ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قىزنى ئۆلتۈرگەن قاتىلغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-25 08:40

2022-يىل 12-ئاينىڭ 9-كۈنى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جەنجياڭ شەھىرىدە 20 ياشلىق قىز چېن X ئىشتىن چۈشۈپ بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى يولدا كېتىۋاتقاندا، ئىلگىرىكى خىزمەتدىشى خۇاڭ X مۇھەببەتلىشىش تەلىپىمنى رەت قىلدىڭ دەپ ئۇنىڭ 16 يېرىگە پىچاق تىقىۋەتكەن، ئۇ كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن. 

2023-يىل 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، خۇاڭ Xنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جەنجياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوت ئېچىپ قاراپ چىقىلدى. تاراتقۇلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى چېن Xنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ئىگىلىشىچە، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، جەنجياڭ ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتتا ھۆكۈم چىقىرىپ، جاۋابكار خۇاڭ Xكە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن.

5-ئاينىڭ 22-كۈنى، جەنجياڭ ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتتا دېلوغا قاراپ چىقتى

سوتتا قاراپ چىقىشقا قاتناشقان سىرتتىن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ دېيىشىچە، ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خۇاڭ X سوتتا نارازىلىق ئەرزى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ تۇغقىنى: سىڭلىمنىڭ ھاياتىنى پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ 

چېن Xنىڭ ئاچىسى چېن مو (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) مۇخبىرغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خۇاڭ Xنىڭ قىلمىشى ئائىلىمىزگە تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ئازاب ئېلىپ كەلدى، بىز ھەق تەلەپ تۆلىمىدىن ۋاز كېچىپ، سوت مەھكىمىسىدىن خۇاڭ Xكە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق. سىڭلىمنىڭ ھاياتىنى پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ، بىز قاتىلغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

چېن مو مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بەرگىنىگە يېرىم يىلدىن ئاشتى، بىز تېخىچە بۇ ۋەقە ئېلىپ كەلگەن ئازابتىن قۇتۇلۇپ چىقالمىدۇق. بۇ جەرياندا خۇاڭ Xنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ باقمىدى. ئۇلار بىزدىن ئەپۇمۇ سورىمىدى. بۇ كېلىشمەسلىك ئانامغا قاتتىق زەربە بولدى، ئۇ دائىم ھاڭۋىقىپ ئولتۇرۇپ قالىدىغان، سىڭلىم يادىغا كەلسىلا يىغلايدىغان بولۇپ قالدى.

يەنە بىر خەۋەردە دېيىلىشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئاچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: سوتتا خۇاڭ X سىڭلىمنى «يۈز تۇرا رەت قىلماستىن، ئۈندىداردا مېنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزىۋەتتى، پەقەت يۈزۈمنى قىلمىدى» دەپ ئەيىبلىدى.

قاتىل ئۇ قىزنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن يەنە ئىلگىرىكى ئۈچ خىزمەتدىشىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان

2022-يىلى 3-ئايدا، خۇاڭ X چېن X بىلەن ئوخشاش بىر مېھمانخانىغا خىزمەتكە كىرگەن. خۇاڭ X قۇرۇلۇش بۆلۈمىدە مانتيور بولۇپ ئىشلىگەن، ئۇ چېن X بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، چېن Xنى قوغلاشقان. بۇ مەزگىلدە، خۇاڭ X كۆپ قېتىم ئۈندىداردا چېن Xنى ئاۋارە قىلغان، چېن X ئىككىمىز پەقەت خىزمەتداش دەپ ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان. لېكىن خۇاڭ X يەنىلا ھوشىنى تاپماي ئۇنى ئاۋارە قىلىۋەرگەن. ئاخىردا چېن X ئۇنىڭ ئۈندىدارىنى يۇيۇۋەتكەن.

چېن مو مۇخبىرلارغا بەرگەن ئەيىبنامىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، خۇاڭ X چېن X كە كۆپ قېتىم تەھدىت سالغان.

ئەيىبنامىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خۇاڭ X بۇلتۇر 6-ئاينىڭ 7-كۈنى مېھمانخانىدىكى خىزمىتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، چېن Xنى داۋاملىق قوغلاشقان ھەمدە بىر ئورۇن بەلگىلىگۈچنى چېن X ئىشقا بېرىپ كېلىشتە مىنىدىغان توكسىكلىتقا مەخپىي ئورنىتىپ قويۇپ، چېن Xنىڭ ئورۇن ئۇچۇرى ۋە پائالىيەت ئىزىنى ئىگىلەپ تۇرغان.

جاۋابكار خۇاڭ Xنىڭ شەخسىي ھېسسىيات، خىزمەت مەسىلىسى قاتارلىقلار كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا بارا-بارا چېن Xنى ئۆلتۈرۈش نىيىتى پەيدا بولغان ھەمدە 7-ئايدا بىر پىچاق سېتىۋالغان. 2022-يىل 7-ئاينىڭ 28-كۈنى، خۇاڭ X ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە كېتىۋاتقان چېن Xكە پىچاق بىلەن تەھدىت سالغان ھەمدە ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغاندا باشقىلار ۋاقتىدا ئۇنى نەسىھەت قىلىپ توسۇپ قالغان.

چېن مو مۇخبىرغا شۇ قېتىمقى ۋەقەدىن كېيىن چېن Xنىڭ دوستى بىلەن پاراڭلاشقان خاتىرىسىنى كۆرسەتتى. خاتىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خۇاڭ X ئۇنىڭغا ۋە باشقا بىر ئايال خىزمەتدىشىغا يېنىدىكى پىچىقىنى كۆرسەتكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ يولىنى توسقان، ھېلىمۇ ياخشى بىر ئەر خىزمەتدىشى ئۇلارغا ياردەم قىلغان.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دوستى بىلەن بولغان پاراڭلىشىش خاتىرىسى

خۇاڭ X شۇ قېتىمقى ۋەقەدىن كېيىن نىيىتىدىن يەنە يانمىغان. ئەيىبنامىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىل 12-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 17 ئەتراپىدا، چېن X جەنجياڭ شەھىرىدىكى مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى يول بۆلىكىدىن يالغۇز ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ئەگىشىپ كەلگەن خۇاڭ X يېقىنلىشىپ ئۇنىڭ يولىنى توسقان، ئاندىن ئۇنى يول بويىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ قورشاۋ تېمى تۈۋىگە ئىتتىرىپ ئاپارغان. كېيىن يولدىكى كۆزىتىش ئاپپاراتىنى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، خۇاڭ X چېن Xكە 16 قېتىم پىچاق سالغان، بىر قېتىمدا پىچاقنى چېن Xنىڭ بوينىغا سانجىغان. خۇاڭ X چېن Xنى يارىلاندۇرغاندىن كېيىن توكسىكلىتقا مىنىپ قېچىپ كەتكەن.

ئەيىبنامىدە كۆرسىتىلىشىچە، خۇاڭ X دېلو سادىر قىلغاندىن كېيىن شۇ چاغدا كىيگەن كىيىم ۋە مىنگەن توكسىكلىتنى ئالماشتۇرغان، ئاندىن بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆزى ياساپ يوشۇرۇپ قويغان سايمان ۋە ئۇچلۇق سۇ تۇرۇبىسىنى ئېلىپ، ئىلگىرىكى خىزمەت ئورنىدا زىددىيەتلىشىپ قالغان ئۈچ خىزمەتدىشىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان.

خۇاڭ X قايتا دېلو سادىر قىلىشقا تەييارلانغان مەزگىلدە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق خۇاڭ Xنى چېن Xنى ئۆلتۈرگەن جىنايەت گۇماندارى دەپ بېكىتكەن. شۇ كۈنى كەچ سائەت 23 ئەتراپىدا، ساقچىلار خۇاڭ Xنىڭ ئاچىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق خۇاڭ Xنى ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا دەۋەت قىلغان. خۇاڭ X بۇنىڭغا ماقۇل بولغان ھەمدە ماجاڭ ۋوگزالىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا كۆرۈشۈشكە پۈتۈشكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئۈچ خىزمەتدىشىنى ئۆلتۈرۈش پىلانى توسۇپ قىلىنغان.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ساقچىلار ئىلگىرىكى ۋەقەنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىغان دەپ قارىدى

بۇنىڭدىن باشقا، چېن مو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2022-يىل 7-ئاينىڭ 28-كۈنى، خۇاڭ X پىچاق بىلەن سىڭلىمغا تەھدىت سالغاندىن كېيىن، سىڭلىم ئىشلەۋاتقان خۇايۈەن مېھمانسارايىنىڭ دىرېكتورى ياڭ گۇاڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ چىكەن شۆبە ئىدارىسى ساۋەن ساقچىخانىسىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان. لېكىن ساقچىخانا مېھمانخانىغا بېرىپ چېن Xتىن ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرمىگەن. ئىككى كۈندىن كېيىن، تەۋەلىكتىكى ساقچىخانا ياڭ گۇاڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ خۇاڭ Xنىڭ ئۆيىگە بارغانلىقى، لېكىن خۇاڭ X ئۆيدە بولمىغاچقا ئاتا-ئانىسىغا بۇ ئىشنى ئېغىزچە تاپىلىغانلىقىنى ئېيتقان.

چېن مو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز ساقچىلارنىڭ خۇاڭ Xنىڭ شۇ قېتىمقى پىچاق بىلەن تەھدىت سېلىش قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلىشىدا مەسىلە بار دەپ قارايمىز. بۇ ئەھۋالنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ئىنكاس قىلدۇق.

چېن مو كۆرسەتكەن ئۇقتۇرۇش قەغىزىدە دېيىلىشىچە، بۇ ئىش جەنجياڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چىكەن شۆبە ئىدارىسىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان.

ئائىلە ئەزالىرى بۇ ئەھۋالنى ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئىنكاس قىلدى.

مۇخبىر جەنجياڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ۋە چىكەن شۆبە ئىدارىسى نازارەت قىلىش ئىشخانىسىغا كۆپ قېتىم تېلېفون قىلدى، لېكىن تېلېفوننى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. جەنجياڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چىكەن شۆبە ئىدارىسى سىياسىي خىزمەت ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇخبىر زىيارەت قىلىش خېتىنى پوچتىدىن ياكى فاكس ئارقىلىق ئەۋەتىشى كېرەك، لېكىن زىيارەتنى قوبۇل قىلامدۇ-يوق، بۇنىڭغا كېسىپ بىر نېمە دېيەلمەيمەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قىزنى ئۆلتۈرگەن قاتىلغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى!

2022-يىل 12-ئاينىڭ 9-كۈنى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جەنجياڭ شەھىرىدە 20 ياشلىق قىز چېن X ئىشتىن چۈشۈپ بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى يولدا كېتىۋاتقاندا،