ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالتە مىليوندىن ئارتۇق تور ھېسابات نومۇرى بىر تەرەپ قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-31 10:00

 

2022-يىللىق «ساپ تور بوشلۇقى» يۈرۈشلۈك مەخسۇس ھەرىكىتىدە 6 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق ھېسابات نومۇرى بىر تەرەپ قىلىندى.

دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نيۇ يىپىڭ 28-مارت گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى جەمئىي 13 تۈرلۈك «ساپ تور بوشلۇقى» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ ۋە ناچار ئۇچۇرلاردىن 54 مىليون 300 مىڭنى تازىلىدى، 6 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق ھېسابات نومۇرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، 2890دىن ئارتۇق ئەپ دېتال ۋە ئەپچاقنى بىكار قىلدى، 260 مىڭ توپ ۋە مۇنبەرنى تارقىتىۋەتتى، تاقىۋەتتى، 7300دىن ئارتۇق تور بېكىتىنى تاقاپ ، تور ئەھلىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كۈچلۈك قوغدىدى.

تور بوشلۇقىنىڭ ساپ بولۇشى، ئېكولوگىيەسىنىڭ ياخشى بولۇشى دەل كەڭ تور ئەھلىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا تورنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم نىشانى. نيۇ يىپىڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى «ساپ تور بوشلۇقى» يۈرۈشلۈك مەخسۇس ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، تور ئېكولوگىيەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قاتتىق تۈزەپ، تور بېكىتى ۋە سۇپىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇردى.

نيۇ يىپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل مەخسۇس ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇش پۇرسىتىنى غەىمەت بىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان تور ئېكولوگىيەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەپ، قاتتىق زەربە بېرىش بىلەن يېتەكلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش بىلەن ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغداشنى تەڭ تۇتۇپ، تور ئەھلىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرىمىز. تور گۇپپاڭچىلىرى، ئۆزتاراتقۇلار قالايمىقانچىلىقى، قىسقا فىلىمگە بېرىلىپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈزەش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، قالايمىقانچىلىقنىڭ ئارقىسىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئومۇمىي ئېكولوگىيەنى ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.

بۇنىڭدىن باشقا، قائىدە تۈزۈش، تېخنىكا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىدارنى تەڭشەش، مەھسۇلاتنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش ۋاسىتىلىرىنىڭ تورنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشتىكى ھالقىلىق رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن زەنجىرلىك، سىستېمىلاشقان تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەيمىز.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئالتە مىليوندىن ئارتۇق تور ھېسابات نومۇرى بىر تەرەپ قىلىندى

2022-يىللىق «ساپ تور بوشلۇقى» يۈرۈشلۈك مەخسۇس ھەرىكىتىدە 6 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق ھېسابات نومۇرى بىر تەرەپ قىلىندى.