ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلاردىكى كادىرلار، ئامما جياڭ زېمىنغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى​

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-05 14:31

جايلاردىكى كادىرلار، ئامما قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرۈپ، يولداش جياڭ زېمىننى چوڭقۇر ياد ئەتتى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كادىرلار، ئامما ۋە پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر ئەسكەرلەر تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن يولداش جياڭ زېمىنغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، كۆپچىلىك قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يولداش جياڭ زېمىن پارتىيەنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يادروسى. ئۇ پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركەزدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى قوغداپ، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتقان.

يولداش جياڭ زېمىن خەينەننىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان كادىرلار، ئامما مۇنداق دېدى: يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئەركىن سودا سىناق رايونى، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش» تەلىپىنى چۆرىدەپ داۋاملىق كۈرەش قىلىمىز. خەينەن ئۆلكىسى خەيكۇ شەھەرلىك پارتكوم ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى، خەينەن ئەركىن سودا پورتى خەيكۇ شەھەرلىك سانائەت كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لىن جىبىن مۇنداق دېدى: بىز يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، 20-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپ بويىچە، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

يولداش جياڭ زېمىن ئىلگىرى كۆزدىن كەچۈرگەن سەنشى گۇەندى كۆمۈر كېنىدا كادىرلار ۋە ئامما بەس-بەستە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقى، ياد ئېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. سەنشى كوكس كۆمۈرى گۇرۇھى گۇەندى كېنى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مېڭ لېي مۇنداق دېدى: يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى قايغۇردۇم. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، كۆمۈركانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۆمۈرچىلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئامما يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئېسىل پەزىلىتى ۋە ئالىيجاناب خىسلىتىنىڭ ئېگىزلىكتىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە مەڭگۈ تەربىيەلەيدىغانلىقى ۋە رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لاسا شەھىرى چېڭگۈەن رايونى دەنجېلىن مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بيەنباسىرېن مۇنداق دېدى: يولداش جياڭ زېمىن شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 3-،4-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقان. بىز ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى شىزاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

خۇاڭخەي دېڭىزىنىڭ مەلۇم ساھىلىدە مەشىق ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ خۇاڭشى پاراخوتىدا پاراخوت خادىملىرى ئۇچۇش پالوبىسىدا سەپ بولۇپ سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى.  شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسى خۇاڭشى پاراخوتىنىڭ سىياسىي كومىسسارى جياڭ كەيفېڭ مۇنداق دېدى: تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىغا ئاتلاندى. مۇراسىم پائالىيىتى خۇددى ئۈنسىز سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقىغا ئوخشاش، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى ئەسلىي مەقسىتى ۋە ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇش، يۇقىرى دەرىجىلىك دېڭىز ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىدى.

قوراللىق ساقچى قىسىم بېيجىڭ باش ئەترىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 4-تارماق ئەترىتى ئورگىنىنىڭ ئۆگىنىش ئىشخانىسىدا، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر تەزىيە مۇراسىمىدىن كېيىن يولداش جياڭ زېمىننىڭ شانلىق ئىش-ئىزلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى؛ قوراللىق ساقچى قىسىم بېيجىڭ باش ئەترىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 4-تارماق ئەترىتى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى ۋېنجىڭ مۇنداق دېدى: ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر چوقۇم جياڭ زېمىننىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئاساسىي مەسئۇلىيەت ئاساسىي كەسىپنى مەركەز قىلىپ، جاپالىق مەشىق قىلىپ، بۇرچىنى ئادا قىلىپ، مەڭگۈ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولىدۇ.

شياڭگاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىشىدىكى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، شياڭگاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق يېڭى قۇۋۋەت قوشىمىز. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شياڭگاڭ دوستلۇق، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تاڭ يىڭنيەن مۇنداق دېدى: يولداش جياڭ زېمىن شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا ئوڭۇشلۇق قايتىپ كېلىشىگە، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە زور تۆھپە قوشۇپ، شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىشىدە غايەت زور رول ئوينىغان.

ئاۋمېننىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر يولداش جياڭ زېمىننى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، كەلگۈسىدە يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، ئاۋمېننى سۆيۈش ئىدىيەسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاۋمېن خۇيجى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ جۈن مۇنداق دېدى: بىز ئاۋمېنلىق ياشلار قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى داۋاملىق ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، دۆلەت ۋە قولتۇق رايونىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، خېڭچىن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

تەيۋەندىكى ھەر ساھە زاتلىرى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان يولداش جياڭ زېمىنغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق چوڭقۇر سېغىنىشى ۋە قايغۇسىنى ئىپادىلىدى. تەيۋەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ۋۇ رۇڭيۈەن مۇنداق دېدى: رەئىس جياڭ زېمىن نۇرغۇن مۇھىم سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت پارلاق ئىستىقبالنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىك ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا زۆرۈر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلاردىكى كادىرلار، ئامما جياڭ زېمىنغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى​

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كادىرلار، ئامما ۋە پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر ئەسكەرلەر تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن يولداش جياڭ زېمىنغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى،