ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاغاندىكى ھاۋارايىنى بىلىۋېلىڭ!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-22 10:16

2023-يىللىق چاغان مەزگىلىدىكى (21-يانۋاردىن 27-يانۋارغىچە ھاۋارايى) 

ھاۋارايى شارائىتى تۈرلۈك بايراملىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە ماس كېلىدۇ، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا بۇرۇنقى يىللاردىكىدىن سەل تۆۋەن، ھۆل-يېغىن بىرقەدەر ئاز بولىدۇ، شىمالىي شىنجاڭ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلاردا قار كۆپرەك ياغىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئاساسەن ھۆل-يېغىن بولمايدۇ. چاغان ھارپىسىدىن چاغاننىڭ 1-كۈنىگىچە (21-يانۋاردىن 22-يانۋارغىچە) ۋە چاغاننىڭ 3-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە (24-يانۋاردىن 27-يانۋارغىچە) ئىككى قېتىملىق ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. قار، شامال ئېغىزىدىكى بوران قاتناشقا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئالدىن مۇداپىئە كۆرۈشكە دىققەت قىلىڭ!

19-يانۋار، چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋاسى ئوچۇق بولدى

چاغان مەزگىلىدىكى ھاۋارايى

    21-يانۋار كۈندۈزدىن 22-يانۋار كۈندۈزگىچە (چاغان ھارپىسىدىن چاغاننىڭ 1-كۈنىگىچە) تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونى ۋە شىمالىي ئېتىكى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق قار ياغىدۇ، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى قىسمەن جايلاردا ئوتتۇرھال ۋە قېلىن قار ياغىدۇ؛ شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە شەرقىي شىنجاڭدا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا توققۇز بال بوران چىقىدۇ، ئۆتكۈنچى شامال كۈچى 10 بالغا يېتىدۇ، تېمپېراتۇرا ℃3 تىن ℃5 قىچە تۆۋەنلەيدۇ.

    23-يانۋار كۈندۈزدىن 24-يانۋار كۈندۈزگىچە (چاغاننىڭ 2-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە) ئىلى ئوبلاستى، تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ھاۋا بۇلۇتلۇق، بەزىدە تۇمانلىق بولىدۇ.

    24-يانۋار كۈندۈزدىن 27-يانۋار كۈندۈزگىچە (چاغاننىڭ 3-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە) شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، تىيانشان تاغلىق رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق قار ياغىدۇ، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇرھال ۋە قېلىن قار ياغىدۇ؛ يۇقىرىقى رايونلاردا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا 8-9 بال بوران چىقىدۇ، ئۆتكۈنچى شامال كۈچى 10 بال ئەتراپىدا بولىدۇ، تېمپېراتۇرا 5 گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ. چاغان مەزگىلىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى مۇنداق بولىدۇ: تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىدە نۆلدىن تۆۋەن 26 گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 20 گىرادۇسقىچە، ئىلى ئوبلاستى ۋە تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە نۆلدىن تۆۋەن 19 گىرادۇستىن 10 گىرادۇسقىچە، تىيانشان تېغىنىڭ تاغلىق رايونىدا نۆلدىن تۆۋەن 30 گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 25 گىرادۇسقىچە بولىدۇ؛ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى مۇنداق بولىدۇ: تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىدە نۆلدىن تۆۋەن 14 گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 10 گىرادۇسقىچە، ئىلى ئوبلاستى ۋە تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە نۆلدىن تۆۋەن 14 گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن ئالتە گىرادۇسقىچە، تىيانشان تاغلىق رايونىدا نۆلدىن تۆۋەن 22 گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 18 گىرادۇسقىچە بولىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 16 گىرادۇستىن 8 گىرادۇسقىچە، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 7 گىرادۇستىن نۆل گىرادۇسقىچە بولىدۇ.

    ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر رايونىدا 21-يانۋاردىن 22-يانۋار كۈندۈزگىچە ئوتتۇرھال ۋە قېلىن قار ياغىدۇ، 4-5 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ؛ 23-يانۋار كۈندۈزى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى رايونىدا 5-6 بال شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىدۇ، ئۇلانباي، خۇڭيەنچى قاتارلىق شامال ئېغىزلىرىدا 8-9 بال ئۆتكۈنچى شامال چىقىدۇ. چاغان مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسلىق شەھەر رايونىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 10 گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 5 گىرادۇسقىچە، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 18 گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 15 گىرادۇسقىچە بولىدۇ، نەنشەن تاغلىق رايونىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 10 گىرادۇستىن، نۆلدىن تۆۋەن 4 گىرادۇسقىچە، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 20 گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 15 گىرادۇسقىچە بولىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چاغاندىكى ھاۋارايىنى بىلىۋېلىڭ!

ھاۋارايى شارائىتى تۈرلۈك بايراملىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە ماس كېلىدۇ، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا بۇرۇنقى يىللاردىكىدىن سەل تۆۋەن، ھۆل-يېغىن بىرقەدەر ئاز بولىدۇ،