ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئومىكروننىڭ ئۆزگەرگەن تۈپى CH.1.1 پەيدا بولدى؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-02 08:32

31-يانۋار، جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزى ئورگان ئۈندىدار سۇپىسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ ئومىكروننىڭ ئۆزگەرگەن تۈپى CH.1.1 توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.

 

ئومىكروننىڭ ئۆزگەرگەن تۈپى CH.1.1 دېگەن نېمە؟

 

CH.1.1 ئومىكروننىڭ ئۆزگەرگەن تۈپى BA.2.75 نىڭ 6-ئەۋلاد كەنجى تارمىقىغا تەۋە. ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭىدىن نۇرغۇنلىغان توساتتىن ئۆزگىرىش نۇقتىلىرى كۆپەيگەچكە CH.1.1 نىڭ ئىممۇنىتېتتىن قېچىش ئىقتىدارى ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭىدىن كۆپەيگەن توساتتىن ئۆزگىرىش نۇقتىسى (L452R) دەل ئىلگىرى كۆرۈلگەن تۈپى ئۆزگەر ۋىرۇس دېلتانىڭ توساتتىن ئۆزگىرىش نۇقتىسى بىلەن خاراكتېر جەھەتتىن ئوخشاش چىققان. لېكىن دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ توساتتىن ئۆزگىرىش نۇقتىسى يەنە ئومىكروننىڭ باشقا نۇرغۇن ئۆزگەرگەن تۈپلىرىنىڭ كەنجى تارماقلىرىدىمۇ ساقلانغان، مەسىلەن BA.5.3 ۋە BA.5.1.3 قاتارلىقلاردىمۇ بۇ خىل توساتتىن ئۆزگىرىش نۇقتىسى بار.

2022-يىلى 11-ئايدىن ھازىرغىچە، ئامېرىكىدا تارقالغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس تۈپى ئىچىدە CH.1.1نىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۆرلەشكە باشلىغان. 2023-يىلىنىڭ 4-ھەپتىسىدە، ئامېرىكىدا تارقالغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس تۈپى ئىچىدە CH.1.1نىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 5-ئورۇنغا ئۆتۈپXBB.1.5 ، BQ.1.1، BQ.1 ، XBB دىن كېيىنكى ئەڭ كەڭ تارقالغان تۈپ بولۇپ قالغان.

 

CH.1.1 نىڭ كېسەل پەيدا قىلىش كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈكمۇ؟

 

نۆۋەتتە، ئۆزگەرگەن تۈپCH.1.1  نىڭ كېسەل پەيدا قىلىش كۈچىنىڭ كۈچەيگەنلىكى بايقالمىدى، بۇنىڭغا يەنىمۇ دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئادەتتە يېڭى ۋىرۇس تۈپى پەيدا بولۇپ، يۇقۇملانغان بىمارلار سانى بەلگىلىك كۆلەمگە يەتكەن ھەمدە بىر مەزگىل داۋاملاشقاندىن كېيىن ئاندىن يېڭى ۋىرۇس تۈپىنىڭ كېسەل پەيدا قىلىش كۈچىدە ئۆزگىرىش بولغان-بولمىغانلىقىغا دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.

 

CH.1.1  نىڭ دۇنيادىكى تارقىلىش ئالاھىدىلىكى

 

GISAID سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرگۈزۈلگەن رەت تەرتىپلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، CH.1.1 ئۆزگەرگەن تۈپ 2022-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇنجى قېتىم ھىندىستاندا بايقالغان. يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان ئۆزگەرگەن تۈپ CH.1.1  ۋە ئۇنىڭ كەنجى تارماقلىرىنىڭ دۇنيادىكى تارقىلىش نىسبىتى %6 تىن ئېشىپ كەتتى. 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە 67 دۆلەت ياكى رايوندا بۇ خىل ئۆزگەرگەن تۈپنىڭ كۆرۈلگەنلىكى بايقالدى، ئاساسلىقى ئەنگلىيە، دانىيە، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەردە كەڭ تارقالدى. ئەنگلىيەدە يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە يوللانغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس تەرتىپىدە بۇ خىل ئۆزگەرگەن تۈپنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تەخمىنەن %25 كە يەتتى.

 

CH.1.1 نىڭ دۆلىتىمىزدىكى تارقىلىش ئەھۋالى

 

2022-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى، دۆلىتىمىز گېن گۇرۇپپىسى تەرتىپىنى ئۆلچەش ئارقىلىق تيەنجىن شەھىرى يوللىغان تايلاندتىن كەلگەن بىر بىمارنىڭ ئەۋرىشكىسىدىن (2022-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەۋرىشكە ئېلىنغان) تۇنجى قېتىم CH.1.1 نىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان كەنجى تارمىقىنى تەكشۈرۈپ چىقتى. 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، جەمئىي سىرتتىن كەلگەن 24 بىمارنىڭ CH.1.1 ۋە ئۇنىڭ كەنجى تارماقلىرىدىن يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى. سىرتتىن كەلگەن بۇ بىمارلار 15 دۆلەت ياكى رايونغا چېتىلىدۇ. CH.1.1 ۋە ئۇنىڭ كەنجى تارماقلىرىدىن يۇقۇملانغان يەرلىك بىمار بايقالمىدى.

 

CH.1.1 ئىككىنچى قېتىملىق يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

 

گەرچە ئۆزگەرگەن تۈپ CH.1.1نىڭ ئىممۇنىتېتتىن قېچىش ئىقتىدارى ۋە تارقىلىش ئالاھىدىلىكى يەنىمۇ كۈچىيىپ، بۆسۈش خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش ۋە قايتا يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن دۆلىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ تېنىدە يۇقىرى سەۋىيەلىك نېيتراللاشتۇرۇش ئانتىتېلاسى شەكىللىنىپ بولدى، بۇنىڭ CH.1.1 گە قارىتا بەلگىلىك گىرەلەشمە قوغداش رولى  بار. شۇڭا CH.1.1 قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كەڭ كۆلەملىك يەرلىكتە تارقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. ئاجىز كىشىلەر توپى (65 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار، ئاساسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ۋە ۋاكسىنا ئەملەتمىگەنلەر) ھەمدە يۇقۇملانمىغان كىشىلەر يەنىلا شەخسىي مۇداپىئەنى كۈچەيتىشى كېرەك.

 

CH.1.1 گە قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟

 

شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى ساقلاش، راستلىقى دەلىللەنمىگەن تور خەۋەرلىرىگە ئىشەنمەسلىك كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئومىكروننىڭ ئۆزگەرگەن تۈپى CH.1.1 پەيدا بولدى؟

31-يانۋار، جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزى ئورگان ئۈندىدار سۇپىسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ ئومىكروننىڭ ئۆزگەرگەن تۈپى CH.1.1 توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.