كېلەر ئايدا دۆلەت داۋالاش ئەترىتى ئىشىك ئالدىمىزغىچە كېلىدۇ!
دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يېقىندا، داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسى تۆۋەن رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دۆلەت داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتىپ سەييارە داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى.
دۆلەت داۋالاش ئەترىتى بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسى، جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسى قاتارلىق 16 دوختۇرخانىدىن تەشكىللىنىپ، ئەنخۇي، شەنشى قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتىلىدۇ، ۋاقتى 6-ئايدىن 10-ئايغىچە بولىدۇ. ھەر بىر دۆلەت داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بەشتىن كەم بولمايدۇ، كاندىدات ئالىي ئۇنۋان ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۇنۋانغا ئىگە تېببىي خادىملار ئاساس قىلىنىپ، سەييارە داۋالاش، تېخنىكا ۋە باشقۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، خادىملارنى تەربىيەلەش، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ھەمكارلىق تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەر نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋاقتى ئۈچ ھەپتىدىن ئاز بولمايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ناھىيەلەردە خىزمەت قىلىش ۋاقتى ئىككى ھەپتىدىن ئاز بولمايدۇ.