ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ بۇ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-31 14:39

شى جىنپىڭ 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركىزىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى دۇچ كەلگەن مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تونۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىدىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى توغرا ئىگىلەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. 

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى چياڭ، جاۋ لېجى، سەي چى يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەركىزىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە قانۇنچىللىق سىستېمىسى، ئىستراتېگىيە سىستېمىسى، سىياسەت سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشى، يەرلىك پارتكوملار دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدىدى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نۆۋەتتە بىز دۇچ كېلىۋاتقان دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسىلىسىنىڭ مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. دۆلەت خەۋپسىزلىكى سېپى ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە پايدىلىق شارائىتىنى تولۇق كۆرۈشى كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ۋە ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، بوران-چاپقۇن، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇننىڭ زور سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشكە تەييارلىق قىلىشى كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ئۇرۇش ئەمەلىي قوللىنىشنىڭ روشەن يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق قۇۋۋەت ئاتا قىلىش، ئاساسىي قاتلام ئاساسىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى قۇرۇلۇشلارنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش، ھەمتۈرتكىلىك توپلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىپ، بىزگە پايدىلىق تاشقى خەۋپسىزلىك مۇھىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يارىتىپ، ئېچىۋېتىش خەۋپسىزلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋە يارىتىش ۋاسىتىسى، ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نەزەرىيە ئارقىلىق يېتەكلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ، كۈچ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق قۇۋۋەت ئاتا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ-خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ، ۋاقتىدا سىگنال بېرىپ، بىرىكمە كۈچنى ياخشى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي خەۋپسىزلىكنى قوغداش، تور سانلىق مەلۇماتى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار خەۋپسىزلىكىنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش سىگنال بېرىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.

يىغىندا «دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش سىگنال بېرىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» قاتارلىق ھۆججەتلەر قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

مەركىزىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. 

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ بۇ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى

شى جىنپىڭ 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى