ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو ئالىملىرى ئاي شارىدا سۇ ئامبىرى بارلىقىنى بايقىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-31 10:02

 

 

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى ئالىملار «چاڭئې-5» ناملىق ئاي شارى تەكشۈرگۈچى ئېلىپ كەلگەن ئاي تۇپرىقى ئەۋرىشكىسىدىن تەركىبىدە سۇ بار سوقۇلغان ئەينەك شارچىلىرىنى بايقىدى.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئەينەك شارچىلار ئاي شارىدىكى غايەت زور سۇ ئامبىرىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە سۇ ساقلاش مىقدارى 270 مىليارد توننىغا يېتىدىكەن. ئالاقىدار تەتقىقاتلار يېقىندا «تەبىئەت-يەر شارى ئىلىمى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىندى.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى ئالىملار بۇ تەتقىقاتتا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: سوقۇلغان ئەينەك شارچىلار ئاي تۇپرىقىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ، ئاي تۇپرىقىدىكى سۇنى تەتقىق قىلىشتىكى يوشۇرۇن نامزات ھېسابلىنىدۇ.

ئالىملار سوقۇلغان ئەينەك شارچىلاردىكى سۇ مىقدارىنى تەپسىلىي تەھلىل قىلدى، نەتىجىدە سوقۇلغان ئەينەك شارچىلارنىڭ خۇددى بۇلۇتقا ئوخشاش ئاي شارىدىكى سۇنى سۈمۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىكى سۇ مىقدارىنىڭ %0.05 كېلىدىغانلىقىنى بايقىغان. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، ئاي شارىدىكى سوقۇلغان ئەينەك شارچىلارنىڭ سۇ ساقلاش مىقدارى 270 مىليارد توننىغا يېتىدىكەن.

ئالىملار مۇنداق دەپ قارىدى: ئاي تۇپرىقىدا ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى سۇنىڭ ئايلىنىشىنى ساقلايدىغان بىر سۇ ئامبىرى بار بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئىلگىرىكى ئاي تۇپرىقىنى ئانالىز قىلىش نەتىجىسى ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى سۇنىڭ ئايلىنىشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەنىدى، بۇ، ئاي تۇپرىقىدا چوقۇم بىر نامەلۇم سۇ ئامبىرى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئالىملار تەھلىل قىلىش ئارقىلىق بۇ سۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە قۇياش شامىلىدىن كەلگەنلىكىنى كۆرسەتتى. قۇياش شامىلى تەركىبىدە زور مىقداردا ئېلېكتىروننى يوقاتقان ھىدروگېن ئاتوم يادروسى بار. قۇياش شامىلى ئاي شارىغا سوقۇلغاندا، ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ئوكسىگېن بىلەن ئۇچرىشىپ سۇ ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە ئەينەك شارچىلار ئىچىگە قاپسىلىپ قالىدۇ. ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى سۇ بولسا ئىنتايىن مۇھىم ئاي شارى بايلىقى بولۇپ، كەلگۈسىدىكى ئاي شارىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى، ئاي شارىنى ئېچىش قاتارلىقلارنى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو ئالىملىرى ئاي شارىدا سۇ ئامبىرى بارلىقىنى بايقىدى

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى ئالىملار «چاڭئې-5» ناملىق ئاي شارى تەكشۈرگۈچى ئېلىپ كەلگەن ئاي تۇپرىقى ئەۋرىشكىسىدىن تەركىبىدە سۇ بار سوقۇلغان ئەينەك شارچىلىرىنى بايقىدى.