ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

18 مىليون 830 مىڭ يۈەن! 12 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-01 08:27

 

 

لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى خاۋ چۈنرۇڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا بىرىنچى سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

2023-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى داليەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى لياۋنىڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى خاۋ چۈنرۇڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن جاۋابكار خاۋ چۈنرۇڭغا مۇددەتلىك 12 يىللىق قاماق جازاسى بەردى، قوشۇمچە 2 مىليون يۈەن جەرىمانە قويدى؛ خاۋ چۈنرۇڭنىڭ تەكشۈرۈپ تۇتۇپ قېلىنغان پارا تاپاۋىتى ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندىسى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلدى.

قاراپ چىقىش ئارقىلىق ئېنىقلىنىشىچە: 1999-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، جاۋابكار خاۋ چۈنرۇڭ ج ك پ لياۋياڭ شەھىرى تەيزىخې رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەيزىخې رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى، ج ك پ لياۋياڭ شەھەرلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، لياۋياڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ج ك پ چاۋياڭ شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ج ك پ پەنجىن شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، پەنجىن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن مەزگىلدە خىزمەتتىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە يەر بىلەن تەمىنلەش، قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش، مەمۇرىي تەستىقلاش، ۋەزىپىسىنى تەڭشەش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بېرىپ، جەمئىي 18 مىليون 830 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلۈكنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان.

داليەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار خاۋ چۈنرۇڭنىڭ قىلمىشى پارا ئېلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇ پارا ئالغان پۇل سوممىسى ئالاھىدە كۆپ. خاۋ چۈنرۇڭ دېلو بېجىرىش جەريانىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، دېلو بېجىرگۈچى ئورگان تېخى ئىگىلىمىگەن كۆپ قىسىم جىنايەت پاكىتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇپ، جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ ۋە جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىپ، زاڭ پۇل-مالنى ئاكتىپلىق بىلەن قايتۇردى، پارا تاپاۋىتى ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندىسىنى پۈتۈنلەي قايتۇردى، زاڭ پۇل-ماللار تەكشۈرۈپ تۇتۇپ قېلىندى. بۇ ئەھۋاللار قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەھۋالغا قاراپ يېنىكلىتىپ جازا بېرىش تۈرىگە كىرىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ جازا بېرىشكە بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن سوت يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

18 مىليون 830 مىڭ يۈەن! 12 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى

لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى خاۋ چۈنرۇڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا بىرىنچى سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى