ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2023-يىللىق 1-نومۇرلۇق ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-01 08:26

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزى يېقىندا 2023-يىللىق 1-نومۇرلۇق ئاگاھلاندۇرۇشنى ئېلان قىلىپ، «تەربىيەلەش قەرز پۇلى» تۇزىقىدىن ساقلىنىشنى ئاگاھلاندۇردى.

تاراتقۇلارنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، «تەربىيەلەش قەرز پۇلى» ئالدامچىلىقى پات-پات يۈز بېرىپ تۇرغان، ھەتتا كۆرۈلۈش نىسبىتى ئاشقان. بەزى ناچار تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى تەربىيەلەش دەرسىگە تىزىملاتسىلا قوشۇمچە ئىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بېرىدىغانلىقى، ئوقۇش پۇلىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تاپشۇرسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى توردىكى قەرز ئېلىش سۇپىسىدا قەرز ئېلىشقا يېتەكلىگەن. لېكىن دەرس باشلانغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار ئاپپارات ۋەدە قىلغان قوشۇمچە ئىش ياكى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن، يەنە كېلىپ تۆلىگەن پۇلىنى قايتۇرۇپ ئالالماسلىق، يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزگە بوغۇلۇش خەتىرىگە دۇچ كەلگەن. 

بۇ يەردە، بىز كەڭ ئوقۇغۇچىلارغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، چوقۇم ئالدىنى ئېلىش ئېڭى ۋە پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ «ئۆگەنگەچ پۇل تېپىش»، «ئاۋۋال ئۆگىنىپ ئاندىن ھەق تۆلەش» قاتارلىق ۋەدىلەر بىلەن قەرز پۇل ئېلىشقا قىزىقتۇرۇش قىلمىشىغا ئىشىنىپ كەتمەڭ، ناتونۇش تور سۇپىسىغا شەخسىي ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ رويخەتكە ئالدۇرماڭ، پۇل يۆتكىمەڭ، قەرز ئالماڭ. خىزمەت ئىزدەش مەزگىلىدە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرى ۋە شىركەتنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈڭ. ئېنىق بىلەلمىگەن، ئەھۋالنى پەرق ئېتەلمىگەندە، ۋاقتىدا مەكتەپ، ئاتا-ئانىڭىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاپ، «تەربىيەلەش قەرز پۇلى» تۇزىقىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2023-يىللىق 1-نومۇرلۇق ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى

تاراتقۇلارنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، «تەربىيەلەش قەرز پۇلى» ئالدامچىلىقى پات-پات يۈز بېرىپ تۇرغان، ھەتتا كۆرۈلۈش نىسبىتى ئاشقان