ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭدا يېڭى بىر شەھەر تەسىس قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-22 10:13

1-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ناھىيە دەرىجىلىك بەيياڭ شەھىرىنى تەسىس قىلىشنى تەستىقلىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلدى، ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر بەيياڭ شەھىرىنى تەسىس قىلىشنى تەستىقلىدى. بەيياڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق ئورۇن نۇرلۇق يولى 1-نومۇر بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بىۋاسىتە قارايدۇ، باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئالاقىدار ھۆججەتلەردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇش

ئىگىلىنىشىچە، بەيياڭ شەھىرى بىڭتۈەن 9-شى 163-تۈەن تەۋەسىدە بولۇپ، شەرق تەرىپى چۆچەك شەھىرىگە، غەرب تەرىپى باقتۇ چېگرا ئېغىزىغا تۇتىشىدىكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭدا يېڭى بىر شەھەر تەسىس قىلىندى

1-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ناھىيە دەرىجىلىك بەيياڭ شەھىرىنى تەسىس قىلىشنى تەستىقلىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلدى،