بىر ئادەم 8 قېتىمدىن ئارتۇق يۇقۇملانسا ھاياتىدىن ئايرىلامدۇ؟
يېقىندىن بۇيان، ئىلگىرى يۇقۇملىنىپ باقمىغان بىر قىسىم كىشىلەر يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى، يەنە بەزىلەر تەكرار يۇقۇملاندى. شۇنىڭ بىلەن توردا «بىر ئادەم قانچىلىك ساغلام، قاۋۇل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن ئەڭ كۆپ بولغاندا 8 قېتىم يۇقۇملىنىشقا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، 9-قېتىم يۇقۇملانسا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ» دېگەن قاراش كەڭ تارقالدى.
بۇ خىل قاراش توردا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا بۇ تېمىغا ئالاقىدار سۆزلەرنىڭ ئىزدىلىش مىقدارى ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: بۇ خىل قاراشنىڭ قىلچە ئىلمىي ئاساسى يوق، دېدى.
جېجياڭ داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا دۆلەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مېدىتسىناسى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى لى يۇڭتاۋ مۇنداق دېدى: ھازىر ئاساسىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولمىغان نورمال كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، «ئەڭ كۆپ بولغاندا سەككىز قېتىم يۇقۇملىنىشقا بەرداشلىق بېرىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق، كىشىلەر تەكرار يۇقۇملانغاندا كېسەللىك ئالامەتلىرى يېنىكرەك بولىدۇ، بۇنىڭدىن بەك ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.
جەنۇب تېببىي پەنلەر داشۆسى ئاممىۋى سەھىيە شۆيۈەنى جانلىقلار بىخەتەرلىكى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاۋ ۋېيمۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە نۆۋەتتە كۆپ قېتىم يۇقۇملىنىش ھەققىدە ئېنىق ھۆكۈم بولمىسىمۇ، ئەمما بىر ئادەمنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن كۆپ قېتىم يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى ھەقىقەتەن مەۋجۇت. ھازىرقى كۆزىتىش ۋە تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، «بەدەن ۋىرۇس بىلەن تۇنجى قېتىم يۇقۇملانغاندىن كېيىن، كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارغا قارىتا ئىممۇنىتېت كۈچى پەيدا بولىدۇ، كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنىڭ تارقىلىش جەريانىدا كېسەللىك پەيدا قىلىش كۈچىمۇ تەدرىجىي ئاجىزلايدۇ، يۇقۇملاندۇرۇش ئىقتىدارى تەدرىجىي كۈچىيىش يۆنىلىشىدە بۇرۇلۇش بولىدۇ.
جاۋ ۋېي مۇنداق تەكلىپ بەردى: 60 ياشتىن ئاشقانلار ۋە ئاساسىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار ئەگەر قايتا يۇقۇملىنىشتىن ئەنسىرىسە ۋاكسىنا ئەملەتسە ياكى كۈچەيتكۈچى ۋاكسىنا ئەملەتسە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەم كۆپ يىغىلىدىغان سورۇنلارغا، بولۇپمۇ دوختۇرخانىغا بارغاندا، ئامال بار باشتىن-ئاياغ ماسكا تاقاش، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ۋاقتىدا قولنى يۇيۇپ دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك.
دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنى تەتقىق قىلىش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ داشۆسى ئاممىۋى سەھىيە شۆيۈەنى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى ۋە سەھىيە ئىستاتىستىكا فاكۇلتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ليۇ جۆ 17-ماي مۇنداق دېدى: بىز پۈتۈن دۇنيا سانلىق مەلۇماتىدىن ھازىرلانغان بىر چوڭ ئەۋرىشكىنى تەتقىق قىلدۇق. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بىرلەمچى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشقا سېلىشتۇرغاندا، تەكرار يۇقۇملىنىشتا يېنىك كېسەللىك ئىپادىلىرى كۆپ كۆرۈلىدىكەن، ئېغىر كېسەللىك يۈز بېرىش خەۋپى %86 ئازىيىدىكەن. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى پۈتۈن دۇنيادىكى ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى جەملەپ تەھلىل قىلىش ئاساسىدا چىقىرىلغان بولۇپ، ئەۋرىشكە مىقدارى جەمئىي 5 مىليون 300 مىڭ ئادەمگە يېتىدۇ. ئەمما پىروفېسسور ليۇ جۆ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياشانغانلارغا نىسبەتەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن قايتا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.
نۆۋەتتە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى بىرئاز كۆپەيدى، سىچۈەندىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سىچۈەن ئۆلكىسىدە 2022-يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يۇقۇم يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بولۇپ، ھازىرغىچە بەش ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سىچۈەن ئۆلكىسىدە دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 5-ئايدا يەنە كۆپىيىشكە باشلىغان.
داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدە تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت بولغانلارنىڭ نىسبىتى ئاشقان. يېقىنقى بىر ھەپتىدە، سىچۈەن ئۆلكىسى دوكلات قىلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىر قىسىم بىمارلار تەكرار يۇقۇملانغۇچىلار بولۇپ، كېسىلى يېنىك ياكى ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلار ئىكەن.
ليۇ جۆ قايتا يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن، ئادەم بەدىنىنىڭ ئانتىتېلا سەۋىيەسى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاجىزلاپ، قوغداش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئىككىنچىدىن، كىشىلەر ئارىسىدا ئومىكرون يەنىلا تارقىلىش ھالىتىدە تۇرماقتا، يۇقۇش مەنبەسى يەنىلا مەۋجۇت.
شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىپ، ۋىرۇستىن يىراق تۇرايلى!