ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىنىڭ ھەقىقىي ئەپت-بەشرىسى ئېچىپ تاشلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-30 08:54

28-مارت، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «2022-يىلى ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا چېقىلىش دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا چېقىلىشتىكى ھەقىقىي ئەپت-بەشرىسىنى ئېچىپ تاشلىدى.
«دوكلات» كىرىش سۆز، پۇقرالار ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئىقتىدارىدىن قېلىشى، ئامېرىكىچە سايلام دېموكراتىيەسىنىڭ كۈنسېرى كاۋاكلىشىشى، ئىرقىي كەمسىتىش ۋە باراۋەرسىزلىكنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشى، تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ ئاساسىي ياشاش كىرىزىسىنىڭ ئېغىرلىشىشى، ئاياللار ۋە بالىلار ھوقۇقىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك چېكىنىشى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا خالىغانچە چېقىلىپ ھەققانىيەتنى دەپسەندە قىلىشى قاتارلىق يەتتە قىسىمغا بۆلۈنگەن.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2022-يىلى ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى بەلگە خاراكتېرلىك چېكىنگەن بىر يىل بولدى. ئۆزىنى «كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىغۇچىسى» دەپ ئاتىۋالغان ئامېرىكىدا پۇل سىياسىيسى، ئىرقىي كەمسىتىش، قورال-ياراغلارنىڭ يامراپ كېتىشى، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق قىلىشى، باي-نامراتلىقنىڭ بۆلۈنۈشى قاتارلىق جاھىل ئىللەتلەر ساقلاندى، كىشىلىك ھوقۇققا دائىر قانۇن چىقىرىش ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش تارىخىي خاراكتېرلىك ئارقىغا چېكىندى، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى تېخىمۇ قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى.

دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئامېرىكا چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىق بىلەن ئېنىقلىما بېرىلگەن دۆلەت، ئامېرىكا خەلقى زوراۋانلىق جىنايىتى ۋە قانۇننى زوراۋانلىق بىلەن ئىجرا قىلىشتىن ئىبارەت قوش تەھدىتىگە ئۇچرىغاچقا، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولالمىدى. تۈرمىلەر جىنايەتچىلەر بىلەن لىق تولۇپ، ھازىرقى زاماندىكى قۇل سورۇنىغا ئايلىنىپ قالدى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە جىنسىي ئېكسپلاتاتسىيە قىلىش ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىچە دېموكراتىيە ئەل رايى ئاساسىنى يوقاتتى. ئامېرىكىنىڭ سايلام خىراجىتى داۋاملىق ئۆرلەپ، «قارا ئىئانە» سايلام يۆنىلىشىنى ئاستىرتتىن كونترول قىلدى، سىياسىينىڭ قۇتۇپلىشىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ پارچىلىنىشى دېموكراتىك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى، كىشىلەر ئامېرىكىچە دېموكراتىيەدىن ئومۇميۈزلۈك ئۈمىدسىزلەندى.

 دوكلاتتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئامېرىكىدا ئىرقچىلىق بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ، ئاز سانلىق ئىرقتىكىلەر كەڭ كۆلەمدە كەمسىتىشكە ئۇچرىدى؛ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمۈر زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى داۋاملىق ئاشتى؛ بالىلارنىڭ ياشاش مۇھىتى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ئامېرىكا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنگەن ئىقتىسادىي تەقسىمات ئەندىزىسى، ئىرقىي توقۇنۇشتىن ئىبارەت جەمئىيەت ئەندىزىسى ۋە كاپىتال مەنپەئەت گۇرۇھى كونترول قىلىدىغان سىياسىي ئەندىزىنىڭ ئۆزئارا تەسىرى ئاستىدا، تۈزۈم كاردىن چىقىش، ئىدارە قىلىش كەمچىل بولۇش، مىللەتلەر توپى پارچىلىنىش، جەمئىيەت داۋالغۇشتىن ئىبارەت پاتقاققا يەنىمۇ پېتىپ قالدى.

دوكلاتتا مۇنداق دەپ قارالدى: ئولىگارخلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى ئادەتتىكى خەلقنىڭ ئاساسىي تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇرۇش، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنى قوغداشتىكى سۇبيېكتىپ ئارزۇسى ۋە ئوبيېكتىپ ئىقتىدارىنى كۈندىن-كۈنگە يوقىتىپلا قالماي، ئۆزىدە ساقلانغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك جاھىل ئىللەتلەرنى تۈگىتىشكە قۇربى يەتمەي تۇرۇپ، ئەكسىچە كىشىلىك ھوقۇقنى قورال قىلىپ باشقا دۆلەتلەرگە خالىغانچە ھۇجۇم قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە قارشىلىشىش، بۆلۈنۈش ۋە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنىڭ قالايمىقانلاشتۇرغۇچىسى ۋە توسقۇنلۇق قىلغۇچىسىغا ئايلاندى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىنىڭ ھەقىقىي ئەپت-بەشرىسى ئېچىپ تاشلاندى

28-مارت، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «2022-يىلى ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا چېقىلىش دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا چېقىلىشتىكى ھەقىقىي ئەپت-بەشرىسىنى ئېچىپ تاشلىدى.