شىنجاڭ ئۈچ يىلدا يەنە سەككىز ئايرودۇرۇم قۇرۇشنى پىلانلىدى
بۇ يىل، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋىلاشقان ئايرودۇرۇم تور سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، 2025-يىلىغا بارغاندا سەككىز ئايرودۇرۇم قۇرۇپ، «14-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭدىكى پۇقراۋى ئايرودۇرۇمنىڭ سانىنى 33كە يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى. 2022-يىلى، شىنجاڭدا موڭغۇلكۈرە تۇلپار ئايرودۇرۇمى، ئارال تارىم ئايرودۇرۇمى، تاشقورغان قونجىراپ ئايرودۇرۇمى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ھازىر پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىدىن 25ى بار بولۇپ، پۇقراۋى ئايرودۇرۇمنىڭ سانى مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى. 2023-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى گۇچۇڭ، بايىنبۇلاق، باركۆل، بۈگۈر، شىخو، قوبۇقسار، گۇما، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 2-شى 38-تۈەنى (چەرچەن)دىن ئىبارەت سەككىز ئايرودۇرۇم قۇرۇشنى پىلانلىدى.