«ئۆزتاراتقۇ»دىكى قالايمىقانچىلىقنى قاتتىق تۈزەش باشلاندى
مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى «ساپ تور مۇھىتى بەرپا قىلىش——‹ئۆزتاراتقۇ›لاردىكى قالايمىقانچىلىقلارنى قاتتىق تۈزەش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى
مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2023-يىللىق «ساپ تور مۇھىتى بەرپا قىلىش» يۈرۈشلۈك مەخسۇس ھەرىكەت پىلانى بويىچە، مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى ئىككى ئاي داۋاملىشىدىغان «ساپ تور مۇھىتى بەرپا قىلىش─‹ئۆزتاراتقۇ›لاردىكى قالايمىقانچىلىقلارنى قاتتىق تۈزەش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى، قىسقا سىن سۇپىسى، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى قاتارلىق نۇقتىلىق سۇپىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئۆزتاراتقۇ»لاردىكى پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش، ساختىلىق قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ پايدا ئېلىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قەتئىي زەربە بېرىپ، ئالاقىدارلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، ساپ تور بوشلۇقى بەرپا قىلىدۇ.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەخسۇس ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى: «ئۆزتاراتقۇ»لارنىڭ پىتنە-ئىغۋا، زىيانلىق ئۇچۇر ۋە يالغان خەۋەرلەرنى تارقىتىشىغا قەتئىي زەربە بېرىش؛ ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئالاھىدە خادىملارنىڭ نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىشىنى قەتئىي توسۇس؛ «ئۆزتاراتقۇ»لاينىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پايدا ئېلىش قىلمىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەش.
بۇنىڭ ئىچىدە، «ئۆزتاراتقۇ»لارنىڭ زىيانلىق ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشىغا زەربە بېرىشتە، ئاممىۋى سىياسەت، ماكرولۇق ئىقتىسادىي ۋەزىيەت، زور ئاپەت-ۋەقە، جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتىلىق ۋەقەلەر قاتارلىقلارغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئۇ يەر-بۇ يەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈش، قارا چاپلاپ ھۇجۇم قىلىش، قايغۇلۇق ئىشلارنى كۆپتۈرۈپ قارشىلىشىشقا قۇترىتىش، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كاشىلا قىلىدىغان زىيانلىق ئۇچۇرلارنى ياساش قاتارلىقلارغا نۇقتىلىق زەربە بېرىلىدۇ.
«ئۆزتاراتقۇ»لارنىڭ ئاجىزلار توپلاردىن پايدىلىنىپ ئېقىم مىقدارىنى ئاشۇرۇپ پايدا ئېلىش، جۈملىدىن ئالدامچىلىق قىلىش، ياشانغانلارنى ئالداپ سىن ئىشلەش، بىۋاسىتە كۆرسىتىش، تور ئەھلىنى ئالداپ ئۇلارنى قوللاش، ئىنئام بېرىش، ئىئانە قىلىشقا يېتەكلەش؛ مېيىپلارنى ئالداش، ئازدۇرۇش، بىچارە قىياپەتتە كۆرسىتىپ پۇل تېپىش، ھەجۋىيلەشتۈرۈش، خورلاش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ئەخلاقسىز ئۇسۇللار ئارقىلىق ئېقىم مىقدارىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق قىلمىشلىرى قاتتىق تەرتىپكە سېلىنىدۇ.
بۇ ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، جايلاردىكى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى تور بېكەتلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ، قارشىلىشىپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان، قايتا-قايتا تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمىگەن «ئۆزتاراتقۇ»لارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ باشقۇرۇشى كۈچلۈك بولمىغان، ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەن تور بېكەتلىرىگە قانۇن بويىچە سۈرۈك ئىچىدە ئۆزگەرتىش، جەرىمانە قويۇش، ئالاقىدار ئىقتىدارىنى ۋاقتىنچە توختىتىش، تاقاش قاتارلىق جازالارنى قوللىنىپ، «ئۆزتاراتقۇ» ۋە تور پونكىتى-سۇپىلارنى ئۆزـ ئۆزىنى ياخشى باشقۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ.