ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

​ئۈرۈمچىدە خەتىرى تۆۋەن بىنادىكىلەر پەسكە چۈشۈپ ھەرىكەت قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-24 08:44
11-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.
   يىغىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جېڭ دېلۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى..
   پۈتۈن شەھەردە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە سەۋرچانلىق بىلەن چىڭ تۇرۇش، بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈرىشىدە پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى.
بولۇپمۇ ئالدىنقى باسقۇچتىكى مەركەزلىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، يۇقۇم كۆلىمى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىپ، سىجىل تۆۋەنلىدى، خەتىرى يۇقىرى رايونلارنىڭ دائىرىسى ئۈزلۈكسىز تارىيىپ، ئۇدا نەچچە كۈن يۇقۇملانغۇچىلار يېڭىدىن كۆپەيمىگەن خەتىرى تۆۋەن رايونلار بارغانسېرى كۆپەيدى.
  بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە، خەتىرى تۆۋەن رايونلاردىكى ئاھالىلەر بىنادىن چۈشۈپ ھەرىكەت قىلدى.
   يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە يەنە بىنادىن چۈشۈپ ھەرىكەت قىلىدىغان ئاھالىلەرنىڭ دائىرىسى داۋاملىق كېڭەيتىلىدۇ. بۇ خەتىرى تۆۋەن رايونلار بىلەن ئەتراپتىكى خەتىرى تۆۋەن رايونلار مەركەزلىك تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا ھۆكۈم چىقىرىلىپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىكى يۆتكىلىش تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

​ئۈرۈمچىدە خەتىرى تۆۋەن بىنادىكىلەر پەسكە چۈشۈپ ھەرىكەت قىلدى

بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە، خەتىرى تۆۋەن رايونلاردىكى ئاھالىلەر بىنادىن چۈشۈپ ھەرىكەت قىلدى.