ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يەر تەۋرەشتە يوقاپ كەتكەن گەن يۈ 17 كۈندىن كېيىن تېپىلدى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-09-25 09:09

9-ئاينىڭ 5-كۈنى سىچۈەننىڭ لۇدىڭدا 6.8 بال يەر تەۋرىدى. گەن يۈ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتدىشى لو يۇڭ  ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا نەچچە يۈز ئادەمنى قۇتقۇزۇپ قالدى، ئۆزلىرى بولسا ئىچىدە قاپسىلىپ قېلىپ سىرت بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى.

بۈگۈن خۇش خەۋەر يېتىپ كەلدى

ئالاقە ئۈزۈلگىنىگە 17 كۈن بولغان گەن يۈ تېپىلدى!

ئالاقە ئۈزۈلۈپ قېلىپ 17 كۈندىن كېيىن كەنت ئاھالىلىرى ئۇنى تاپتى، ھازىر ئەھۋالى ياخشى

گەن يۈنى تاپقان كەنت ئاھالىسى نى تەيگاۋنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يېقىن ئەتراپتىكى يەر شەكلىگە بىر قەدەر پىششىق بولۇپ، قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا گەن يۈنى ئىزدەۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۆزىمۇ بېرىپ ئىزدەپ بېقىشنى ئويلىغان، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۇ تۇغقىنىنىڭ ئۆيىدىن يولغا چىقىپ پىيادە ئىككى سائەتتىن ئارتۇق يول ماڭغاندىن كىيىن تاغ باغرىدا بىرسىنىڭ «قۇتقۇزۇڭلار» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ دەرھال بېرىپ، گەن يۈنىڭ ئورمانلىقتا ياتقانلىقىنى كۆرگەن.

نى تەيگاۋ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ ئەھۋالى يامان ئەمەستەك قىلاتتى، ئەمما مېنى كۆرۈپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى».

گەن يۈنىڭ ئامان-ئېسەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە خەتەردىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بولغان لو يۇڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمەن، ئۇنى بىر كۆرگۈم بار».

ھازىر گەن يۈنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى تۇراقلاشتى، يەرلىك قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى توپلاپ يۆتكەۋاتىدۇ

گەنيۈنى قۇتقۇزۇشنىڭ  ۋاقىت سىزىقى

9-ئاينىڭ 5-كۈنى

سىچۈەننىڭ لۇدىڭدا 6.8 بال يەر تەۋرىدى، لۇدىڭ چاڭيۈەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى لو يۇڭ بىلەن گەن يۈ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى چىڭ ساقلاپ، تۆۋەن ئېقىندىكى يۈزدىن ئارتۇق ئادەمنى قۇتقۇزدى، ئۆزلىرى ۋەندۇڭ كەنتىدە قاپسىلىپ قالدى.

9-ئاينىڭ 8-كۈنى

لو يۇڭ 75 سائەت قاپسىلىپ قالغاندىن كېيىن، ئوتۇنغا ئوت يېقىپ قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان، قۇتقۇزۇش خادىملىرى بېرىپ ئۇنى قۇتۇلدۇرغان.

گەن يۈنىڭ ماغدۇرى يەتمىگەچكە، ۋەندۇڭ كەنتىنىڭ باشقا يېرىدە قاپسىلىپ قېلىپ قۇتقۇزۇشنى كۈتكەن.

9-ئاينىڭ 9-كۈنى

 شۇ جايدا تۇمان كۆتۈرۈلۈپ يامغۇر ياغقاچقا، قۇتقۇزۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامال بولمىغان.

9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە

چېڭدۇ ۋە دېياڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە قۇتقۇزۇش ئەترىتى تىك ئۇچاردا تاغقا چىقىپ ئىزدىگەن بولسىمۇ، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ئادەمنى تاپالمىغان.

9-ئاينىڭ 21-كۈنى

شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى گەن يۈنى تېپىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇۋالغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يەر تەۋرەشتە يوقاپ كەتكەن گەن يۈ 17 كۈندىن كېيىن تېپىلدى!

9-ئاينىڭ 5-كۈنى سىچۈەننىڭ لۇدىڭدا 6.8 بال يەر تەۋرىدى. گەن يۈ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتدىشى لو يۇڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا نەچچە يۈز ئادەمنى قۇتقۇزۇپ قالدى