ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جياڭ زېمىننىڭ ئۇلۇغ شانلىق ھاياتى (1)

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-03 18:32

جياڭ زېمىننىڭ ئۇلۇغ شانلىق ھاياتى (1)

 

جياڭ زېمىن-پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ئېتىراپ قىلغان يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە ئاتاقلىق رەھبەر، ئۇلۇغ ماركسىزمچى، ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، ھەربىي ئالىم، دىپلومات، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن كوممۇنىزم جەڭچىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، پارتىيەنىڭ 3-ئەۋلاد مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يادروسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق بەرپاچىسى.

جياڭ زېمىننىڭ ھاياتى-شانلىق، جەڭگىۋار ھايات. 70 نەچچە يىللىق ئىنقىلابىي ھاياتىدا، ئۇ كوممۇنىزم غايىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمىگەن، پارتىيە ۋە خەلققە چەكسىز سادىق بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلغان.

پارتىيە 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇۋاتقان، دۇنيا سوتسىيالىزمى ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان جىددىي سىناق ئالدىدا، جياڭ زېمىن پارتىيەنىڭ مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى باشلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە زىچ تايىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى قوغداپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى 21-ئەسىرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك يۈزلەندۈرۈپ، مەڭگۈ ئۆچمەس تۆھپە يارىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ چىن قەلبىدىن ھۆرمەتلىشىگە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان.

1926-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى، جياڭ زېمىن جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ياڭجۇ شەھىرىدە بىر ۋەتەنپەرۋەر زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. جياڭ زېمىن كىچىكىدىن تارتىپلا ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسى ۋە دېموكراتىك ئىنقىلاب ئىدىيەسىدىن ئىلھام ئالغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىتابخۇمار، ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلە مۇھىتىدا جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن چوڭقۇر ئوزۇق ئالغان. جياڭ زېمىن ياڭجۇ دۇڭگۈەن باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە ياڭجۇ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان، ياڭجۇ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە يۇرتىنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرى بېسىۋالغان، ئۇ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ۋەتەنپەرۋەر داڭلىق قوماندان شى كېفانىڭ مېيخۇالىڭدىكى قەبرىسىنى دائىم زىيارەت قىلىپ، شىگۇڭسىغا يېزىلغان «بەرگى مېيخۇا تۆكۈلەر مۇنقەرز ئاۋام ياشىدەك، دىل پۇچۇلدى، چۈشتى باش، سادىق ئەمىر باشىدەك» دېگەن مەسنەۋىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلىگەن.

1943-يىلى، جياڭ زېمىن نەنجىڭ مەركىزى داشۆسى ئېلېكتىرو ماشىنا فاكۇلتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، تەرەققىيپەرۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، جياڭ زېمىن شاڭخەي قاتناش داشۆسى ئېلېكتىرو ماشىنا فاكۇلتېتىغا ئالمىشىپ ئوقۇغان. 1946-يىلى 4-ئايدا، جياڭ زېمىن جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرىپ، كوممۇنىزم جەڭچىسىگە ئايلانغان. جياڭ زېمىن پارتىيەنىڭ يەر ئاستى خىزمىتى بىلەن پائال شۇغۇللىنىپ، تىغ ئۇچىنى گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا بىۋاسىتە قاراتقان ئاچارچىلىققا، ئىچكى ئۇرۇشقا، زىيانكەشلىككە قارشى ۋەتەنپەرۋەر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، ئىنقىلابىي يولداشلارنى ھىمايە قىلغان.

1947-يىلى، جياڭ زېمىن شاڭخەي قاتناش داشۆسى ئېلېكتىرو ماشىنا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شاڭخەي لياڭفۇ تەجرىبە زاۋۇتىدا ئىشلەپ، ئىنژېنېر، ئىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئېلېكتىر ئىش مەيدانىنىڭ مۇدىرى، دىنامىكا سېخىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. بۇ مەزگىلدە، ئۇ ئىشچىلار ئاممىسى ئارىسىدا ھەم ياشلار ئۇيۇشمىسى كەچ كۇرسىدىكى كەسپىي ياشلار ئارىسىدا ئىنقىلابىي تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، 1949-يىلى ئىشچىلار ئاممىسىنى زاۋۇتنى قوغداش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، شاڭخەينىڭ ئازادلىقىنى كۈتۈۋالغان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، جياڭ زېمىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شاڭخەي يىمىن يېمەكلىك 1-زاۋۇتىنىڭ 1-مۇئاۋىن باشلىقى، شاڭخەي سوپۇن زاۋۇتىنىڭ 1-مۇئاۋىن باشلىقى، 1-ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىقى شاڭخەي 2-لايىھەلەش شۆبە ئىدارىسى ئېلېكتىر سايمانلىرى كەسپىي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. يىمىن يېمەكلىك زاۋۇتىدىكى مەزگىلدە، ئۇ «گۇاڭمىڭ»  ناملىق يېمەكلىك ماركىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە بارلىققا كەلتۈرۈشكە مەسئۇل بولغان؛ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن، ئۇ جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسمىنى مەخسۇس تەمىنلەيدىغان كونسېرۋا يېمەكلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا تەشكىللىگەن. 2-لايىھەلەش شۆبە ئىدارىسىدىكى مەزگىلدە، ئۇ يېڭى جۇڭگودىكى ئېلىمىزدە تۇنجى ئىشلەنگەن پار تۇربىنىلىق گېنېراتورنى لايىھەلەش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان.

1954-يىلى 9-ئايدا، جياڭ زېمىن بۇيرۇققا بىنائەن چاڭچۈن 1-ئاپتوموبىل زاۋۇتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان، 1955-يىلى 4-ئايدا موسكۋادىكى ئىستالىن ئاپتوموبىل زاۋۇتىغا بېرىپ پىراكتىكا قىلغان، 1956-يىلى 5-ئايدا ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن چاڭچۈن 1-ئاپتوموبىل زاۋۇتىدا دىنامىكا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مۇئاۋىن باش دىنامىكا ئىنژېنېرى ۋە دىنامىكا شۆبە زاۋۇتىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1961-يىلى، كۆمۈر تەمىناتى جىددىي بولغاندا، جياڭ زېمىن دىنامىكىلىق پار قازىنىنى خام نېفىت كۆيدۈرۈشكە ئۆزگەرتىش چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇشىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن، بۇ قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان.

1962-يىلى، جياڭ زېمىن 1-ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىقى شاڭخەي ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىلىم-پەن تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، بۇ تەتقىقاتخانىنىڭ پەن تەتقىقات رەھبەرلىك خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، ئەينى چاغدا دۆلەت جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان J02 كىچىك تىپلىق بىماس قەدەملىك ئېلېكتىرو ماشىنا يۈرۈشلۈكىنى لايىھەلەش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا رىياسەتچىلىك قىلغان. 1964-يىلى ۋە 1965-يىلى، جياڭ زېمىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈپىتىدە ياپونىيە، فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئېلېكتىر تېخنىكىسى كومىتېتىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان ھەم چەتئەللەرنىڭ ئېلېكتىرو پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.

1966-يىلى 5-ئايدا، جياڭ زېمىن ۋۇخەن ئىسسىقلىق تېخنىكىسى ماشىنىسازلىق تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقلىقىغا، پارتكومىنىڭ مۇۋەققەت شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن، 9-ئايدا پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلىنىپ، ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق توك چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى لايىھەلەش خىزمىتىنى تەشكىللىگەن. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» باشلانغاندىن كېيىن، جياڭ زېمىن زەربىگە ئۇچرىغان. 1970-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، جياڭ زېمىن 1-ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىقىغا يۆتكەلگەن، 1971-يىلى، جۇڭگو 1-ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىقى رۇمىنىيەگە ئەۋەتكەن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باش گۇرۇپپا باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، جۇڭگو ياردەم بەرگەن 11 زاۋۇتنىڭ قۇرۇلۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشقا مەسئۇل بولغان. 1973-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جياڭ زېمىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 1-ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىقى تاشقى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باشلىقى بولغان. 1973-يىلى، 1974-يىلى، جياڭ زېمىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، فېدېراتىپ گېرمانىيە ۋە رۇمىنىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئېلېكتىر تېخنىكىسى كومىتېتىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان. 1976-يىلى، جياڭ زېمىن ئۆمەك باشلاپ پاكىستانغا بېرىپ، جۇڭگو ياردەم بېرىپ قۇرغان زاۋۇتلارنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. 1978-يىلى، جياڭ زېمىن جۇڭگو ماشىنىسازلىق سانائىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باش كاتىپلىقىغا تەيىنلىنىپ، ياۋروپادىكى ئالتە دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇپ، ئېلىمىز ماشىنىسازلىق سانائىتىنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى تېزدىن ئۆستۈرۈش، مەھسۇلات يېڭىلاشنى تېزلىتىش، يۈرۈشلەشكەن تېخنىكا جابدۇقلىرى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ماشىنىسازلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى كېڭەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، تەدبىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

1978-يىلى 12-ئايدا ئېچىلغان جۇڭگو كومپارتىيەسى 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، «سىنىپىي كۈرەشنى تۇتقا قىلىش»قا كەسكىن خاتىمە بېرىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مەركىزى ئىستراتېگىيەلىك يۆتكىلىپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دەۋرى باشلىنىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى پارتىيە تارىخىدىكى چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ بۇرۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 1980-يىلى، جياڭ زېمىن دۆلەتلىك ئىمپورت-ئېكسپورتنى باشقۇرۇش كومىتېتى، دۆلەتلىك تاشقى مەبلەغ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قوشۇمچە باش كاتىپى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، تاشقى سودىنى كېڭەيتىش، چەتئەللەرنىڭ ئىلغار تېخنىكىسى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزۈش، چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەتلەرنى تۈزۈشكە قاتناشقان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەتنىڭ گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن ئۆلكىلىرىگە قوللانغان ئالاھىدە سىياسىتى ۋە جانلىق تەدبىرلىرىنى كونكرېت ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان ھەم ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا قاتناشقان. ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇش-پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىجادىيىتى شۇنداقلا ئىلگىرى تەجرىبە كەمچىل، باشتىن باشلاپ ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدىغان يېڭى شەيئى ئىدى. 1980-يىلى، جياڭ زېمىن ئۆمەك باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تايلاند، سىرىلانكا، مالايسىيا، سىنگاپور، فىلىپپىن، شياڭگاڭ، مېكسىكا، ئىرېلاندىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش رايونى، ئەركىن سودا رايونى، چېگرا ئىقتىسادىي رايونىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، بۇلاردىن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇشىدا ئەينەك قىلىشقا بولىدىغان تەجرىبىلەرنى تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلغان. شۇ يىلى 8-ئايدا، جياڭ زېمىن 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-سانلىق يىغىنىدا، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن ئۆلكىلىرىدە ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەسىس قىلىش ۋە «گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى نىزامى» توغرىسىدا ئىزاھات بېرىپ، يىغىننىڭ ئالاقىدار تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن.

1982-يىلى 5-ئايدا، جياڭ زېمىن ئېلېكتىرون سانائىتى مىنىستىرلىقىنىڭ 1-مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان، 1983-يىلى، مىنىستىر، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. ئۇ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 1-سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئېلېكتىرون سانائىتىدە «ئاساس سېلىش، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش، سۈپەتنى چىڭ تۇتۇش، ئۈنۈم ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئۈچ قاتلاش، ئون يىلدا ئېشىپ كېتىش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات فاڭجېنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېلېكتىرون سانائىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىشكە تەشكىللەپ ۋە رەھبەرلىك قىلىپ، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، كومپيۇتېر، خەۋەرلىشىش ھەم سىستېما قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرگە دائىر پەن تەتقىقات، تەرەققىيات ۋە ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئېلېكتىرون سانائىتىنى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرغان. 1982-يىلى 9-ئايدا، جياڭ زېمىن جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 12-قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.

1985-يىلى جياڭ زېمىن شاڭخەي شەھىرىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو كومپارتىيەسى شاڭخەي شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، 1987-يىلى جۇڭگو كومپارتىيەسى شاڭخەي شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. ئۇ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركەزنى چىڭ تۇتۇپ، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ماددىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، شاڭخەينىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ شاڭخەينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە رەھبەرلىك قىلىپ، 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شاڭخەينى ئېچىۋېتىلگەن، كۆپ ئىقتىدارلىق، كەسىپ قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، پەن-تېخنىكىسى ئىلغار، يۈكسەك مەدەنىيلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك زامانىۋى شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش تەرەققىيات فاڭجېنىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ پۇدۇڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى پائال قوللاپ، پۇدۇڭنى خەلقئارالاشقان، تۈگۈنلەشكەن، زامانىۋىلاشقان دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭى شەھەر رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، شاڭخەينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ قوش ئايلىق سۆھبەت يىغىنى، ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر، نەزەرىيە ساھەسىدىكىلەرنىڭ قوش ئايلىق سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلاردا تەدبىر بەلگىلەشتە مۇتەخەسسىسلەر دەلىللەش تۈزۈمىنى ئورناتقان. ئۇ شاڭخەينىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، يىراقنى نەزەردە تۇتۇشتىن ئىبارەت تاشقى ئىقتىساد ئالماشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۆت پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھەر يىلى خەلق ئۈچۈن بىر نەچچە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ،  ئاممىنىڭ كىيىم-كېچەك، يېمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش-تۇرۇش جەھەتتىكى ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىغان. 1987-يىلى 11-ئايدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1-ئومۇمىي يىغىنىدا، جياڭ زېمىن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1989-يىلى ئەتىياز بىلەن ياز ئارىلىقىدا دۆلىتىمىزدە ئېغىر سىياسىي مالىمانچىلىق يۈز بەرگەندە، ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مالىمانچىلىققا بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇش، سوتسىيالىستىك دۆلەت ھاكىمىيىتىنى قوغداش، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداش توغرىسىدىكى توغرا تەدبىرىنى ھىمايە قىلىپ ۋە ئىجرا قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىغا يېقىندىن تايىنىپ، شاڭخەينىڭ مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغدىغان.

1989-يىلى 6-ئايدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا، جياڭ زېمىن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغان. ئۇ يىغىندا قەتئىي ھالدا: «پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى لۇشيەن ۋە ئاساسىي سىياسەتلەر ئۆزگەرمەيدۇ، ئۇنى داۋاملىق ئىزچىل ئىجرا قىلىش كېرەك. بۇ ئەڭ ئاساسىي مەسىلىدە، بىرى، قەتئىي تەۋرەنمەسلىك، قىلچە تەۋرەنمەسلىك؛ يەنە بىرى، ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىش، ئىزچىل ئىجرا قىلىش، دېگەن ئىككى جۈملە سۆزنى ناھايىتى ئېنىق  ئېيتىمەن» دەپ كۆرسەتكەن. شۇ يىلى 11-ئايدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا جياڭ زېمىننىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇشى قارار قىلىنغان. 1990-يىلى 3-ئايدا، 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىدا، جياڭ زېمىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.

1992-يىلى 10-ئايدا، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 14-قۇرۇلتىيىدا، جياڭ زېمىن «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ زور غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەرگەن، دوكلاتتا دېڭ شياۋپىڭنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش نەزەرىيەسىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلەش ئوتتۇرىغا قويۇلغان، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش ئىكەنلىكى بېكىتىلىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى يۈكسەلدۈرۈش تەكىتلەنگەن. 

جۇڭگو كومپارتىيەسى 14-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا، جياڭ زېمىن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغان، ئومۇمىي يىغىندا جياڭ زېمىننىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي  كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇشى قارار قىلىنغان. 1993-يىلى 3-ئايدا، 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا، جياڭ زېمىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي  كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 

1997-يىلى 9-ئايدا، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 15-قۇرۇلتىيىدا، جياڭ زېمىن «دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىشلىرىنى 21-ئەسىرگە  ئومۇميۈزلۈك سىلجىتايلى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەرگەن،  دوكلاتتا دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە يېتەكچى ئەھمىيىتى  نۇقتىلىق شەرھلىنىپ، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي پىروگراممىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى سۇبيېكت قىلىش، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى تەڭ راۋاجلاندۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، سوتسىيالىستىك  قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش تەكىتلەنگەن، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەسىر ھالقىيدىغان تەرەققىيات ئۇلۇغۋار نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. جۇڭگو كومپارتىيەسى 15-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا جياڭ زېمىن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغان، ئومۇمىي يىغىندا جياڭ زېمىننىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇشى قارار قىلىنغان. 1998-يىلى 3-ئايدا، 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا، جياڭ زېمىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.

 2002-يىلى 11-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 16-قۇرۇلتىيىدا جياڭ زېمىن «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەرگەن، دوكلاتتا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش كۈرەش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۈپ تەلىپى شەرھلەنگەن. جۇڭگو كومپارتىيەسى 16-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا جياڭ زېمىننىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇشى قارار قىلىنغان. 2003-يىلى 3-ئايدا، 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا، جياڭ زېمىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.

 جۇڭگو كومپارتىيەسى 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، جياڭ زېمىن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئەمەلىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش داۋامىدا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي پىروگراممىسىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزم دېگەن نېمە، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش كېرەك؟ قانداق پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى قانداق قۇرۇش كېرەك؟ دېگەن مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،  «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنى بېيىتقان ۋە راۋاجلاندۇرغان. «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىدە ھەم ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىدە چىڭ تۇرۇلغان، ھەم دۇنيا ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە قويغان يېڭى تەلىپى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، يېڭى ئىدىيە، كۆز قاراش، ھۆكۈم ئارقىلىق ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىنغان، بېيىتىلغان ۋە راۋاجلاندۇرۇلغان.

جياڭ زېمىن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تەرەققىيات يولى مەسىلىسى ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، تەرەققىياتنى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش شەرت، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىقنى ساقلاش، بۇ ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك فاڭجېن. پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنىڭ بارلىق مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركەز بىلەن تۆت ئاساسىي پىرىنسىپ ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي نۇقتىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىدىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش لازىم. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: تەرەققىيات چىڭ قائىدە، بۇ بىز باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە، بايلىق كۆپ بولسا، گەپنى چوڭ قىلغىلى بولىدۇ، ئارقىدا قالغانلار دۇمبا يەيدۇ. ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىمىز، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچىمىز، مىللىي ئۇيۇشقاقلىقىمىز ئۈزلۈكسىز ئاشقاندىلا، «ھەرقانداق بوران-چاپقۇندىمۇ، تەمتىرىمەي مۇستەھكەم تۇرالايمىز». ئۇ پارتىيە ۋە دۆلەت دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئۆتكۈرلۈك بىلەن مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ھەر تەرەپلىمە كۆزەتكەندە، 21-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى 20 يىلى دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك ھەمدە نى-نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلى، چوقۇم تەشەببۇسكار روھ ۋە كۈلپەت ئېڭىغا ئىگە بولۇپ، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي چىڭ تۇتۇپ، كونىلىققا ئېسىلىۋالماي يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى كۆزلەپ، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش جەريانى، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىنىش جەريانى بولۇشى كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىدىكى تۈرلۈك ئىشلىرىمىزدا، ئېلىپ بارغان بارلىق خىزمەتلىرىمىزدە، خەلقنىڭ رېئال ماددىي، مەدەنىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنىمۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە خەلقنىڭ ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىمۇ كۆزدە تۇتۇشىمىز، يەنى ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خەلقنىڭ ماددىي، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بىر-بىرىنى ئالدىنقى شەرت ۋە ئاساس قىلغان. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، ئىسلاھات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، تەرەققىيات نىشان، مۇقىملىق ئالدىنقى شەرت، ئىسلاھاتنىڭ سالمىقى، تەرەققىياتنىڭ سۈرئىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ بەرداشلىق بېرىش دەرىجىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاشنى ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى مۇھىم بىرىكىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق داۋامىدا ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھات، تەرەققىيات ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

جياڭ زېمىن 21-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى 20 يىلى ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش باسقۇچى بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ بېيىتىلىشى ۋە راۋاجى، ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىغا، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، ئۇ بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئەڭ كەڭ، ئەڭ تولۇق ئىشقا سېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا پايدىلىق، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، جياڭ زېمىن ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئۈچىنچى قەدەملىك ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئىستراتېگىيەلىك پىكىر يۈرگۈزگەن. ئۇ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 15-قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتىدا ئۈچىنچى قەدەملىك ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى دەسلەپكى قەدەمدە سۈرەتلەپ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: كېيىنكى ئەسىرگە نەزەر سالساق، بىزنىڭ نىشانىمىز بىرىنچى ئون يىلدا مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 2000-يىلىدىكىدىن بىر قاتلاپ، خەلقنىڭ ھاللىق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ باياشات قىلىپ، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈش؛ يەنە ئون يىل تىرىشىش ئارقىلىق، پارتىيە قۇرۇلغىنىغا 100 يىل بولغاندا، خەلق ئىگىلىكىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، تۈرلۈك تۈزۈملەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىنىغا 100 يىل بولغاندا، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش. جۇڭگو كومپارتىيەسى 15-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا: يېڭى ئەسىردىن باشلاپ، دۆلىتىمىز ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 16-قۇرۇلتىيىدا، ئۇ ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش كۈرەش نىشانىنى چوڭقۇر شەرھلەپ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: بىز مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى 20 يىلىدا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، 1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون ئاھالىگە نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ، ئىقتىسادنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز، دېموكراتىيەنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۇرۇشىمىز، پەن-مائارىپنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈشىمىز، مەدەنىيەتنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈشىمىز، جەمئىيەتنى تېخىمۇ ئىناق قىلىشىمىز، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ باياشات قىلىشىمىز كېرەك. بۇ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ 3-قەدەملىك ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا جەزمەن بېسىپ ئۆتىدىغان، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى باغلايدىغان تەرەققىيات باسقۇچى، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشتىكى ئاچقۇچلۇق باسقۇچ.

جياڭ زېمىن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى توغرىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، بۇ پارتىيەنىڭ باشتىن-ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئىلغارلىقىنى ساقلىشىنىڭ تۈپ ئىپادىسى ۋە تۈپ تەلىپى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: ئادەم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ھەل قىلغۇچ كۈچ، زىيالىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشچىلار سىنىپى، كەڭ دېھقانلار باشتىن-ئاخىر ئېلىمىزنىڭ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈپ ئاساسى كۈچ؛ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش داۋامىدا بارلىققا كەلگەن پۇقراۋى پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىدىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ۋە تېخنىك خادىملار، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىدا تەكلىپ بىلەن ئىشلەيدىغان باشقۇرغۇچىلار، تېخنىك خادىملار، يەككە تىجارەتچىلەر، خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى، ۋاسىتىچى تەشكىلاتلاردىكى كەسىپكارلار، ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار قاتارلىق ئىجتىمائىي قاتلامدىلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدۇر. ئۇ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان:  ئىختىساسلىقلار بايلىقى بىرىنچى بايلىق، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئومۇمىي ئېھتىياجنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، جەلپ قىلىش، ياخشى ئىشلىتىشتىن ئىبارەت ئۈچ ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىختىساسلىقلار ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇشى كېرەك. ئۇ پەن-تېخنىكىنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۈچلۈك پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى بولمىسا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش بولمايدۇ، دېگەن قائىدىنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ بىلىمدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ بىلىمدە يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تېخنىكا تەرەققىياتىدا ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سوتسىيالىستىك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى ۋە ئۈستقۇرۇلمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ كەڭ يول ئېچىش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. جياڭ زېمىن يېڭى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى نەزەرىيە تەپەككۇرىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى، شەرقىي ياۋروپادىكى جىددىي ئۆزگىرىشنىڭ ساۋاقلىرىنى، شۇنداقلا بىزدە يۈز بەرگەن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىن ئىبارەت ئېغىر ئەگرى-توقايلىقلارنىڭ ساۋاقلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، بۇلارنىڭ سەۋەبىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلساق، مۇنداق ئىككى خۇلاسىگە كېلىمىز، بىرىنچىسى، سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش شەرت؛ ئىككىنچىسى، سوتسىيالىستىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىستىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز شەرت. ئۇ يېڭىلىق يارىتىش بىر مىللەتنىڭ ئالغا بېسىشىنىڭ جېنى، بىر دۆلەتنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشىدىكى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، ئىسلاھاتتا ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، تەرتىپلىك تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتەك غايەت زور جاسارىتى بىلەن سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئىسلاھات نىشانى ۋە ئاساسىي رامكىسىنى، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك سۇبيېكت قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك تەڭ راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم ۋە ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش سۇبيېكت قىلىنغان، كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تەقسىمات تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتقان. 1992-يىلى 6-ئايدا، ئۇ يۈكسەك مەركەزلەشكەن پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسىنى تۈپتىن ئىسلاھ قىلىش زۆرۈر، ئۇنداق بولمىغاندا، ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان، دېڭ شياۋپىڭنىڭ جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان سۆزىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئۇ «سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى» دېگەن ئاتالغۇنى قوللىنىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى 14-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن مۇھىم ئىدىيەۋى نەزەرىيە تەييارلىقى ھازىرلىغان، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 14-قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى قىلىپ رەسمىي بېكىتىلگەن. جۇڭگو كومپارتىيەسى 14-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى قارار»دا، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئومۇمىي پىلانى تۈزۈلگەن. 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئېلىمىزدە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئاساسىي رامكىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى. جياڭ زېمىن مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى سۇبيېكت قىلىش، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمى؛ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنىڭ ئىشقا ئېشىش شەكلى كۆپ خىل بولسا بولىدۇ ھەم شۇنداق بولۇشى كېرەك؛   پاي تۈزۈمى زامانىۋى كارخانىلارنىڭ بىر خىل كاپىتال تەشكىللەش شەكلى بولۇپ، كاپىتالىزمدا قوللىنىلسىمۇ، سوتسىيالىزمدا قوللىنىلسىمۇ بولىدۇ. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى قىلچە تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قىلچە تەۋرەنمەي ئىلھام بېرىش، قوللاش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە، دۆلەت ئىلىكىدە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: دۆلەت كارخانىلىرى ئېلىمىز خەلق ئىگىلىكىنىڭ تۈۋرۈكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ئېلىمىز ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى، مۇھىم نۇقتىنى بىر پۈتۈن دۆلەت ئىگىلىكىنى ياخشىلاشقا قارىتىپ، چوڭ كارخانىلارنى ياخشى تۇتۇپ، كىچىك كارخانىلارنى جانلاندۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىستراتېگىيەلىك ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش كېرەك. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى ئورنىتىش دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ يۆنىلىشى، «مۈلۈك ھوقۇقى ئېنىق بولۇش، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئايدىڭ بولۇش، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش، باشقۇرۇش ئىلمىي بولۇش» تەلىپى بويىچە، دۆلەت ئىلىكىدىكى چوڭ، ئوتتۇرا كارخانىلاردا قېلىپلاشقان شىركەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنى بازارغا ماس كېلىدىغان قانۇنىي ئىگە ئەمەلىي گەۋدىگە ۋە رىقابەت سۇبيېكتىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ۋە ماكرولۇق تەڭشەپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسىي تەلىپى، ماكرولۇق تەڭشەپ تىزگىنلەش سىستېمىسىنى تېز تاكاماللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە، مالىيە ۋە پىلان تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماكرولۇق تەڭشەپ تىزگىنلەش ۋاسىتىسى ۋە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق چىڭىتىلغان مالىيە سىياسىتى ۋە پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تەڭشەپ تىزگىنلەش سالمىقىنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: تەقسىمات مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇش ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتى ۋە ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش سۇبيېكت قىلىنغان، كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تەقسىمات تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئادىللىققا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ۋە شەھەر ئاھالىلىرى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، جياڭ زېمىن ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېزلىشىش يۈزلىنىشىنى چىڭ ئىگىلەپ، جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئالغا باستۇرۇش، قۇدرەت تاپقۇزۇشتا ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بارلىق ئىلغار نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە ئەينەك قىلىش شەرت، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: بىز ئالاقىدار سىياسەتلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ شەكلى ۋە مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك. دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش پارتىيەمىز ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، بۇ ئېلىمىزنىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

جياڭ زېمىن جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش پىرىنسىپىنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: بىرىنچى، جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشىنىڭ ئېھتىياجى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىمۇ ئوخشاشلا جۇڭگوغا موھتاج، 1 مىليارد 200 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە جۇڭگو قاتناشمىسا، دۇنيا سودا تەشكىلاتى مۇكەممەل بولمايدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ پايدىسىز؛ ئىككىنچى، جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلىك شەرتى بىلەنلا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرەلەيدۇ؛ ئۈچىنچى، جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرسە ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى چوقۇم تەڭپۇڭ بولۇشى كېرەك، جۇڭگو زىيادە يۇقىرى، جۇڭگونىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەن تەلەپنى قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ يېتەكچى پىرىنسىپقا ئاساسەن، جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش سۆھبىتى جەريانىدا باشتىن-ئاخىر تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، 2001-يىلى 12-ئايدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولدى. جياڭ زېمىن مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: چەتئەل سودىگەرلىرىنى بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشقا يەنىمۇ جەلپ قىلىپ، تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تاۋار ۋە مۇلازىمەت سودىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، بازارنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، سۈپەت ئارقىلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئۈستۈنلۈكىنى ئاشۇرۇش، تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىتىش كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: «سىرتقا چىقىرىش» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى باسقۇچىدىكى مۇھىم تەدبىر، «كىرگۈزۈش» بىلەن «چىقىرىش» ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئىككى چاقى، ئۇنى چوقۇم بىرلا ۋاقىتتا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش جەريانىدا دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا باشتىن-ئاخىر دىققەت قىلىپ، خەلقئارا خەۋپ-خەتەرنىڭ زەربىسىدىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە دىققەت قىلىپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش بىلەن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، مەۋقەنى ئۆز كۈچىگە تايىنىش ئاساسىغا قارىتىش كېرەك.

جياڭ زېمىن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ھەققىدە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: دۆلىتىمىز تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەرقنى كىچىكلىتىشنىڭ ئاچقۇچى-بىر قەدەر يۇقىرى سۈرئەتكە، ھەم بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە خەلق ئىگىلىكى تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش شەكلىنى يىرىكلىكتىن تۈجۈپىلىككە ئۆزگەرتىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ سىجىل، تېز، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاشتا. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: سۈرئەت بىلەن ئۈنۈمنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشتا چوقۇم تەرەققىيات تەپەككۇرىنى يېڭىلاپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش شەكلىنى يىرىكلىكتىن تۈجۈپىلىككە ئۆزگەرتىش كېرەك؛ ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى قۇرۇلما مۇۋاپىق بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا؛ ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەش شەرت، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك، تۈپ مەۋقەسى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش يولىدا مېڭىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق سانائەتلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، سانائەتلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكا تەركىبى يۇقىرى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ياخشى، بايلىق سەرپىياتى تۆۋەن، مۇھىتنى بۇلغىشى ئاز، ئادەم كۈچى بايلىقى ئەۋزەللىكى تولۇق جارى قىلدۇرۇلغان يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش يولىدا مېڭىپ، دۆلەتنى پەن-مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسى باشتىن-ئاخىر پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلە، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلىش، يېزا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. ئەسىر ئالمىشىش پەيتىدە، ئۇ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش كېرەك، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۈپ مەقسىتى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش. ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇزاق مەزگىلدىكى زور ھەم مۈشكۈل ۋەزىپىسى.

جياڭ زېمىن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي قۇرۇلۇش ھەققىدە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش-ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ مۇھىم نىشانى، سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، خەلق دېموكراتىيەسىگە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيىتىنىڭ مۇقەررەر يەكۈنى بولۇپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتا ئەڭ ئاساسلىقى پارتىيە رەھبەرلىكىدە، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىدا، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دېموكراتىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دېموكراتىيە شەكلىنى بېيىتىش، پۇقرالارنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، خەلقنىڭ دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇشى، كەڭ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيەلەر ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ تەڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، مۇستەقىل-ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، چېگرا سىرتىدىكىلەرنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ سىڭدۈرمىچىلىك قىلىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيەسىنى كېڭەيتىش سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئۇللۇق خىزمەت. ئۇ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇش، قانۇن بولغانىكەن ئۇنىڭغا جەزمەن ئەمەل قىلىش، قانۇننى جەزمەن قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پەيدىنپەي قانۇنچىلىق ئىزىغا سېلىش كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئۆز ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنسانىيەت سىياسىي مەدەنىيلىكىدىكى پايدىلىق نەتىجىلەرنى ئەينەك قىلىشىمىز كېرەك، غەربنىڭ سىياسىي تۈزۈم ئەندىزىسىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىشكە بولمايدۇ. تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشى ۋە تەرتىپلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، تىنچ، ئىتتىپاق بولغان ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەزىيەتنى تىرىشىپ قوغداش كېرەك.

جياڭ زېمىن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان ۋە رىغبەتلەندۈرىدىغان مۇھىم كۈچ، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگودا ئىلغار مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىق، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلغانلىق. ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ۋە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچى ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ئارقىلىق بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يۆنىلىشى ۋە بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۆپ خىللىقنى تەشەببۇس قىلىش شەرت. كىشىلەرنى ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇش، توغرا جامائەت پىكرى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىش، ئالىيجاناب روھ بىلەن يېتىشتۈرۈش، نادىر ئەسەرلەر بىلەن ئىلھاملاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ساغلام، پايدىلىق مەدەنىيەتنى قوللاپ، قالاق مەدەنىيەتنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىپ، چىرىك مەدەنىيەتكە قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: مىللىي روھ بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى مەنىۋى تىرەك، دۇنيا مىقياسىدا ھەر خىل ئىدىيە، مەدەنىيەتنىڭ بىر-بىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئالدىدا، مىللىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە يېتىلدۈرۈشنى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، ئۇنى خەلق مائارىپىنىڭ ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنى جاسارەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان روھىي ھالەتنى باشتىن-ئاخىر ساقلايدىغان قىلىش شەرت. سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قەتئىي بوشاشماي كۈچەيتىش بىلەن بىللە، سوتسىيالىستىك ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشماي كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىپ، قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى بىلەن ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

جياڭ زېمىن مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولغان مەزگىلدە، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا نۇرغۇن مۇھىم ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جياڭ زېمىننىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى بەرپا قىلغان. ئۇ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: مۇستەھكەم دۆلەت مۇداپىئەسى بەرپا قىلىش-ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، بىرلىكىنى قوغداش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ماۋ زېدۇڭ ھەربىي ئىدىيەسى ۋە دېڭ شياۋپىڭنىڭ يېڭى مەزگىلدىكى ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە لاياقەتلىك، ھەربىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەن، ئىستىلى ياخشى، ئىنتىزامى چىڭ، كاپالىتى كۈچلۈك بولۇش باش تەلىپى بويىچە، ئۇرۇشتا يېڭىش، خاراكتېرى ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكتىن ئىبارەت ئىككى تارىخىي تېمىنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭگوچە سەرخىل قوشۇن يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىنقىلابىيلىشىش، زامانىۋىلىشىش، مۇنتىزىملىشىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىدىيەۋى-سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئارمىيەمىزنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشىدا باشتىن-ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى، جاسارىتى ۋە ئىستىلىنى مەڭگۈ ساقلاش لازىم. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكى ئارمىيەمىزنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس ئارمىيە روھى، پارتىيە خەلق ئارمىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان تۈپ پىرىنسىپ ۋە تۈزۈمدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئۇ دۇنيا يېڭى ھەربىي ئىسلاھاتىنىڭ خىرىسىنى كۈتۈۋېلىپ، جۇڭگوچە ھەربىي ئىسلاھاتنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېڭى مەزگىلدە پائال مۇداپىئەلىنىشتىن ئىبارەت ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېننى بېكىتىپ، ئىستراتېگىيە يېتەكچىلىكىنى زور دەرىجىدە تەڭشەپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىنى ئادەتتىكى شارائىتتىكى قىسمەن ئۇرۇشقا تاقابىل تۇرۇشتىن زامانىۋى تېخنىكا، بولۇپمۇ يۇقىرى تېخنىكا شارائىتىدىكى قىسمەن ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشقا يۆتكىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىنى ئۇچۇرلاشقان شارائىتتىكى قىسمەن ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشقا قويۇش يەنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنىڭ نىشانى ۋە ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي زىددىيەت ئىگىلىنىپ، ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى مەسىلىسى توغرا ھەل قىلىندى. ئۇ ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە سىياسىي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ بىردەك سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانماسلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى بىلەن ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق قورال-جابدۇقلىرىنىڭ ئەڭ سەرخىلىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

جياڭ زېمىن: ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى، پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ جۈملىدىن تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېنغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر بىر قاتار تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلغان. 1997- يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىندى، 1999-يىل 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىندى. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شياڭگاڭ، ئاۋمېنغا بېرىپ جۇڭگو-ئەنگلىيە ھۆكۈمەتلىرى، جۇڭگو-پورتۇگالىيە ھۆكۈمەتلىرى ئۆتكۈزگەن شياڭگاڭ، ئاۋمېننى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. شياڭگاڭ بىلەن ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىشى «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنى بېيىتتى. شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: ھەر قانداق ئەھۋالدا «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنى، ئاۋمېن نېگىزلىك قانۇنىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ ئىش كۆرۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرىنىڭ باش مەمۇرلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ھەر ساھە زاتلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى بىرلىكتە قوغدىشىمىز ۋە ئىلگىرى سۈرۈشىمىز شەرت. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ قەتئىي قوللىشى ئارقىسىدا، ئىككى ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە ئىچكى-تاشقى ئىقتىسادىي مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن زەربە ۋە تەسىرلەرگە سالماق تاقابىل تۇرۇپ، ھەر ساھە زاتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بىر قاتار ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ساقلىغان. جياڭ زېمىن تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىيىتىنى ئىگىلەپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان «92-يىل ئورتاق تونۇشى»نى ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ كېڭىشىشى ۋە سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ 1995-يىلى 1-ئايدا «ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىنى ئورۇنداشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ھازىرقى باسقۇچتا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، ۋەتەننى تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر سەككىز تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى، بىزنىڭ قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىشكە ۋەدە بەرمەسلىكىمىز ھەرگىز تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا قارىتىلغان ئەمەس، بەلكى چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىشىگە ئارىلىشىش ۋە «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بىلەن شۇغۇللىنىش سۇيىقەستىگە قارىتىلغان، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ سۆزىدە ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئورۇنداشتىكى قەتئىي ئىرادە گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ھەم تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ئارزۇسى ۋە تەيۋەننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى تولۇق نەزەرگە ئېلىنغان، بۇ سۆز مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتقان ۋە ئىجابىي ئىنكاس قوزغىغان. ئۇ قەلەمدە ھۇجۇم، ئەلەمدە ھازىرلىق ئومۇمىي تاكتىكىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۆلگۈنچىلىككە، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى زور كۈرەشنى قانات يايدۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. ئۇ تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن، تەيۋەن مەسىلىسىنى مۇددەتسىز كەينىگە سۆرەشكە بولمايدۇ؛ بىز بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنىڭ چوقۇم بالدۇر ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز.

خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى داۋالغۇش ئالدىدا، جياڭ زېمىن دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، بىر قاتار دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دىپلوماتىيە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنى بېيىتقان. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا بۈگۈنكى دەۋرنىڭ باش تېمىسى، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى ئەگرى-توقايلىق ئىچىدە تەرەققىي قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا پۇرسەت ۋە پايدىلىق شارائىت ئېلىپ كەلدى، يېڭى دۇنيا ئۇرۇشى مۆلچەردىكى مەزگىلدە يۈز بەرمەيدۇ، بىر قەدەر ئۇزاق مەزگىللىك تىنچ خەلقئارا مۇھىت ۋە ياخشى ئەتراپ مۇھىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، لېكىن، ئادالەتسىز، نامۇۋاپىق خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي كونا تەرتىپ تۈپتىن ئۆزگەرگىنى يوق، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئېنىقسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك تەھدىتى بىلەن غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك تەھدىتى ئامىللىرى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىنىڭ يېڭى ئىپادىلىرى كۆرۈلۈۋاتىدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ پەرقى يەنىمۇ چوڭىيىۋاتىدۇ، دۇنيا يەنىلا تىنچ ئەمەس، ئىنسانلار نۇرغۇن كەسكىن خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا بۈگۈنكى دەۋرنىڭ باش تېمىسى، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى باشتىن ئاخىر ئېغىشماي يولغا قويىدۇ، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ باش مەقسىتى دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئۇ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تاشقى سىياسەتنىڭ ئاساسىي مەۋقەسى قىلىپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش، قوشنىلار بىلەن ھەمراھ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، رايون ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىش ۋە قوللاشنى كۈچەيتىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: جۇڭگو كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە پائالىيىتىگە داۋاملىق پائال قاتنىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلار، شۇنداقلا رايون خاراكتېرلىك تەشكىلاتلاردا رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يوللۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ. ئۇ: ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، ھەمكارلىشىش يادرو قىلىنغان دەۋرنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن يېڭى خەۋپسىزلىك قارىشى ئورنىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە قۇرۇلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى جۇڭگو تۈرتكە بولغان شۇنداقلا جۇڭگونىڭ شەھەر نامى بىلەن ئاتالغان تۇنجى رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولۇپ، بۇ تەشكىلات تەشەببۇس قىلغان ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتەك «شاڭخەي روھى» ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتتە مۇھىم تەسىر پەيدا قىلغان.

جياڭ زېمىن پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى يېڭى ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم نەزەرىيەۋى ۋە رېئال مەسىلىلەرنى ئىسلاھات روھى بىلەن تەتقىق قىلىپ ۋە ھەل قىلىپ، پارتىيەنى باشتىن-ئاخىر ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاش، ئىجادكارلىق، ئۇيۇشۇشچانلىق ۋە جەڭگىۋارلىققا تولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشقا چاقىرغان. ئۇ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چوقۇم قاتتىق بولۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، چىرىتىشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خېيىم-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي تېمىنى مۇكەممەل ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن پارتىيەدىن ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش ۋە ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: كۆپ مىللەتلىك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ چوڭ دۆلەتتە، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىرادىسى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى قىلچە بوشاشتۇرماي كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەمىزنىڭ باشتىن-ئاخىر جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى شۇنداقلا جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا، باشتىن-ئاخىر جۇڭگودىكى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە، جۇڭگودىكى ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە، جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى نەزەرىيە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقىرى ساپالىق رەھبىرىي كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان، ياراملىق رەھبەرلىك قاتلىمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك، رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىشكە، سىياسىيغا، توغرا كەيپىياتقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ سىنىپىي ئاساسىنى كۈچەيتىش ۋە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى كېڭەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ يادروسى پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاش، پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش، پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ خەۋپ ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش. چىرىكلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۈتۈن پارتىيەنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ماھىيەتتىن تۈزەش سالمىقىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇپ، تەربىيەنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىيەنى راۋاجلاندۇرۇپ، قانۇنچىلىقنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تۈرلۈك مۇھىم سىياسەت، تەدبىرلەرگە سىڭدۈرۈپ، چىرىكلىك مەسىلىسىنىڭ مەنبىيىدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار كوممۇنىستلارنىڭ جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ، جاسارەتلىك روھىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، خەلق ئاممىسى بىلەن مەڭگۈ قەلبداش بولسىلا، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ئۇيۇل تاشتەك چىڭ بولىدۇ.

جياڭ زېمىن مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىدىكى بارلىق خىزمەتنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئەمەلىيلىشىش نۇقتىسى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. پارتىيەنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تۈزۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا كۆزلەش نۇقتىسى، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان تەرەپلەردىكى ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ ۋە ئۇنىڭغا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، بارلىق خەلقنى ئورتاق بېيىش يۆنىلىشىگە قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەنىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھەممىدە ئاممىنى كۆزلەپ، ھەممىدە ئاممىغا تايىنىپ، ئامما ئارىسىدىن كېلىپ، ئامما ئارىسىغا چۆكۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىجادىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تۈرلۈك ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتكۈل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى جەريانىدا ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلار ۋە باشقا ئاممىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىشقا تىرىشىش كېرەك. ئۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش باش مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنىڭ چاكىرى بولۇش كۈچلۈك ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، خەلقنى چوڭقۇر سۆيۈپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىپ، خەلقنى بېيىتىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈشكە ماھىر بولۇپ، خەلققە پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر ۋاقىت خەلق ئاممىسىنىڭ ئامانلىقى ۋە ھال-ئەھۋالىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئاممىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، ئامما ئۈچۈن تىرىشىپ ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

جياڭ زېمىن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىل دۆلىتىمىز ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇۋاتقان، دۇنيا سوتسىيالىزمى ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان كەسكىن سىناققا دۇچ كەلدى. ئۇ پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە يېقىندىن تايىنىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئۇشتۇمتۇت خەلقئارا ۋەقەلەرگە تەمكىنلىك بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي ساھە ۋە تەبىئەت دۇنياسىدا كۆرۈلگەن قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ-خەتەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان، بولۇپمۇ ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇپ، 1998-يىلىدىكى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پاراخوتىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغان.

2004-يىلى 9-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسى 16-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا جياڭ زېمىننىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىگە قوشۇلۇش قارار قىلىندى. 2005-يىلى 3-ئايدا 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدا، جياڭ زېمىننىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى. جياڭ زېمىن رەھبەرلىك ئورنىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى قەتئىي ھىمايە قىلغان ۋە قوللىغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي قوللىغان.

جياڭ زېمىن «جياڭ زېمىن ماقالىلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1-،2-،3-تومىنى تەھرىرلەشكە ۋە بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلدى. «جياڭ زېمىن ماقالىلىرىدىن تاللانما»غا ئاساسلىقى جياڭ زېمىننىڭ 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن 21-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان مەزگىلدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ۋە خاس ئىجادىيلىققا ئىگە مۇھىم ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىمىزنى مۇھىم ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى.

جياڭ زېمىن بەرپا قىلغان «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ۋە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى بولۇپ، بۈگۈنكى دۇنيا ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە بولغان يېڭى تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈردى، ئۇ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، ئېلىمىز سوتسىيالىزمىنىڭ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ قۇدرەتلىك نەزەرىيەۋى قورالى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، پارتىيە ئۇزۇن مۇددەت چىڭ تۇرۇش شەرت بولغان يېتەكچى ئىدىيە، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى.

بۈگۈنكى كۈندە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئىشەنچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگىمىز. يېڭى مۇساپىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش» نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ قۇدرەت تېپىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەممە بىر نىيەتتە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك. 
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جياڭ زېمىننىڭ ئۇلۇغ شانلىق ھاياتى (1)

جياڭ زېمىن-پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ئېتىراپ قىلغان يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە ئاتاقلىق رەھبەر، ئۇلۇغ