ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۇزاق مۇددەت كونترولنى بوشاتماسلىقنى تۈزىتىش كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-24 08:43

ئەسلى تېمىسى: خالىغانچە «تۇرغۇن باشقۇرۇش»، ئۇزاق مۇددەت كونترولنى بوشاتماسلىقنى تۈزىتىش كېرەك
   گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمى 22-نويابىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، يىغىنغا دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، دۆلەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ۋە جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى قاتناشتى. يىغىندا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى كەم-كوتىسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۆۋەتتىكى يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇشقا دائىر ئەھۋاللار تونۇشتۇرۇلدى.

خىزمەتچى خادىملار چاسا بۆلمە تەجرىبىخانىسىدا نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرمەكتە

قاتلاممۇقاتلام چەك قويۇش ئەھۋاللىرى داۋاملىق تۈزىتىلىدۇ

   دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى مى فېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا، مەملىكەت بويىچە يەرلىكتە تارقالغان يۇقۇمدا تارقىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇش، تارقىلىش زەنجىرى كۆپ بولۇش، كېڭىيىش دائىرىسى كەڭ بولۇشتەك كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. قاتلاممۇقاتلام چەك قويۇش ئەھۋاللىرىنى داۋاملىق تەرتىپكە سېلىپ، باشقۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى قەتئىي باشقۇرۇش، ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىش مەزگىلىدىكى ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى ۋە داۋالىنىش ئېھتىياجىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.
   دۆلەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەھكىمىسىنىڭ 2-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى خۇ شياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جايلار قاتلاممۇقاتلام چەك قويۇش مەسىلىلىرىنى تۈزىتىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، مەكتەپنى خالىغانچە كونترول قىلىپ دەرس توختىتىش، ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش، قاتناشنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ توسۇش، خالىغانچە «تۇرغۇن باشقۇرۇش»، خالىغانچە كونترول قىلىش، ئۇزاق ۋاقىت كونترولنى بوشاتماسلىق، كېسەل كۆرۈشنى خالىغانچە توختىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تۈزىتىپ، ئاممىنىڭ ئەرز قىلىش، پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئامما ئەرز قىلغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، 20 تۈرلۈك ئەلالاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

گۇاڭجۇ شەھىرى لىۋەن رايونىدىكى شەھەر ئاھالىلىرى 9-نويابىر خۇالىن كوچىسى نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرتمەكتە

يېقىنقى مەزگىلدىكى يۇقۇمدا قانداق ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلدى؟

   بىرىنچىدىن، يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى داۋاملىق كۆپەيدى. 1-نويابىردىن بۇيان مەملىكەت بويىچە 253 مىڭ يۇقۇملانغۇچى دوكلات قىلىندى، يېقىنقى بىر ھەپتىدە ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 22 مىڭ 200 بىمار دوكلات قىلىندى، ئالدىنقى ھەپتىگە قارىغاندا بىر ھەسسە ئاشتى.
   ئىككىنچىدىن، يۇقۇم دائىرىسى كەڭ، تارقىلىش زەنجىرى مۇرەككەپ بولماقتا. كۆپ ساندىكى ئۆلكىلەردە يۇقۇم داۋاملىق يۈز بەرمەكتە، نۇرغۇن ئۆلكىلەردە يۇقۇمنىڭ تارقىلىش دائىرىسى كەڭ، تارقىلىش زەنجىرى كۆپ بولماقتا، بەزى ئۆلكىلەردىكى يۇقۇم ئەھۋالىدا ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت كۆرۈلدى.
   ئۈچىنچىدىن، نوپۇسى زىچ شەھەرلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق رايون بولۇپ قالدى.
   گۇاڭجۇ، چۇڭچىڭ قاتارلىق نوپۇسى زىچ شەھەرلەردە، نوپۇس كۆلىمى چوڭ، كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشى كۆپ، ئالىي مەكتەپ قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇنلار مەركەزلەشكەن، ئادەملەر توپلىشىدىغان ھەرىكەت قىلىش ئەھۋالى كۆپ بولغاچقا، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش، كېڭىيىش خەتىرى ئېغىرلىشىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئېشىپ كەتتى.

2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىلاردا قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلىش، تەسىس قىلىشقا تېگىشلىكلىرىدە تولۇق تەسىس قىلىش، ئېچىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئېچىش كېرەك

   دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى داۋالاش بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى گو يەنخۇڭ مۇنداق دېدى: 2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىلاردا قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلىش، تەسىس قىلىشقا تېگىشلىكلىرىدە تولۇق تەسىس قىلىش، ئېچىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئېچىش تەلەپ قىلىنىدۇ. قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ ئادرېسى، تېلېفون نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش كېرەك.
   يۇقۇم يۈز بەرگەن رايونلاردا،
   بىرىنچى، داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئىلمىي، دەل جايىدا ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىنىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى باھانە قىلىپ، يۇقۇم يۈز بەرگەن داۋالاش ئاپپاراتىنى كونترول قىلىپ، ئۇزاق ۋاقىت تاقاپ قويۇشقا بولمايدۇ. داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى، دىيالىز بۆلۈمى، ئوپېراتسىيە ئۆيى، ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيى، تۇغۇت ئۆيى قاتارلىقلارنى پىرىنسىپ جەھەتتە «زۆرۈرىيەت بولمىسا تاقىماسلىق» كېرەك.
   ئىككىنچى، ئۇچۇرنى ئاشكارىلاشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېھتىياجى سەۋەبىدىن ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇشقا توغرا كېلىدىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى يەرلىك تاراتقۇلار، دوختۇرخانا ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرى، مەھەللە ئىچىدىكى چوڭ ئېكران قاتارلىقلاردا شەھەر ئاھالىلىرىگە ئېلان قىلىش كېرەك.
   ئۈچىنچى، ھەقىقەتەن كونترول قىلىپ باشقۇرۇش زۆرۈر بولغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، ئاھالىلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا ئىشلەپ، يۇقۇملىنىش خەتىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە تۈگىتىپ، كونترولنى تېز ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك. كونترولنى بىكار قىلىش شەرتىگە يەتكەندە شەھەر ئاھالىلىرىگە داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ كېسەل كۆرۈشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىش كېرەك.
   جايلاردىكى دوختۇرخانىلاردىن جىددىي قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى يەنىمۇ تولۇقلاپ ۋە ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، 120 قاتارلىق جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونى ۋە خەلققە قولاي مۇلازىمەت يوللىرىنى ئىلمىي تەسىس قىلىپ، بىمارلارنىڭ تەلىپىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۇزاق مۇددەت كونترولنى بوشاتماسلىقنى تۈزىتىش كېرەك

ئەسلى تېمىسى: خالىغانچە «تۇرغۇن باشقۇرۇش»، ئۇزاق مۇددەت كونترولنى بوشاتماسلىقنى تۈزىتىش كېرەك