ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى ھەممەيلەننى تەسىرلەندۈرگەن ناخشا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-23 09:39

«سۇنغان ياردىمىمگە قالماڭ ھەيران بۇنداق، مەنمۇ ئالغان ياردەم باشقىلاردىن شۇنداق». ئاخشام ئۆتكۈزۈلگەن توشقان يىلىلىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ماۋ بۇيى ئورۇنلىغان «ياخشىمۇ سىز، ئەي ناتونۇش كىشى» ناملىق ناخشا سان-ساناقسىز ئاددىي ناتونۇش كىشىلەرنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى ۋە مېھرىبانلىقىنى نامايان قىلدى

ئىلگىرى مىليونلىغان تورداشلارنى تەسىرلەندۈرگەن بۇ ئاددىي كىشى ئادەم دېڭىزى ئىچىدىن ئاخىرى ئىزدەپ تېپىلدى، بۇ كىشى دەل مېترودا بىر ئىشچىنىڭ ئۇخلىۋېلىشى ئۈچۈن مۈرىسىنى تۇتۇپ بەرگەن ھېلىقى يىگىت ئىدى↓

يەر تەۋرەشتە خەتەرگە قارشى ئىلگىرىلەپ چۈشۈرگۈنى ئېچىپ سۇنى قويۇپ بېرىپ كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئالغان گەنيۈ↓

ئىشچى تاغىغا ئارام ئېلىشى ئۈچۈن ئورۇندۇق ئاپىرىپ بەرگەن ئوماق بالا↓

ئۇلار چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى سەھنىسىدە ئېكران ئارقىلىق ئۇچرىشىپ، بۇ ناخشىنى بىرلىكتە ئېيتىشتى↓

بىر قېتىملىق سەمىمىي كۈلۈمسىرەش، بىر ئېغىز مېھىرلىك تەسەللى، بىر قېتىملىق ئىللىق قۇچاقلاش، سانسىزلىغان ناتونۇش كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتى ۋە غەمخورلۇقى بىر يىلدىكى ئەڭ ئىللىق ئەسلىمىلەرنى ھاسىل قىلدى.

سىزنىمۇ ئەنە شۇنداق ناتونۇش كىشىلەر تەسىرلەندۈرگەنمۇ؟ ئەگەر بولسا تۆۋەندىكى ئورۇنغا سۆز قالدۇرۇپ ھەمبەھرىلەڭ.

بۇ يىلدا تېخىمۇ كۆپ ئىللىقلىققا ئۇچرىشىش نېسىپ بولغاي!

中央广播电视总台 央广网 版权所有