ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ چەتئەل زىيارىتىدە مۇھىم نەتىجىلەرگە ئېرىشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-21 11:17

رەئىس شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ 29-قېتىملىق بىرەسمىي يىغىنى ھەمدە تايلاندتىكى زىيارىتىدە مۇھىم نەتىجىلەرگە ئېرىشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە تەكلىپكە بىنائەن ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىغا بېرىپ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنىغا، تايلاندنىڭ باڭكوكقا بېرىپ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ 29-قېتىملىق بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە تايلاندتا زىيارەتتە بولدى، سەپەر ئاخىرلىشىش ئالدىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى ھەمراھ بولۇپ بارغان مۇخبىرلارغا بۇ قېتىمقى زىيارەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلغاندىن كېيىن، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويدى، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا سەپىرىنى باشلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئالتە كۈندۈز، بەش كېچىدە 30 نەچچە مەيدان پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ھەم كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيەنى پىلانلىدى، ھەم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتكە يېتەكچىلىك قىلدى؛ ھەم چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەم جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى؛ ھەم جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشىنى شەرھلىدى، ھەم دۇنيانىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى؛ ھەم ئۇلۇغۋار تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەم ئەمەلىي ھەرىكەت تەدبىرلىرىنى جاكارلىدى، بۇنىڭ مەزمۇنى مول، تەسىرى چوڭقۇر بولدى.

رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە كۆپ تەرەپلىك يىغىنلاردا مۇھىم سۆز قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتلىشىش قاتارلىق سورۇنلاردا سەمىمىي بولۇپ، 20-قۇرۇلتاي ھېكايىسى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ھېكايىسى، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش ھېكايىسىنى سىستېمىلىق، چوڭقۇر، مۇپەسسەل بايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى ياڭرىتىپ، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈش، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى كۈچلۈك سىگنالىنى يەتكۈزدى.

نۆۋەتتە، دۇنيا يەنە بىر قېتىم ئاچا يولدا تۇرماقتا، ئاسىيا كەينى كەينىدىن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ 29-قېتىملىق بىرەسمىي يىغىنىنى ئېچىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇش مۇھىم پەيتىنى كۈتۈۋالدى.

رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانلار دۇچ كېلىۋاتقان زور خىرىسلارنى ئەتراپلىق، چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، ئوچۇق رايونىزمدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ «ئاسىيا پەيتى» نى نامايەن قىلىپ، دەۋر سوئالىغا جۇڭگونىڭ جاۋابىنى بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە قىممەتلىك ئىشەنچ ئاتا قىلدى.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن بىلەن بالى ئارىلىدا يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشى ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بولۇپمۇ يۇقۇم پەيدا بولغاندىن بۇيانقى جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشى، شۇنداقلا 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنى مەزگىلىدە خەلقئارا جەمئىيەت ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن ئىككى تەرەپلىك پائالىيەت.

جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىدا بىر يۆنىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ رېلىستىن چىقىپ كونتروللۇقىنى يوقۇتۇپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ توغرا چىقىشىپ ئۆتۈش يولىنى تېپىپ چىقىش؛ بىر رامكا بېكىتىلدى، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپى ياكى ئىستراتېگىيەلىك رامكىسىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىلدى؛ بىر مۇساپە باشلاندى، ئۇ بولسىمۇ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى باشقۇرۇپ تىزگىنلەش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش.

خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەر بۇ قېتىمقى «باشلىقلار يىغىنى»دا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ «كۆۋرۈك سېلىش» مۇساپىسى باشلاندى، بۇ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يۆنىلىشىگە، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىدى.

رەئىس شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە ۋە تايلاندتىكى مەزگىلىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جۇڭگونىڭ ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى ئالدىنقى يۆنىلىشى، جۇڭگو ھىندونېزىيە، تايلاند قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، دىققەتنى تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بەش چوڭ ماكان» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

جۇڭگو-ھىندونېزىيە، جۇڭگو-تايلاند تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش-ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىنى نامايان قىلدى، بۇ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ پەقەت ئىدىيە ۋە شوئارلا بولماستىن، بەلكى ھەقىقىي سىياسەت ۋە ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، بۇ جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى تەڭ بەرپا قىلىشىغا ئۈلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ كەڭ خەلقئارا كۈچ مۇجەسسەملەيدۇ.

20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ 29-قېتىملىق بىرەسمىي يىغىنى مەزگىلىدە، بالى ئارىلىدىن باڭكوكقىچە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرى جۇڭگونىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتتە تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئىجابىي باھا بېرىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى كۈچلۈك ئارزۇسىنى بىلدۈردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرغانلىقىنى ناھايىتى قۇۋۋەتلىدى، جۇڭگونىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشتا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىچ، ئۈنۈملۈك باشلىقلار دىپلوماتىيەسى شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىش توغرا يول ۋە ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە لاگېر قارشىلىشىشى كىشىلەر قەلبىگە ياقمايدۇ، ئۇنىڭ بازىرى يوق. دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكى، جۇڭگونىڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان، جەزمەن ھەمكارلىشىدىغان دوست ۋە ھەمراھ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ چەتئەل زىيارىتىدە مۇھىم نەتىجىلەرگە ئېرىشتى

رەئىس شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ 29-قېتىملىق بىرەسمىي يىغىنى ھەمدە تايلاندتىكى زىيارىتىدە مۇھىم نەتىجىلەرگە ئېرىشتى