ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گوۋۇيۈەن يۇقۇمغا دائىر يېڭى ھۆججەت تارقاتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-23 08:27
ئەسلىي تېمىسى: گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمى نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، يۇقۇم خەتىرى بار رايونلارنى ئايرىش توغرىسىدا يېڭى ھۆججەت تارقاتتى

   يېقىندا، جايلار، تارماقلارنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يەنىمۇ يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسى «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش چارىسى»، «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىكى خەتەرلىك رايونلارنى ئايرىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش لايىھەسى» قاتارلىق تۆت ھۆججەتنى تارقىتىپ، نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، يۇقۇم خەتىرى بار رايونلارنى ئايرىش قاتارلىقلارغا دائىر ئۆلچەملەرنى ئايدىڭلاشتۇردى.
   دائىملىق كۆزىتىش
   (1) داۋالاش ئاپپاراتىغا كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەنلەرنى تەكشۈرۈش قىزىپ قالغان بارلىق بىمارلارنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش كېرەك.
■سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار ۋە دوختۇرخانىدا ياتقان بىمارلار ئىچىدىكى نەپەس يولى ئېغىر، جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش كېرەك.
■دوختۇرخانىغا يېڭى كىرگەن بارلىق بىمارلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش كېرەك.
■مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتى، كەنت شىپاخانىسى ۋە يەككە شىپاخانىلاردا گۇمانلىق بىمار بايقالغان بولسا، ئىككى سائەت ئىچىدە مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى ياكى يېزا-بازار شىپاخانىسىغا دوكلات قىلىپ، «كەنتتىكىلەر دوكلات قىلىش، يېزىدا ئەۋرىشكە ئېلىش، ناھىيەدە تەكشۈرۈش» بويىچە نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئانتىگېننى ماس قەدەمدە تەكشۈرۈپ، يۇقۇمنى بالدۇرراق بايقاش كېرەك.

   (2) خەتەرلىك كەسىپتىكى توپلارنى تەكشۈرۈش
چېگرادىن كىرگەن ئادەم، بۇيۇملار بىلەن ۋە ئۇلار ئۇچراشقان مۇھىت بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىدىغان خادىملار (مەسىلەن، چېگرا ھالقىغان قاتناش ۋاسىتىلىرىدىكى شوپۇرلار، تازىلىقچىلار، رېمونتچىلار، پورتتا ئىمپورت قىلىنغان بۇيۇملارنى توشۇغۇچىلار، تاموژنا، كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش تارماقلىرىدىكى چېگرادىن كىرگەن ئادەم ۋە بۇيۇملار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىدىغان بىرىنچى سەپتىكى خادىملار)، مەركەزلىك ئايرىش سورۇنلىرىدىكى خادىملار، بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئادەتتىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەر كۈنى بىر قېتىم تەكشۈرۈش كېرەك.
كىشىلەر توپلىشىدىغان مۇھىتتا ئىشلەيدىغانلار، كىشىلەر بىلەن كۆپ ئۇچرىشىدىغان، يۆتكىلىشچانلىقى كۈچلۈك كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار (مەسىلەن، تېز يەتكۈزۈش، تاماق يەتكۈزۈش، مېھمانخانا مۇلازىمىتى، بېزەش مۇلازىمىتى، يۈك چۈشۈرۈش-توشۇش مۇلازىمىتى، قاتناش-تىرانسپورت مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار، سودا سارىيى، تاللا بازىرى ۋە يېزا ئىگىلىك بازارلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملار)، چېگرا ئېغىزىدىكى باشقۇرۇش خادىملىرى ۋە ئادەتتىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدىن باشقا بۆلۈم، ئىشخانىلىرىدىكى خادىملار قاتارلىقلارنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم تەكشۈرۈش كېرەك. تۇرۇشلۇق رايوندا بىر ياكى بىردىن ئارتۇق يۇقۇملانغۇچى كۆرۈلگەن بولسا، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەتىرى ياكى شۇ جايدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە ئاساسەن، نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتىش كېرەك.
   (3) نۇقتىلىق ئاپپارات ۋە نۇقتىلىق سورۇنلاردىكى خادىملارنى تەكشۈرۈش
مەكتەپ ۋە يەسلى ئاپپاراتلىرى، كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى، بالىلار پاراۋانلىق ساھەسىگە دائىر مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى، روھىي كېسەللىكلەر مەخسۇس دوختۇرخانىسى، تەربىيەلەش ئاپپاراتى قاتارلىق نۇقتىلىق ئاپپاراتلار، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سورۇنلىرى، ئىشلەپچىقىرىش سېخى، قۇرۇلۇش ئورنى قاتارلىق ئادەم كۆپ يىغىلىدىغان سورۇنلاردىكى ئالاقىدار خادىملارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى دائىملىق كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، شۇ جاينىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك.
تۇرۇشلۇق رايوندا بىر ياكى بىردىن ئارتۇق يۇقۇملانغۇچى كۆرۈلگەن بولسا، بارلىق خادىملارنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى دەرھال بىر قېتىم تەكشۈرۈش كېرەك، ئاندىن تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەتىرىگە ئاساسەن، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە %20 خادىمدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ياكى شۇ رايوننىڭ تەكشۈرۈش تەلىپى بويىچە تەكشۈرۈش كېرەك.
   (4) مەھەللىلەر باشقۇرۇشىدىكى كىشىلەر توپىنى تەكشۈرۈش
■يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىپ كېسەلخانا (چاسا بۆلمە)دا داۋالىنىپ چىققاندىن كېيىن مەھەللىلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەنلەر ۋە ئۇلار بىلەن بىللە تۇرىدىغانلارنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى 3-، 7-كۈنلىرى بىر قېتىمدىن تەكشۈرۈش كېرەك.
■يېپىق مۇھىتتىكى مەشغۇلاتنى ئاياغلاشتۇرغان خەتەرلىك ئىش ئورۇنلىرىدىكى كەسىپكارلارغا «بەش كۈن ئۆيدە تۇرۇپ سالامەتلىكىنى كۆزىتىش» تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك، بۇ مەزگىلدە رەڭلىك ساغلاملىق كودى ئارقىلىق باشقۇرۇپ، 1-، 3-، 5-كۈنلىرى بىر قېتىمدىن نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش كېرەك، بۇ خادىملار ئالاھىدە زۆرۈرىيەت بولمىسا سىرتقا چىقماسلىقى كېرەك.
■خەتىرى يۇقىرى رايوندىن كەتكەنلەرگە «يەتتە كۈن ئۆيدە ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش» تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك، بۇ مەزگىلدە رەڭلىك ساغلاملىق كودى ئارقىلىق باشقۇرۇش، سىرتقا چىقىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق، 1-، 3-، 5-، 7-كۈنلىرى بىر قېتىمدىن نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش كېرەك. باشقۇرۇش مۇددىتى 7 كۈن بولۇپ، خەتەرلىك رايوندىن ئايرىلغان كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل كىشىلەر بارغان جايدىكى ئورۇنلار ئۇلارنى بايقىغان ھامان دەرھال بىر قېتىم نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش كېرەك، كېيىنكى قەدەمدە تەلەپ بويىچە داۋاملىق تەكشۈرۈشى كېرەك؛ تەكشۈرۈپ بايقىغان چاغدا، ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ خەتەرلىك رايوندىن ئايرىلغىنىغا 7 كۈندىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، دەرھال بىر قېتىم نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش كېرەك، ئائىلىدە ئايرىپ كۆزىتىش ھاجەتسىز.
■تۆۋەن خەتەرلىك رايوندىن كەلگەنلەرنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەر ئۈچ كۈندە ئىككى قېتىم تەكشۈرۈش، ھەر قېتىملىق تەكشۈرۈشنىڭ ئارىلىقىدىكى ۋاقىت 24 سائەتكە توشۇش كېرەك.
■يۇقۇمغا چېتىشلىق سورۇنلارغا بارغانلارنىڭ ھۆكۈم چىقىرىلغاندىن كېيىنكى 1-، 3-كۈنلىرى بىر قېتىمدىن نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش كېرەك.
■مەركەزلىك ئايرىۋېتىش بىكار قىلىنغان يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار ۋە چېگرا سىرتىدىن كىرگەنلەرنىڭ ئائىلىدە ئايرىۋېتىلگەن 1-، 3-كۈنلىرى  بىر قېتىمدىن نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش كېرەك.
■تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك باشقا كىشىلەرگە قارىتا تۇرۇشلۇق رايوننىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپى بويىچە نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ۋە سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە خەتەرلىك كىشىلەر بايقالسا، نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى دەرھال بىر قېتىم تەكشۈرۈش كېرەك.

   (5) دورا سېتىۋالغۇچىلارنى تەكشۈرۈش
يەرلىك يۇقۇملانغۇچىلار بايقالغان رايونلاردا، تەۋەلىكتىكى دورا دۇكانلىرى قىزىتما قايتۇرۇش، ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش، ئانتىبىئوتىك دورا، يۆتەل توختىتىش، زۇكامنى داۋالاش قاتارلىقلارغا دائىر دورىلارنى سېتىۋالغانلارنى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملىشى ھەمدە تىزىملىكنى تەۋەلىكىدىكى كوچا (مەھەللىلەرگە) يەتكۈزۈپ بېرىشى، باشقۇرغۇچى ئورۇنلار دورا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرتۈشىگە ۋاقتىدا ھەيدەكچىلىك قىلىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا، ئالدى بىلەن بىر قېتىم ئانتىگېن تەكشۈرۈشى كېرەك.
   (6) رايون ھالقىپ يۆتكەلگەنلەرنى تەكشۈرۈش
■«ئىختىيارىي بولۇش، ھەقسىز بولۇش، ئەۋرىشكە ئېلىپ بولۇپلا مېڭىشىغا رۇخسەت قىلىش، يۆتكىلىشىنى چەكلىمەسلىك» پىرىنسىپى بويىچە، ئايرودۇرۇم، پويىز ئىستانسىسى، ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش بېكىتى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئۆلكە چېگرىسى مۇلازىمەت رايونى، پورت قاتارلىق جايلاردا نۇكلېئىك كىسلاتاسى ئەۋرىشكىسى ئېلىش نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئۆلكە ھالقىپ يۆتكەلگەنلەرنى «مەنزىلگە بارغاندا تەكشۈرۈش» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش،  ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىققانلارنى ھەربىر جايغا بارغاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

■يولۇچىلار 48 سائەت ئىچىدىكى نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىسپاتى بىلەن ئايروپىلان، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز، ئۆلكە ھالقىغان ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىلى، ئۆلكە ھالقىغان يولۇچىلار پاراخوتى قاتارلىق قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرسا بولىدۇ. قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزىدىن ئايرىلماقچى بولغانلار 48 سائەت ئىچىدىكى نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىسپاتىنى كۆرسىتىشى كېرەك.
■مېھمانخانا، مېھمانساراي ۋە ساياھەت مەنزىرە رايونىغا كىرمەكچى بولغانلار ساغلاملىق كودى ۋە 72 سائەت ئىچىدىكى نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىسپاتىنى كۆرسىتىشى كېرەك.
■ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار، بالىلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەرنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىسپاتىنى كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدۇ.

   ھەرقايسى رايونلاردىكى نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش
   (1) ئۆلكە مەركىزىي شەھىرى ۋە نوپۇسى 10 مىليوندىن ئاشىدىغان شەھەرلەر
■يۇقۇم كۆرۈلگەندە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تارقىلىش زەنجىرى ئېنىق بولماسلىق، خەتەرلىك سورۇنلار ۋە خەتەرلىك ئادەم سانى كۆپ بولۇش، خەتەرلىك كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت ئىكەنلىكى، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ كېتىش خەۋپى بارلىقى بايقالغان بولسا، يۇقۇم كۆرۈلگەن رايوندا ھەر كۈنى بىر قېتىم نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش كېرەك. نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى ئۇدا ئۈچ قېتىم تەكشۈرگەندىن كېيىن، جەمئىيەتتە يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولسا، ئۈچ كۈندە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش كېرەك، جەمئىيەتتە داۋاملىق يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىسا نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى توختاتسا بولىدۇ.
■يۇقۇملانغۇچىلار كۆپ ھەرىكەت قىلغان، ئۇزۇن ۋاقىت تۇرغان باشقا رايونلاردا، ئېپىدېمىيولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئاساسىدا يۇقۇم خەۋپى بار رايوننى ئايرىپ ئومۇميۈزلۈك نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش كېرەك. پىرىنسىپ جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ھەر كۈنى بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئۇدا ئۈچ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە جەمئىيەتتە يۇقۇملانغۇچى بايقالمىسا، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى توختىتىشقا بولىدۇ.
■رايون سىرتىدىكى كەڭ مەھەللىلەردە يۇقۇم تارقىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، دەرىجە ئۆستۈرۈپ قوماندانلىق قىلىش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك يۇقۇمنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمى پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە ئومۇميۈزلۈك نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ياكى تەكشۈرمەسلىكنى قارار قىلىدۇ.
   (2) ئادەتتىكى شەھەرلەر
■يۇقۇم يۈز بەرگەندە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تارقىلىش زەنجىرى ئېنىق بولماسلىق، خەتەرلىك سورۇنلار ۋە خەتەرلىك ئادەم سانى كۆپ بولۇش، خەتەرلىك كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت ئىكەنلىكى، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ كېتىش خەۋپى بارلىقى بايقالغان بولسا، يۇقۇم كۆرۈلگەن شەھەرنىڭ شەھەر رايونىدا ھەر كۈنى بىر قېتىم نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش كېرەك. نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى ئۇدا ئۈچ قېتىم تەكشۈرگەندىن كېيىن، جەمئىيەتتە يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولسا، ئۈچ كۈندە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش كېرەك، جەمئىيەتتە داۋاملىق يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىسا نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى توختاتسا بولىدۇ.
■شەھەر رايونىنىڭ سىرتىدىكى رايونلاردا، ئېپىدېمىيولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئاساسىدا يۇقۇم خەۋپى بار رايوننى ئايرىپ ئومۇميۈزلۈك نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش كېرەك، پىرىنسىپ جەھەتتە  ھەر كۈنى بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش كېرەك، ئۇدا ئۈچ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە جەمئىيەتتە يۇقۇملانغۇچى بايقالمىسا، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى توختىتىشقا بولىدۇ.
   (3) يېزا رايونلىرى
■يۇقۇم يۈز بەرگەندە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تارقىلىش زەنجىرى ئېنىق بولماسلىق، خەتەرلىك سورۇنلار ۋە خەتەرلىك ئادەم سانى كۆپ بولۇش، خەتەرلىك كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت ئىكەنلىكى، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ كېتىش خەۋپى بارلىقى بايقالغان بولسا، يۇقۇمغا چېتىلىدىغان تەبىئىي كەنت ۋە ئۇ تەۋە يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي ۋە تۇرۇشلۇق ناھىيە بازىرىدا ھەر كۈنى بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش كېرەك. نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى ئۇدا ئۈچ قېتىم تەكشۈرگەندىن كېيىن، جەمئىيەتتە يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولسا، ئۈچ كۈندە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش كېرەك، جەمئىيەتتە داۋاملىق يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىسا نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى توختىتىشقا بولىدۇ.
■يۇقۇم نۇرغۇن يېزا-بازارغا تەسىر كۆرسەتكەندە، ئېپىدېمىيولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئاساسىدا، نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. پىرىنسىپ جەھەتتە ھەر كۈنى بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشى كېرەك، ئۇدا ئۈچ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە جەمئىيەتتە يۇقۇملانغۇچى بايقالمىسا، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى توختىتىشقا بولىدۇ.

   خەتىرى يۇقىرى رايون
(1) ئايرىش ئۆلچىمى
پىرىنسىپ جەھەتتە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تۇرۇشلۇق جايى، شۇنداقلا كۆپ ھەرىكەت قىلغان، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان خىزمەت ئورنى ۋە ھەرىكەت قىلغان ئورۇن قاتارلىقلار خەتىرى يۇقىرى رايون قىلىپ ئايرىلىدۇ. خەتىرى يۇقىرى رايونلار ئادەتتە بىنا ئىشىكى، بىنانى بىرلىك قىلىپ بېكىتىلىدۇ. يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەتىرى ئېنىق بولمىغان ياكى مەھەللىلەردە كەڭ كۆلەمدە تارقىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەھۋالدا، خەتەرلىك رايون دائىرىسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىشكە بولىدۇ. خەتەرلىك رايون دائىرىسىنى ئېپىدېمىيولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئاساسىدا تەڭشەش كېرەك.
(2) ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى
■كونترول قىلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان جەرياندا «ئاھالىلەر ئۆيدىن چىقماسلىق، خادىملار ئۆيگىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش» تەلىپى ئەمەليلەشتۈرۈلىدۇ. 24 سائەت چارلاش دىجورنىلىقى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىلىرى، ئېلېكترونلۇق سىگنال بېرىش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلار ئورنىتىلىپ، كىشىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش تەلىپى قاتتىق يۈرگۈزۈلىدۇ. كېسەل كۆرسىتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سىرتقا چىقىشقا توغرا كەلسە، مەھەللە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىشخانىسىنىڭ ماسلىشىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە مەخسۇس ئادەم، مەخسۇس ئاپتوموبىل ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن مۇساپىدە شەخسىي مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك .
■كونترول قىلىش-تىزگىنلەش تەدبىرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى ئۈچ كۈندە ئالاقىدار كىشىلەر ئۇدا ئۈچ قېتىم تەكشۈرۈلىدۇ، بىرىنچى كۈنى ۋە ئۈچىنچى كۈنى ئىككى قېتىم نۇكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈلىدۇ، 2-كۈنى بىر قېتىم ئانتىگېن تەكشۈرۈلىدۇ. كېيىنكى تەكشۈرۈش قېتىم سانى ئالدىنقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن بېكىتىلسە بولىدۇ؛ باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى بىكار قىلىشتىن ئىلگىرىكى 24 سائەت ئىچىدە، رايون ئىچىدە نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش كېرەك.
■كونترول قىلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە يېڭى يۇقۇملانغۇچى بايقالسا، شۇ جايدىكى بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمى خەۋپ-خەتەر دەرىجىسىگە ھۆكۈم قىلىدۇ، «بىر رايونغا بىر سىياسەت چىقىرىش» تەلىپى بويىچە، ئەسلىدىكى تىزگىنلەنگەن رايوننىڭ ھەممىسىنىڭ ياكى بىر قىسمىنىڭ تىزگىنلىنىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ.
(3)كونترول قىلىش-تىزگىنلەشنى بىكار قىلىش شەرتى
خەتىرى يۇقىرى رايوندا ئۇدا بەش كۈن يۇقۇملانغۇچى بايقالمىغان بولسا، 5-كۈنى خەتەرلىك رايوندىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى ئىلغاپ تەكشۈرۈشتە نەتىجىسى تولۇق مەنپىي بولغان بولسا، مەزكۇر رايوننىڭ خەتەر دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىدۇ. كونترول قىلىش-تىزگىنلەشنى بىكار قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خەتىرى يۇقىرى رايونلارنى ۋاقتىدا ئېچىۋېتىش كېرەك.

   خەتىرى تۆۋەن رايون
خەتىرى يۇقىرى رايون جايلاشقان ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن)دىكى باشقا رايونلار خەتىرى تۆۋەن رايون قىلىپ بېكىتىلىدۇ. رايون ئىچىدىكى ئاھالىلەر تەلەپ بويىچە نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈتىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئىمكانقەدەر سىرتقا چىقماسلىقى، توپلاشماسلىقى، سىرتقا چىقىشقا توغرا كەلسە شەخسىي قوغدىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشى؛ يېپىق ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرمەكچى بولغاندا ئالدىن كېلىشىش، توپلىشىشتىن ساقلىنىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، تىزىملاش، ماسكا تاقاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەردىن ئايرىلماقچى بولسا 48 سائەت ئىچىدىكى نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىسپاتىنى ئېلىشى كېرەك.
خەتىرى يۇقىرى رايون ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن) دا دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش كېرەك.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

گوۋۇيۈەن يۇقۇمغا دائىر يېڭى ھۆججەت تارقاتتى

گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمى نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، يۇقۇم خەتىرى بار رايونلارنى ئايرىش توغرىسىدا يېڭى ھۆججەت تارقاتتى