ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جىددىي ئەسكەرتىش: بۇنداق نومۇردىن كەلگەن تېلېفوننى ئالماڭ!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-16 08:33

سىز «00» ياكى «+» بىلەن باشلانغان تېلېفوننى قوبۇل قىلىپ باققانمۇ؟ بۇ بىر قاتار ئۇزۇن نومۇرلار تولىمۇ غەلىتە. بۇلارنىڭ ھەممىسى چېگرا سىرتىدىكى تېلېفون نومۇرلىرى بولۇپ، ئالدامچىلار بۇ خىل نومۇردىكى تېلېفوندا سىزگە تېلېفون قىلىپ،  ئۆزىنى دۆلەت ئورگىنى خادىمى،  ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمى ياكى سىزنىڭ تونۇشىڭىز ۋەياكى رەھبىرىڭىز دەپ يالغان ئېيتىدۇ، ئۇلارغا ھەرگىز ئىشەنمەڭ!

7-مارت سائەت 20 لەردە، خاڭجۇنىڭ شاڭچېڭدىكى ج خ تارماقلىرى پېڭبۇ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق خۇاڭ X جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ نامىنى سۇيىئىستېمال قىلغان ئالدامچىلىققا ئۇچراۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دېگەن مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالدى. پېڭبۇ ساقچىخانىسىنىڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس خادىملىرى دەرھال خۇاڭ X كە تېلېفون قىلدى، لېكىن تېلېفون ئۇلانمىدى. شۇنىڭ بىلەن ساقچىخانا دەرھال خەلق ساقچىلىرىنى تەشكىللەپ،  خۇاڭ Xنىڭ تۇرالغۇسىغا ئەۋەتتى. ساقچىلار خۇاڭ Xنىڭ ئىشىكىنى خېلى ئۇزۇن چەككەن بولسىمۇ ئۆيدىن جاۋاب كەلمىدى. ئىلگىرىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دېلولارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلغاندا، خۇاڭ X ئالدامچىلارنىڭ «مېڭە يۇيۇشى»غا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ناھايىتى توغرا كېلىپ قالغىنى شۇكى، خەلق ساقچىلىرى خۇاڭ Xنىڭ تۇرالغۇسىغا كەلگەندە خۇاڭ X ئالدامچىلارنىڭ دېگىنى بويىچە «ئادەم يوق جاي»غا بېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانىدى. تۇيۇقسىز ئىشىك ئالدىغا كەلگەن ساقچىلارنى كۆرۈپ خۇاڭ × ھەيران قالدى، ساقچىلارنىڭ سالاھىيىتىدىن گۇمانلاندى. خۇاڭ X ھەتتا راستتىنلا ئۆزى ھەققىدە «تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىلغان بولسا ساقچىلار تۇتقىلى كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدى، شۇڭا ساقچىلار ئۆيگە كىرگىنىدە ئۇ يىغلاپ كەتتى. 

ساقچىلار خۇاڭ Xكە ئەھۋالنى ئېنىق چۈشەندۈردى، ئۇ ئاستا-ئاستا ئۆزىنىڭ تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. خۇاڭ X مۇنداق دېدى: بۈگۈن سائەت 16 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە «00» بىلەن باشلانغان چېگرا سىرتىدىن كەلگەن بىر تېلېفوننى تاپشۇرۇپ ئالدىم، قارشى تەرەپ ئۆزىنى ج خ ئورگىنىدىكى خىزمەتچى خادىم دەپ تونۇشتۇرۇپ، ماڭا «دۆلەت ھالقىغان تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى دېلوسى»غا چېتىشلىق ئىكەنلىكىمنى ئۇقتۇردى، ئەگەر تەكشۈرۈشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلاشمىساڭ «تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىمىز دېدى.

 

خۇاڭ X ئالدامچىنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن تېلېفونىنى كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلمايدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويدى ھەمدە سىنلىق يىغىن ئېچىش يۇمشاق دېتالىنى چۈشۈرۈپ قارشى تەرەپكە تېلېفون ئېكرانىنى ھەمبەھرىلىدى. ئالدامچىلار ھەمبەھرىلەنگەن تېلېفون ئېكرانىدىن پايدىلىنىپ خۇاڭ Xنىڭ بانكا كارتىسى ئۇچۇرى ۋە بانكا ئەۋەتكەن جەزملەشتۈرۈش نومۇرىغا ئېرىشىۋالدى. ئاندىن خۇاڭ Xنىڭ كارتىسىدىكى بىر مىليون 20 مىڭ يۈەننى يۆتكەشكە ئۇرۇندى، لېكىن كۆپ قېتىم سىنىغان بولسىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. ئالدامچىلار ھەتتا خۇاڭ Xنىڭ بانكا كارتىسى ئارقىلىق پۇل تۆلەش يولىنى قايتىدىن تەڭشىگەن بولسىمۇ، ئوخشاشلا مەغلۇپ بولدى. قولغا چۈشەي دەپ قالغان بىر مىليون 20 مىڭ يۈەن پۇلنى ئالالمىغان ئالدامچىلار جىددىيلەشتى ۋە خۇاڭ x تىن قولاي جايغا بېرىپ بانكا كارتىسىدىكى پۇلنى يۆتكىگىلى بولماسلىق مەسىلىسىنى دەرھال ھەل قىلىپ، نامىدىكى بارلىق پۇلنى بەلگىلەنگەن «بىخەتەر ھېسابات»قا يۆتكەشنى تەلەپ قىلدى. خۇاڭ X ئۆيدىن چىقاي دېگەندە ساقچىلار كېلىپ قالدى.

 

ئەمەلىيەتتە، ئالدامچىلار ھەرقانچە ئۇرۇنسىمۇ مەغلۇپ بولاتتى. چۈنكى خۇاڭ ×نىڭ ج خ تارماقلىرىنىڭ نامىنى سۇيىئىستېمال قىلغان ئالدامچىلىققا ئۇچراش ئېھتىمالى بارلىقى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى كەلگەندە، ساقچىلار خۇاڭ Xكە تېلېفون قىلىپ ئالاقىلىشالمىغاچقا ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى خۇاڭ Xنىڭ بانكا كارتىسى (قالدۇق سوممىسى 1 مىليون 20 مىڭ يۈەن) چىقىمدان (280 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق) ىغا ۋاقىتلىق قوغداش تەدبىرى قوللانغانىدى، شۇڭا ئالدامچىلار كۆپ قېتىم پۇل يۆتكەشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ مەغلۇپ بولغانىدى. 

ساقچىلار مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: چېگرا سىرتىدىن ناتونۇش تېلېفون ياكى قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغاندا چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك. تۆۋەندىكى ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش قوللانمىسىنى ئوبدان كۆرۈپ قويۇڭ. ھەممىمىز بىرلىكتە تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، جىنايەتچىلەرگە ھېچقانداق پۇرسەت بەرمەسلىككە تىرىشايلى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جىددىي ئەسكەرتىش: بۇنداق نومۇردىن كەلگەن تېلېفوننى ئالماڭ!

سىز «00» ياكى «+» بىلەن باشلانغان تېلېفوننى قوبۇل قىلىپ باققانمۇ؟ بۇ بىر قاتار ئۇزۇن نومۇرلار تولىمۇ غەلىتە. بۇلارنىڭ ھەممىسى چېگرا سىرتىدىكى تېلېفون نومۇرلىرى بولۇپ