ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار يولداش جياڭ زېمىنغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-04 15:49

پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكىلەر يولداش جياڭ زېمىنغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى

پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كادىرلار ۋە ئامما نەچچە كۈندىن بۇيان يولداش جياڭ زېمىنغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.

سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ سۈينىڭ شەھىرىدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ ئاڭلىق ئۇيۇشۇپ، ئۆز خىزمەت ئورنىمىزدا تېخىمۇ تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز. سىچۈەن ئۆلكىسى سۈينىڭ شەھىرى چۈەنشەن رايونى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسپى باغچە رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى تاڭ بو مۇنداق دېدى: يولداش جياڭ زېمىن ھەمىشە خەلقنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى مۇھىم ئورۇنغا قوياتتى، بىز تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپلەرنى جانلاندۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنى بېيىتىمىز.

شىنجاڭنىڭ ئاقسۇدا كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز. شىنجاڭ ئاقسۇ شەھىرى قاراتال بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى ئەمەرجان مۇنداق دېدى: يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا ھەر مىللەت ئاممىسى ئىنتايىن قايغۇردى، چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى. يولداش جياڭ زېمىن ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىپاقلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى يېتەكلەپ كەسىپلەرنى زورايتىمەن، كۈچەيتىمەن.

كادىرلار ۋە ئامما مۇنداق دەپ قارىدى: يولداش جياڭ زېمىن پارتىيەمىز، ئارمىيەمىز، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئېتىراپ قىلغان، يۈكسەك ئابرويغا ئىگە ئاجايىپ رەھبەر.  تيەنجىن خېپىڭ رايونى نەنيىڭمېن كوچىسى شياڭشېلى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى جىن مېييۈ مۇنداق دېدى: يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئېسىل پەزىلىتى ۋە ئالىيجاناب خىسلىتى بىزنى مەڭگۈ ئالغا ئىلگىرىلەشكە تەربىيەلەيدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى خاربىن شەھىرى داۋلى رايونى فۇشۈن كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يۈخۇا مۇنداق دېدى: يولداش جياڭ زېمىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. بىز قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىنى بايراق قىلىپ، پۇقرالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئالدىرىغان، قىينالغان، غەم  قىلغان،  تەقەززا بولغان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىمىز.

شياڭگاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى. شياڭگاڭ قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ ئەزاسى لياڭ شى مۇنداق دېدى: يولداش جياڭ زېمىن شياڭگاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى، ئۇ شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ مۇھىم گۇۋاھچىسى. مەن دۆلەتنىڭ تەرەققىيات خىزمىتىگە تىرىشىپ كىرىشكەندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن قوشقان غايەت زور تۆھپىسىگە يۈز كېلەيلدىغانلىقىمىزغا چوڭقۇر ئىشىنىمەن.

ئاۋمېننىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر يولداش جياڭ زېمىننى چوڭقۇر ياد ئېتىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋەتەننى سۆيۈش، ئاۋمېننى سۆيۈش ئىدىيەسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا  ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز. ئاۋمېن ئاياللار بىرلەشمىسى باش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ليۇ جىنلىڭ مۇنداق دېدى: يولداش جياڭ زېمىن ئاياللار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىگە ئۇزاقتىن بۇيان ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ئۇنىڭ ۋاپاتى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئۈچۈن زور يوقىتىش. بىز ئۇنىڭ قوشقان تۆھپىسىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاپ ۋە ياد ئېتىپ، ئاۋمېننىڭ ئاياللار، بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاياللارنىڭ تۆھپىسىنى قوشىمىز.

تەيۋەندىكى ھەر ساھە زاتلىرى نەچچە كۈندىن بۇيان تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى. تەيۋەن بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىتتىپاقى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى چى جيالىن مۇنداق دېدى: ئىككى قىرغاق جەھەتتىمۇ رەئىس جياڭ زېمىننىڭ تۆھپىسى ناھايىتى زور. ئۇ ئىككى قىرغاق ئىقتىسادىنىڭ بىرىكىش ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلدى. «92-يىل ئورتاق تونۇشى» ئىككى قىرغاقنىڭ ئالاقىلىشىشىغا ئاساس سېلىپ، تەيۋەننىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ كەلگۈسىدە بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىنتايىن زور تۆھپە قوشتى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار يولداش جياڭ زېمىنغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى

پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكىلەر يولداش جياڭ زېمىنغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى