2خىل ۋىرۇس بىلەن بىرلا ۋاقىتتا يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بارمۇ؟
يېقىندا A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام يامراپ، نۇرغۇن مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلار يۇقۇملانغانلىقتىن دەرس توختاتتى، ئاتا-ئانىلار، ياشانغانلار ئىچىدىمۇ بۇ خىل زۇكام بىلەن يۇقۇملانغانلار كۆرۈلۈپ تۇردى. بىز A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ قانداق ئالدىنى ئالىمىز؟ A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىمىزنى قانداق پەرقلەندۈرىمىز؟ A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولغانلار قانداق چاغدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈڭ.
A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولسا قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟
مۇتەخەسسىسلەر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان جىددىي خاراكتېرلىك يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسىلى بولۇپ، ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى قىزىش، باش ئاغرىش، مۇسكۇل-بوغۇملار سىرقىراپ ئاغرىش، پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇش، قىسمەن ئىپادىلىرى يۇتقۇنچاق ئىششىپ ئاغرىش، ماڭقا ئېقىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلار، ئېغىر بولغاندا يەنە ئۆپكە ياللۇغى پەيدا بولىدۇ. A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ئاساسلىقى نەپەس يولىدىكى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ، ھەرقايسى ياشتىكىلەر ئومۇميۈزلۈك ئاسان يۇقۇملىنىدۇ.
تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ئادەتتە 1~4 كۈن (ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2 كۈن) بولىدۇ، بالىلاردا دائىم تۇيۇقسىز كېسەل قوزغىلىدۇ، ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى قىزىش بولۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى 39~40 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ، سوغۇقتىن قورقۇش، تىترەش، باش ئاغرىش، پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇللار سىرقىراپ ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق پۈتۈن بەدەنلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، دائىم يۆتىلىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، ماڭقا ئېقىش ياكى بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. ئەگەشمە كېسەللىكى بولمىغان A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولغان كۆپ ساندىكى بالىلارنىڭ كېسەللىك ئالامىتى 3~7 كۈندە پەسىيىدۇ، لېكىن يۆتەلنىڭ توختىشى ۋە جىسمانىي قۇۋۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە 1~2 ھەپتە ۋاقىت كېتىدۇ. يېنىك تىپتىكى بىمارلارنىڭ قىزىتمىسى 39 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، كېسەللىك ئالامىتى بىر قەدەر يېنىك بولىدۇ، كېسەللىك جەريانى 2~3 كۈن داۋاملىشىدۇ.
A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن تەڭ يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بولامدۇ؟
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكىگە تەۋە بولۇپ، ھازىر تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىدىغان پەسىل، نەزەرىيە جەھەتتە بىرلا ۋاقىتتا يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ.
بېيجىڭ شەھەرلىك نەپەس يولى كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى تۇڭ چاۋخۇي مۇنداق دېدى: «ئاساسىي كېسەللىكى بار، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىدىغان بۇ پەسىلدە يەنە كېلىپ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس تېخى تولۇق يوقىتىلمىغان ئەھۋالدا، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋە تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت».
بالىلار A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملىنىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟
ئاساسلىقى تارقىلىشچان كېسەللىك تارىخى، كىلىنىكىلىق ئىپادىسى ۋە ئېتىيولوگىيەلىك تەكشۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىش كېرەك.
بالىلار تارقىلىشچان زۇكام بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ ئاتا - ئانىلار قورقۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئەگەر بەدەن تېمپېراتۇرىسى 39 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتمىسە، كۆپىنچە يېنىك دەرىجىدىكى A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ھېسابلىنىدۇ، ئادەتتە 3~4 كۈندىن كېيىن بەدەن تېمپېراتۇرىسى تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ، باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ياخشىلىنىدۇ، لېكىن يۆتەلنىڭ توختىشى ۋە بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن 1~2 ھەپتە كېتىدۇ. ئەگەر يۇقىرى قىزىتما، تىترەش، مۇسكۇللار سىرقىراپ ئاغرىش، باش ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، قاتتىق يۆتىلىش، نەپەس تېزلىشىش، ئۇيقۇسىراش، تىت-تىت بولۇش، تارتىشىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.
A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى قانداق ئالىمىز؟
تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى ئىسسىقلىق، كىسلاتا-ئىشقار ۋە ئۇلترا بىنەپشە نۇرغا سەزگۈر بولۇپ، ئادەتتە 56 سېلسىيە گىرادۇستا 30 مىنۇتتا ئاكتىپلىقىنى يوقىتىدۇ، يود-ۋولت، ئېتىل ئېفىرلارغا سەزگۈر كېلىدۇ. ئاساسلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى تۆۋەندىكىچە:
(1) يۇقۇملانغان بىمارلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، ئىمكانقەدەر ئادەم توپلاشقان سورۇنلاردا ھەرىكەت قىلىشنى ئازايتىش كېرەك. A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىلدە، ئادەم توپلاشقان سورۇنلارغا ئاز بېرىپ، كېسەل كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى ئازايتىش كېرەك؛ يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشماسلىق، مەسىلەن قۇچاقلاشماسلىق كېرەك.
(2) قولنى پات-پات يۇيۇش، ماسكا تاقاش كېرەك. ياخشى تازىلىق ئادىتىنى ساقلاش، قولنى پات-پات يۇيۇش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ئاممىۋى سورۇنلاردا قول تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، بولۇپمۇ كۆز، ئېغىز، بۇرۇننى تۇتۇش ۋە تاماق يېيىشتىن ئىلگىرى قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى سوپۇن بىلەن قول يۇيۇش كېرەك. سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاش كېرەك.
(3) مۇھىتنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش ھەمدە شامال ئۆتۈشتۈرۈپ تۇرۇش كېرەك. ئائىلە مۇھىتىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش، شامال ئۆتۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دائىم ئۆي ئىچىنى تازىلاپ تۇرۇش، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ھەر قېتىمدا 30 مىنۇت ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك.
(4) كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەندە بالدۇرراق دوختۇرغا كۆرسىتىش، ئۆيدە ئارام ئالدۇرۇش كېرەك. بالىلاردا قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، ئۆيدە ئارام ئالدۇرۇش، كېسىلى ساقايماي تۇرۇپ دەرسكە قاتناشتۇرماسلىق كېرەك. ئەگەر سىرتقا چىقىشقا توغرا كەلسە، باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ماسكا تاقاش كېرەك. ئەگەر كېسەللىك ئالامىتى بىر قەدەر ئېغىر بولسا، بالدۇرراق دوختۇرغا كۆرسىتىپ، ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالىتىش كېرەك.
(5) ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىش كېرەك. تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەندە، ۋاكسىنا ئەملەنگۈچىنىڭ تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولۇش ۋە ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلۈش خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكى نۇقتىلىق كىشىلەر، خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپىغا ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملەش كېرەك: تېببىي خادىملار؛ چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرگە قاتناشقۇچىلار ۋە كاپالەت خادىملىرى؛ ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئاپپاراتى، ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش قىلىش ئاپپاراتى، پاراۋانلىق ئورنى قاتارلىق كىشىلەر توپلاشقان سورۇنلاردىكى ئاجىز كىشىلەر ۋە خىزمەتچىلەر؛ نۇقتىلىق سورۇنلاردىكى كىشىلەر توپى؛ باشقا تارقىلىشچان زۇكامنىڭ خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپى، ئائىلىدىكى 60 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلار، ئالتە ئايلىقتىن بەش ياشقىچە بولغان بالىلار، بىر خىل ياكى كۆپ خىل ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار، ئالتە ئايلىقتىن تۆۋەن بوۋاقلار بىلەن بىللە تۇرىدىغانلار ۋە ئۇلارغا قارىغۇچىلار، ھامىلىدار ئاياللار ياكى تارقىلىشچان زۇكام پەسلىدە ھامىلىدار بولماقچى بولغان ئاياللار.