14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى يېپىلدى
14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتى تەركىبىدىكىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەندىن كېيىن، 3-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى.
قۇرۇلتاي پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى كۈچەيتىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا مەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە داۋاملىق سايلاندىم، مەن ۋەكىللەرنىڭ ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. خەلقنىڭ ئىشەنچىسى مېنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىمدىكى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، شۇنداقلا زىممەمدىكى ئېغىر مەسئۇلىيەت. مەن ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىمنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىنى بۇرچ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆلچەم قىلىپ، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن تۆھپە قوشۇپ، ۋەكىللەرنىڭ ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ھەرگىز يەردە قويمايمەن.
14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، باش كاتىپى يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالدى ھەمدە رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇلار: جاۋ لېجى، لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، ليۇ چى.
لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.
لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.
يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2977 بولۇپ، 2947 كىشى قاتناشتى، 30 كىشى قاتنىشالمىدى، قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
يېپىلىش يىغىنىغا يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، جاۋ لېجى يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى. قاراردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يىغىندا يېڭى دەۋردىكى ئون يىلدا ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە، يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە يۈكسەك باھا بېرىلدى، گوۋۇيۈەننىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ۋە بەش يىللىق خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، يىغىن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2023-يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئاساسلىق نىشانى، سىياسەت يۆنىلىشى ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە قوشۇلۇپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى. 2023- يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇش قارار قىلىندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى.
يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 2022-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2023-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللىنىپ ، 2022-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2023-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى ، 2023-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى تەستىقلاندى؛ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 2022-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2023-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، 2022-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2023-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى، 2023-يىللىق مەركەز خامچوتى تەستىقلاندى.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، بۇ ئۈچ دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.
يۇقىرىقى قارالمىلار تاماملانغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە جۇڭخۇا مىللىتى تارىختا سانسىز شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى، شۇنداقلا نۇرغۇن ئازاب ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈردى. يېقىنقى زاماندىن كېيىن، جۇڭگو تەدرىجىي يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئايلىنىپ، كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچراپ، چاك-چېكىدىن ئاجراپ كېتىپ، ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا قېلىپ، خەلق يەتكۈچە ئازاب-ئوقۇبەت تارتتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يۈز يىللىق كۈرەش ئارقىلىق مىللىي ئار-نومۇسنى ئاقلىدى، جۇڭگو خەلقى ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىردىن باشلاپ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى. دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقى بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ زىممىسىگە تارىخىي يوسۇندا يۈكلەندى . بىز پارتىيە 20 -قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى مۇساپىدە دەۋرگە، تارىخقا، خەلققە يۈز كېلەلىگۈدەك نەتىجىلەرنى يارىتىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنى پەن-مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى، شەھەر-يېزا، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يېشىللاشتۇرۇش، تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇشقا، ئىقتىسادتا سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا خەلق ھەل قىلغۇچ كۈچ. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، بارلىق خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەقسىمات تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋىي مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى پۇختا ساقلاپ، خەلق ئاممىسى ئالدىرىغان، قىينالغان، غەم قىلغان، تەقەززا بولغان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش كېرەك. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان، مىللەتنى گۈللەندۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەۋپسىزلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، مۇقىملىق قۇدرەت تېپىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، جامائەت ئاممىۋىي خەۋپسىزلىك ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى ئۈنۈملۈك قوغدايدىغان پولات سېپىل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭنى، ئاۋمېننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا مەدەت بېرىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭدۈرۈش كېرەك. ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم ھالقىسى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92-يىل ئورتاق قارىشى»دا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى ۋە «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ. بىز يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەم دۇنيا بازىرى ۋە بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز، ھەم دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. بىز تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، تەڭ پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باشتىن-ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى خەلقئارا مۇھىت يارىتىشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش كېرەك، پارتىيە گۈللەنگەندىلا دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش شەرت. چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر مىنۇتمۇ توختىتىپ قويماي، چىرىكلىككە قەتئىي تەۋرەنمەي قارشى تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى باشتىن ـ ئاخىر ساقلاپ، پارتىيەنىڭ سۈپىتى، خىسلىتى، خاراكتېرىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. بىز پەيتنى قولدىن بەرمەي، تارىخ ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، توغرا يولدا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈچ قوشۇشىمىز، شان-شەرەپ قوشۇشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كۆپ قېتىم پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئارقىدىن جاۋ لېجى سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن ۋە ھىمايە قىلىمەن. مۇھىم سۆزدە خەلق مەيدانىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، تارىخ ئىشەنچى چىڭىتىلىپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش نامايان قىلىنىپ، ئالغا ئىلگىرىلەشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى، بۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئۇنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە يەنە بىر قېتىم تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلىنىشى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. پارتىيەنىڭ يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچى ئورنىنى تىكلىشى- يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تارىخىي مۇساپىسىدە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: قۇرۇلتايدا پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى1-،2-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، تۈرلۈك قارالمىلار مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، بۇ بىر قېتىملىق دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن قۇرۇلتاي بولدى. مەن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەت خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارغا، يولداش لى جەنشۇغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!
جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: قۇرۇلتايدا 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى، مەن كومىتېت باشلىقلىقىغا سايلاندىم. بىز ۋەكىللەرنىڭ ئىشەنگەنلىكىگە چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز، بۇرچىمىزنىڭ ئالىيجاناب، مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. بىز پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە خەلق ئاممىسىغا يېقىندىن تايىنىپ، ئاساسىي قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، پاك-دۇرۇس بولۇپ، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن تۆھپە قوشۇمىز، ۋەكىللەر ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ھەرگىز يەردە قويمايمىز.
جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلدى. 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان، ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ، ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.
جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: بىز پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ قانۇن بويىچە دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈش، دېموكراتىك كېڭىشىش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ئاساسىي قانۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ۋە نازارەت قىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. قانۇننى ئىلمىي، دېموكراتىك، قانۇن بويىچە چىقىرىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن سىستېمىسىنى تېخىمۇ ئىلمىي، مۇكەممەل قىلىش، بىردەك نوپۇزغا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ خەلق ئارىسىدىن كېلىش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىشتەك ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى ياخشى كۆۋرۈك بولۇشىمىز كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە يۈكلىگەن بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.
سائەت 9 دىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، جاۋ لېجى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ يېپىلغانلىقىنى جاكارلىدى. يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.
رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانلاردىن يەنە ما شىڭرۈي، ۋاڭ يى، يىن لى، شى تەيفېڭ، ليۇ گوجۇڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ يۇشيا، جاڭ گوچىڭ، چېن ۋېنچىڭ، چېن جىنىڭ، چېن مىنئېر، يۈەن جياجۈن، خۇاڭ كۈنمىڭ، ليۇ جىنگو، ۋاڭ شياۋخۇڭ، لى شاڭفۇ، ۋۇ جېڭلۇڭ، چېن يىچىن، چىن گاڭ، جاڭ جۈن، يىڭ يۇڭ، خۇ چۈنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جۇ چياڭ، پابالا گېلىلاڭجيې، خې خۇخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، ۋاڭ دۇڭفېڭ، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جىن ۋە شۈ چىلياڭ، سۈن چۈنلەن، ۋاڭ چېن، ليۇ خې، ياڭ شياۋدۇ، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، بەيما چىلىن، ۋېي فېڭخې، جاۋ كېجى، جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، ۋەن گاڭ، لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، لى بىن، ۋاڭ يۇڭچىڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ليۇ جېنلى، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن قاتارلىقلار بار.
شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ھەمدە رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ياكى يىغىننى سىرتتىن ئاڭلىدى.
چەت ئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى يىغىننى سىرتتىن ئاڭلىدى.
3-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى خەلق سارىيىدا 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل، پاتىگۈل مەمەت