شى جىنپىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىنى ئاچتى
شى جىنپىڭ 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك دەپ تەكىتلىدى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركىزىي ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، ئىقتىسادىي تەپتىش مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان، مەۋقەنى ئىقتىسادىي نازارەتچىلىكنىڭ ئورنىنى بېكىتىشكە قارىتىپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۆزگىچە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئومۇملۇق خاراكتېرلىك، ئۇزۇن مۇددەتلىك، ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەپتىش ساھەسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇملىقىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركىزىي ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شى يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا، مەركىزىي ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ 2022-يىللىق مەركەز خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە چىقىم ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىقتىسادىي تەپتىش-پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتى ئىقتىسادىي تەپتىش تۈزۈلمىسىنى سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك قايتا ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىقتىسادىي تەپتىش يېڭى يولىدا مېڭىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. بىرىنچى، ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكى ئۈزلۈكسىز ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى ۋە تۈزۈملەشتۈرۈلدى. ئىككىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئىشلىرىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. ئۈچىنچى، ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇملىقىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى تەشەببۇسكارلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك، ماسلىشىشچانلىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئۆزگىچە نازارەتچىلىك رولى تېخىمۇ نامايان بولدى. تۆتىنچى، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ تۈزىتىش ئومۇمىي ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش تېخىمۇ راۋان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى-مەركەزلىك بىرلىككە كەلگەن، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، نوپۇزلۇق-يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا كۈچەشتىن ئىبارەت. ماھىرلىق بىلەن قوماندانلىق قىلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ سىياسىي خۇسۇسىيىتى ۋە سىياسىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى توغرا ئىگىلەپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ سايىدەك ئەگىشىپ، ئاممىۋى مەبلەغ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت بايلىقىنى باشقۇرىدىغان ۋە ئىشلىتىدىغان بارلىق جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلارغا قارىتىلغان ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، نازارەت قىلىش ھوقۇقىنىڭ بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي، بىرىنىمۇ چەتتە قالدۇرماي، دائىملاشقان، ھەرىكەتچان چۆچۈتۈش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈش؛ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، قانۇن بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەتقىقات تىپىدىكى ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنى ئەمەلىي ئىشلەپ، كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي نازارەتچىلىك «ئالاھىدە قىسمى»نى بەرپا قىلىش؛ باشقا نازارەتچىلىك بىلەن تۇتاشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى ياخشى قىلىپ، نازارەتچىلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بۇ يىللىق ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، زور مەسىلىلەرنى گەۋدىلەندۈرگەن ھالدا ئىقتىسادىي تەپتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، زور تۈر، زور ئىستراتېگىيە، مۇھىم تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ دىققەتنى ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، قىممەتلىك مالىيە مەبلىغىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ دىققەتنى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاش، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ دىققەتنى خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى ساقلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى بېيىتىش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ دىققەتنى تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزى، پۇل مۇئامىلە، ئۆي مۈلۈك، ئاشلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە يېقىندىن ئەھمىيەت بېرىپ، سىستېمىلىق خەۋپ-خەتەر يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش؛ دىققەتنى ھوقۇقنى قېلىپلىق يۈرگۈزۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش جەھەتتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي مەسىلە بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلە گىرەلىشىپ كەتكەن چىرىكلىكنى، ھوقۇق مەركەزلەشكەن، مەبلەغ كۆجۈملەشكەن، بايلىق مول ساھەلەردىكى چىرىكلىكنى، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «خىيانەتچىلىك، چىرىكلىك» قىلمىشلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ تۈزىتىشنىڭ «كېيىنكى مەزگىلى» بىلەن ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ مەسىلىنى ئېچىپ بېرىشنىڭ «ئالدىنقى مەزگىلى» ئوخشاشلا مۇھىم بولۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈندىلىك نازارەتچىلىكنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسىنى كادىرلارنى باھالاش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھەم ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاشنىڭ مۇھىم قوللانمىسى قىلىش؛ تۈزىتىشى كۈچلۈك بولمىغان، تۈزىتىشنى ئەپلەپ-سەپلەپ قىلغان، تۈزىتىشتە ساختىلىق قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ يىل-ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىقتىسادىي تەپتىشتىن زور ئۈمىد كۈتتى، ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كەسپىي روھ يارىتىپ، كەسىپ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ پارتىيەنى، ئىقتىسادىي تەپتىشنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، باش تېما تەربىيەسى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش قوشۇنىنى تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئىقتىسادىي تەپتىش كادىرلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى لازىم. ئاساسلىق مەسئۇللار ئۆزلىرى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزلىرى باشقۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتى باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن چىڭ تۇتۇش، بىر تۇتاش پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
مەركىزىي ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا