ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ يېڭى بەلگىلىمىلەر 1-فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-02 08:30

2023-يىلى فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان مەملىكەتلىك بەلگىلىمىلەر

ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇلىدۇ

 

 

يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئىنقىلابىي قۇربانلارنى دەپنە قىلىش چارىسى» 1-فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «چارە»دە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئۇزىتىش ۋە دەپنە قىلىش مۇراسىمى قېلىپلاشماسلىق، تەرتىپ مۇكەممەل بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش تەلەپ قىلىنىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى دەپنە قىلىش تەرتىپى، مۇراسىم ھالقىسى، مۇلازىمەت-باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەپسىلىي بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

دورا ساھەسىدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

 

 

دورىغا دائىر مەمۇرىي قانۇنى ئىجرا قىلىش بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈشنى جىپسىلاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دورا ساھەسىدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەتلىك دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى قاتارلىق بەش ئورۇن «دورىغا دائىر مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈشنى جىپسىلاشتۇرۇش خىزمەت چارىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ «چارە» 1-فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ كوللېكتىپ ساياھەت كەسپى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ

 

 

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە ساياھەت كوپىراتىپلىرى ۋە تور ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەرگە بېرىپ كوللېكتىپ ساياھەت قىلىشى ۋە «ئايروپىلان بېلىتى+مېھمانساراي» كەسپىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. 
دۆلەتلەر تىزىملىكى: تايلاند، ھىندونېزىيە، كامبودژا، مالدىۋې، سىرېلانكا، فىلىپپىن، مالايسىيا، سىنگاپور، لائوس، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر، كېنىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، رۇسىيە، شىۋېيتسارىيە، ۋېنگىرىيە، يېڭى زېلاندىيە، فىجى، كۇبا، ئارگېنتىنا.

ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇلىرى A، B، C دىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ

 

 

«ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇلىرىغا قويۇلىدىغان ئاساسىي تەلەپ ۋە ئۇلارنىڭ دەرىجىسىنى ئايرىش» دۆلەت ئۆلچىمى 1-فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ئۆلچەمدە ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇ تىجارىتىنى باشقۇرۇشقا قويۇلىدىغان ئومۇمىي تەلەپ بەلگىلەندى، ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇلىرىنىڭ دەرىجىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ A، B، C  دىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ ھەمدە جانلىق باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ.  

يەر يۈزىدىكى سىمسىز رادىيو ئىستانسىسىنى ئىشلىتىش قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

 

 

«يەر يۈزىدىكى سىمسىز رادىيو ئىستانسىسى (ئۇزېلى)نى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» 1-فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، ئۇنىڭدا يەر يۈزىدىكى رادىيو ئىستانسىسى (ئۇزېلى) دىن پايدىلىنىۋاتقان ئورۇن ۋە شەخسلەر رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئالاقىدار ھەرىكەت ئۆلچىمى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ ئۆلچەم سىمسىز رادىيو ئىستانسىلىرىنىڭ ئىجازەت بېرىلمىگەن سىمسىز تېلېگراف سىگناللىرىنى قەستەن قوبۇل قىلىشى ياكى تارقىتىشىغا يول قويماسلىق قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مىكرو دولقۇنلۇق خەۋەرلىشىش سىستېمىسىنىڭ چاستوتىسى ئەلالاشتۇرۇلىدۇ

 

 

1-فېۋرالدىن باشلاپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى مىكرو دولقۇنلۇق خەۋەرلىشىش سىستېمىسىنىڭ چاستوتىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەپ، G5  ئاساسىي پونكىتى قاتارلىق يۇقىرى سىغىملىق ئۇچۇر يوللاش (مىكرو دولقۇننىڭ قايتا يەتكۈزۈلۈشى) مۇھىتى ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرىدۇ ھەمدە ئېلىمىزنىڭ G5، سانائەت ئالاقە تورى ۋە كەلگۈسى 6G قاتارلىقلارغا چاستوتا سىپېكترى بايلىقى ھاسىل قىلىدۇ. 

شەھەر-بازارلاردىكى سۇ چىقىرىۋېتىش ئەسلىھەلىرىگە ئەخلەت ۋە داشقاللارنى تۆكۈش مەنئى قىلىنىدۇ

 

 

يېڭى نۇسخىدىكى «شەھەر-بازارلاردىكى پاسكىنا سۇنى چىقىرىۋېتىش تۇرۇبا تورىغا بۇلغانما چىقىرىشقا ئىجازەت بېرىشنى باشقۇرۇش چارىسى» 1-فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، ئۇنىڭدا ئىشلەتكۈچىلەر شەھەر-بازار سۇ چىقىرىۋېتىش ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ سۇ چىقىرىۋېتىش ئەسلىھەلىرىگە زىيانلىق گاز چىقىرىش ۋە تاماق بۇسىنى چىقىرىش، ئەخلەت، داشقال تۆكۈش قاتارلىق قىلمىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئورالمىلارنى يىغىۋېلىش بەلگىسى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ 

 

 

يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئورالمىلارنى يىغىۋېلىش بەلگىسى» دۆلەت ئۆلچىمى 2-فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ئۆلچەمدە قەغەز، سولياۋ، مېتال، ئەينەك ۋە بىرىكمە ماتېرىيال قاتارلىق دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئورالما ماتېرىياللىرىنى يىغىۋېلىش بەلگىسى بەلگىلەندى، بۇ ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش، تاشلاندۇقلارنى يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. 

2023-يىلى فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان يېڭى يەرلىك بەلگىلىمىلەر

تيەنجىندە: توكسىكلىتنى لىفىتقا ئېلىپ چىقىشقا بولمايدۇ

«تيەنجىن شەھىرىنىڭ ئېگىز بىنالارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» 1-فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، ئۇنىڭدا مۇنداق بەلگىلەندى: ئېگىز بىنالاردىكى كارىدور، پەلەمپەي، بىخەتەر چىقىش ئېغىزى قاتارلىق ئاممىۋى رايونلاردا توكسىكلىت توختىتىش مەنئى قىلىنىدۇ، توكسىكلىت ياكى توكسىكلىت باتارېيەسىنى ئېلىپ لىفتقا چىقىش مەنئى قىلىنىدۇ. 

سەنشى: چاقماق ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈچەيتىلىدۇ 

 «سەنشى ئۆلكىسىنىڭ چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش بويىچە باشقۇرۇش چارىسى» 1-فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، ئۇنىڭدا مۇنداق بەلگىلەندى: ئىمارەت، سورۇن ۋە ئەسلىھەلەرنىڭ چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلمىسىنى يېڭىدىن سېلىش، ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىشكە توغرا كەلسە ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ لايىھەلەش، تەڭ قۇرۇلۇش قىلىش، تەڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈش كېرەك. 

جىلىن: شەھەرگە كىرىپ ئولتۇراقلاشقان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلۈك يېرىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەقلىق قايتۇرۇپ بېرىشىگە يول قويۇلىدۇ 

«جىلىن ئۆلكىسىنىڭ يەر باشقۇرۇش نىزامى» 1-فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، ئۇنىڭدا مۇنداق بەلگىلەندى: شەھەرگە كىرىپ ئولتۇراقلاشقان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلۈك يېرىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەقلىق قايتۇرۇپ بېرىشىگە يول قويۇلىدۇ، شارائىتى بار جايلارنىڭ ئۆيلۈك يەردىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن چېكىنىپ چىققان كەنت ئاھالىلىرىنى ئالدى بىلەن كاپالەتلىك تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ. 

شاڭخەي: ئۆينى كوللېكتىپ ئىجارە ئېلىش مەنئى قىلىنىدۇ، «ئىككىنچى ئۆي ئىگىسى»گە قارىتىلغان نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ

«شاڭخەي شەھىرىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە نىزامى» 1-فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «نىزام»دا مۇنۇلار بەلگىلەندى: تۇرالغۇ ئۆيلەرنى كوللېكتىپ ئىجارە ئېلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ شەخسلەرنىڭ پايدا ئېلىش مەقسىتىدە قولدىن-قولغا ئۆتكۈزۈپ ئىجارىگە بەرگەن ئۆي بەلگىلەنگەن سانغا يەتكەنلەر ۋە تۇرالغۇ ئىجارە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغانلار قانۇن بويىچە بازار سۇبيېكتىنى تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك

جېجياڭ: ئائىلىگە بېرىپ داۋالاش مۇلازىمىتى قىلىش ھەققى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

جېجياڭ ئۆلكىلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇردى: 1-فېۋرالدىن باشلاپ داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىمارلارنى ئائىلە كېسەل كارىۋىتى بىلەن تەمىنلىگەندە ۋە ئائىلىگە بېرىپ داۋالاش مۇلازىمىتى قىلغاندا «داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسى+ئائىلىگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش ھەققى» ئۇسۇلى بويىچە ھەق ئالسا بولىدۇ؛ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىنغان ئائىلە كېسەل كارىۋىتى مۇلازىمەت ھەققى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتى بويىچە راسچوت قىلىنىدۇ، چىقىم قىلىش تۆۋەن چېكى ئۆلچىمى بەلگىلەنمەيدۇ.

شەندۇڭ: مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇشتا ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى ھۆددىگە بېرىش، بۆلۈپ ھۆددىگە بېرىش قىلمىشى توسۇلىدۇ

«شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئالىي مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇشنى باشقۇرۇش چارىسى» 1-فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، ئۇنىڭدا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئالىي مەكتەپلەر مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش تۈرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش جەريانىدىكى قايتا ھۆددىگە بېرىش، بۆلۈپ ھۆددىگە بېرىش ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا قايتا ھۆددە بېرىش قىلمىشلىرىنى توسۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

گۇاڭشى: داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ نامىدا ئەرلەر، ئەرلەر بۆلۈمى قاتارلىق سۆزلەرنى قوللىنىشقا يول قويۇلمايدۇ

«گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى» 1-فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، ئۇنىڭدا داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ نامىدا «مۇرەككەپ كېسەل»، «مەخسۇس داۋالاش»، «مۇتەخەسسىس» دېگەندەك خەتلەر بولماسلىقى، ئەرلەر، ئەرلەر بۆلۈمى ياكى ئاياللار دېگەن سۆزلەر قوللىنىلماسلىقى ئېنىق بەلگىلەندى. 

سىچۈەن: خېرىدار چىقىش كېپىللىك خېتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ 

سىچۈەن ئۆلكىسى 22 تۈرلۈك تەدبىر ئېلان قىلىپ، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىشنىڭ سۇبيېكتلىق ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇردى، بۇ تەدبىرلەر 1-فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭدا خېرىدار چىقىش كېپىللىك خېتى (سۇغۇرتىسى)نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، خېرىدار چاقىرغۇچىنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە ئىناۋىتىنى باھالاش دەرىجىسى يۇقىرى كارخانىلارنىڭ خېرىدار چىقىش كاپالەت پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىشىغا ياكى كېمەيتىپ ئېلىشىغا ئىلھام بېرىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

يۈننەن: مەكتەپ ئەتراپىدا «تورخانا» ئېچىشقا يول قويۇلمايدۇ 

يۈننەن ئۆلكىلىك مەدەنىيەت-ساياھەت نازارىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 1-فېۋرالدىن باشلاپ، يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان تورغا چىقىش مۇلازىمىتى تىجارەت سورۇنىنىڭ يەسلى، مەكتەپ بىلەن بولغان ئارىلىقى 200 مېتىردىن كەم بولماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

نىڭشيا: پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى ئىككى يىلدا بىر قېتىم باھالىنىدۇ

 «نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى چارىسى» 1-فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، ئۇنىڭدا نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىنى باھالاش مۇددىتى ھەر يىلى بىر قېتىم باھالاشتىن ئىككى يىلدا بىر باھالاشقا ئۆزگەرتىلىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، قېتىرقىنىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدىغان بولدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ يېڭى بەلگىلىمىلەر 1-فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ!

2023-يىلى فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان مەملىكەتلىك بەلگىلىمىلەر