى قولاي ماگىزىننىڭ خوجايىنى شۈ ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: سىپارى سېتىش ئورنىدىن مال كىرگۈزگەن كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈندىدار توپىدا ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالدىم.  ئۇقتۇرۇشتا دېيىلىشىچە، شۇ جايدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى سودىگەرلەردىن دۇكان ئىچىدىكى سىپارىلارنى سېتىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

شۈ ئەپەندىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 36 ياشلىق ناخشىچى فۇ سۇڭ ئېغىز بوشلۇقى راكى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، دۇكانغا كېلىپ سىپارى سېتىۋالىدىغان خېرىدارلار ئادەتتىكىدىن ئازلاپ كەتكەن. شۈ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئادەتتە بىزنىڭ بۇ يەردىن سىپارى سېتىۋالىدىغانلارنىڭ كۆپرەكى تاماكىغا ئامراق ياش يىگىتلەر بولۇپ، ئۇلار ناخشىچى فۇ سۇڭنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزلىرىدىن سەل ئەنسىرەپ قالغان بولۇشى مۇمكىن».

19-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، مەلۇم داڭلىق سىپارى ماركىسىنىڭ يىۋۇ شەھىرىدىكى سېتىش سودىگىرى مۇخبىرغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، نۇرغۇن سودىگەرلەر مەندىن سىپارىنى سېتىشنى چەكلەشكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتۈردى، لېكىن ھازىرغىچە ئۇلار ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالمىدى. 14-سېنتەبىر شىركەت مال كىرگۈزۈشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈشنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ئىشنىڭ بۇنچە ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدۇق. ئەگەر سودىگەرلەر سىپارىنى ساتالمىسا، بىز بېرىپ ئۇلارغا ياردەملىشىپ مالنى ئېلىپ كېتىمىز.»

ئۆلكىلىك ۋە شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇشنىڭ راست ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى

يىۋۇ شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېدى: يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى يېمەكلىك تىجارەتچىلىرى يېمەكلىك ئورالمىسىغا ئورالغان ۋە ماركا بەلگىسى چاپلانغان سىپارى مەھسۇلاتلىرىنى ساتسا بولمايدۇ. بۇ ئۇقتۇرۇش قىسقا مۇددەتلىك چەكلەش ئۇقتۇرۇشى ئەمەس، بەلكى مەڭگۈلۈك. نۆۋەتتە، ئالدى بىلەن سودىگەرلەرنى سىپارىنى جازىدىن چۈشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەكلەيمىز. ئەگەر سودىگەرلەردە داۋاملىق سىپارى سېتىش قىلمىشى كۆرۈلسە، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇنىڭغا قارىتا جازالاش تەدبىرى قوللىنىدۇ.

جېجياڭ ئۆلكىلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى مۇنداق دېدى: 2020-يىلى ئېلان قىلىنغان «يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى تۈر مۇندەرىجىسى»دە «ئىستېمال قىلىنىدىغان سىپارى» تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇ يىل 9-ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، جېجياڭ ئۆلكىسى ئالاقىدار ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، سىپارىنى يېمەكلىك قاتارىدا سېتىشنى چەكلىدى.

سىپارىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىياسىتى تەدرىجىي ئالغا سىلجىتىلدى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ سىپارىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىياسىتى تەدرىجىي ئالغا سىلجىتىلدى ھەمدە بارغانسېرى چىڭىدى. 2017- يىلى، شۇ چاغدىكى دۆلەتلىك يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى سىپارى مېۋىسىنى بىرىنچى دەرىجىلىك راك پەيدا قىلغۇچى ماددا قاتارىغا كىرگۈزدى.

2019-يىلى، خۇنەن ئۆلكىلىك سىپارى كەسپى جەمئىيىتى خۇنەندىكى بارلىق سىپارى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىن شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق ئېلان تەشۋىقاتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

2020-يىلى، ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى «يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى تۈر مۇندەرىجىسى»دە «ئىستېمال قىلىنىدىغان سىپارى» تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.  

2021-يىلى 17-سېنتەبىر، دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شۇ كۈندىن باشلاپ رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە تور ئۈن-سىن پىروگراممىلىرىدىن پايدىلىنىپ سىپارى ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى تەشۋىق قىلىشنى توختاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ساغلاملىقنى قەدىرلەپ، سىپارىدىن يىراق تۇرايلى

خەلقئارا راك كېسەللىكى تەتقىقات مەركىزى 2003-يىلىلا سىپارىنى بىرىنچى دەرىجىلىك راك پەيدا قىلغۇچى ماددا سۈپىتىدە «قارا تىزىملىك»كە كىرگۈزدى. سىپارىنىڭ تالاسى يىرىك بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت چاينىسا شىللىق پەردە ۋە چىشنى زەخىملەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئالكالوئىد ھۈجەيرىلەرنى بىۋاسىتە ئۆلتۈرۈپ، ئېغىز بوشلۇقىنى زەخىملەندۈرىدۇ. شۇڭا، ئۇزۇن مۇددەت سىپارى چايناش ئېغىز بوشلۇقىغا «قوش زەربە» بولىدۇ. ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن بايقىلىشىچە، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىدە تالالىق ئۆزگىرىش كۆرۈلگەن بىمارلار ياشلىشىشقا يۈزلەنگەن، ئۇلارنىڭ يېشى 20 ياشتىن 30 ياشقىچە بولۇپ، ھەممىسىنىڭ سىپارى چايناش ئادىتى بار ئىكەن. خۇنەندە سىپارى كۆپ چىقىدىغان بولغاچقا، ئېغىز بوشلۇقى راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى باشقا ئۆلكىلەرنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى. سىپارى تەركىبىدە نىكوتىنغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر خىل ماددا سىپارى ئىشقارى بولغاچقا، ئادەمنى خۇمار قىلىپ، خۇشلۇق پەيدا قىلىدۇ، كۆنۈپ قالسا ئۇنى تاشلىغىلى بولمايدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا تەرەققىي قىلىپ ئېغىز بوشلۇقى راكى، يۇتقۇنچاق راكى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، سىپارى ئېلانى، سىپارى سېتىش ھەرىكىتى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدۇ.

ھاياتلىقنى قەدىرلەپ، سىپارىدىن يىراق تۇرايلى!

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يىۋۇدا سىپارى سېتىش مەڭگۈلۈك مەنئى قىلىندى

جېجياڭ ئۆلكىسى يىۋۇ شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى: سىپارى سېتىش مەڭگۈلۈك مەنئى قىلىنىدۇ.