ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭدىكى قوڭۇر ئېيىق ھۇجۇم قىلغان ساقچى قانداق بولغاندۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-31 08:18

شىنجاڭدىكى بىر خەلق ساقچىسى چارۋىچىلارغا ياردەملىشىپ قوڭۇر ئېيىقنى ھەيدىگەندە قوڭۇر ئېيىق ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلغان كۆرۈنۈش ئىككى كۈندىن بۇيان توردا كەڭ تارقالدى.

 

26-ماي سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ بايىنبۇلاق بازىرى ئامۇرغول شۆبە مەيدانىدىكى چارۋىچى نۇرپولاتنىڭ ھويلىسىغا تۇيۇقسىز بىر قوڭۇر ئېيىق كىرىۋالدى، ئۇ دەرھال خېجىڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بايىنبۇلاق ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ ياردەم سورىدى. 

خەلق ساقچىلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، قوڭۇر ئېيىقنىڭ قورۇنىڭ بۇلۇڭىدىكى تام تۈۋىدە تۈگۈلۈپ تۇرۇۋالغانلىقىنى بايقىدى. 

 

خەلق ساقچىلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قوڭۇر ئېيىقنى قورۇنىڭ چىقىش ئېغىزى تەرەپكە باشلاپ باردى، ئاندىن پوجاڭزا ئېتىپ ئۇنى قوغلىدى، قوڭۇر ئېيىق قورۇدىن چىققاندىن كېيىن، ئەتراپقا يىغىلغان ئاممىغا قاراپ يۈگۈردى. 

 

توردا تارقالغان سىننىڭ ئاخىرىدا قوڭۇر ئېيىق خەلق ساقچىسىغا قاراپ يۈگۈردى، بۇ خەتەرلىك كۆرۈنۈش تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى. 

نۇرغۇن كىشى شۇنىڭدىن كېيىن ئەھۋال قانداق بولغاندۇ، ساقچى يارىلانغانمىدۇ؟ دەپ سوراشتى. 

 

خېجىڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى بايىنبۇلاق ساقچىخانىسىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى نارىسۇڭ بۇ ۋەقە ھەققىدىكى سوئاللارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆلۈم-يېتىم بولمىدى، قوڭۇر ئېيىق قوتاندىن چىقىرىلىپ، تەبىئەتكە بىخەتەر قايتۇرۇۋېتىلدى، دېدى. بۇ ۋەقەگە قىزىققان تورداشلار ئەمدى خاتىرجەم بولساڭلار بولىدۇ. 

 

قوڭۇر ئېيىق دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان، گەۋدىسى چوڭ، ئىنتايىن كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە. 

 

قوڭۇر ئېيىق بىلەن تۇتۇشۇپ ئۇتتۇرۇپ قويسىڭىز ئاقىۋىتىڭىز ئېغىر بولىدۇ

 

ئەكسىچە يەڭسىڭىزمۇ ئوخشاشلا  شۇنداق بولىدۇ، 

چۈنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 

341-ماددىسىدا مۇنداق دېيىلگەن

↓↓↓

دۆلەت نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىدىغان ئەتىۋارلىق، نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتقان ۋە ئۆلتۈرگەنلەرگە ياكى دۆلەت نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىدىغان  ئەتىۋارلىق، نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقان ياۋايى  ھايۋانلارنى ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى قانۇنسىز سېتىۋالغان، توشۇغان ۋە ساتقانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال-مۈلۈكنى مۇسادىرە  قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.ئوۋچىلىق توغرىسىدىكى نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ئوۋ ئوۋلاش مەنئى قىلىنغان رايوندا، ئوۋ ئوۋلاش مەنئى قىلىنغان مەۋسۈملەردە ياكى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان قورال ۋە ئۇسۇللار بىلەن ئوۋچىلىق قىلىپ، ياۋايى ھايۋانلار بايلىقلىرىنى ۋەيران قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ.

 

دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ھايۋانلارنى زەخىملەندۈرۈش قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتۇر! 

 

شىنجاڭ لوپنۇر ياۋا تۆگە دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا تۇنجى قېتىم قوڭۇر ئېيىقنىڭ قىممەتلىك سۈرىتى تارتىۋېلىندى. 

 

ساقچىلار شۇنى ئەسكەرتىدۇ: دالىدا پائالىيەت قىلغاندا بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ياۋايى ھايۋانلار ئۇچراپ تۇرىدىغان رايونلاردىن يىراق تۇرۇش، جىددىي ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ياردەم سوراش كېرەك. 

ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئورۇنلاۋاتقان خەلق ساقچىلىرىغا ئالقىش ياڭرىتايلى! 

جاپا چەكتىڭلار، بىخەتەرلىكىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار!

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭدىكى قوڭۇر ئېيىق ھۇجۇم قىلغان ساقچى قانداق بولغاندۇ؟

شىنجاڭدىكى بىر خەلق ساقچىسى چارۋىچىلارغا ياردەملىشىپ قوڭۇر ئېيىقنى ھەيدىگەندە قوڭۇر ئېيىق ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلغان كۆرۈنۈش ئىككى كۈندىن بۇيان توردا كەڭ تارقالدى.