ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ «1-ئيۇن» بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-01 13:15

شى جىنپىڭ بېيجىڭ يۈيىڭ مەكتىپىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە: تىرىشىپ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن يېڭى دەۋردىكى ياخشى بالىلاردىن بولۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى  ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ «1ـ ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى 

«1-ئيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ يۈيىڭ مەكتىپىگە بېرىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆسمۈر-بالىلار ۋەتەننىڭ كېلەچىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۈمىدى. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بالىلىرى ئىرادىلىك، ئارزۇ-ئۈمىدنى كۆڭلىگە پۈككەن، ئۆگىنىشنى، ئەمگەكنى سۆيىدىغان، مىننەتدارلىقنى، دوستانىلىقنى بىلىدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن ياخشى بالىلاردىن بولۇشى كېرەك. ساۋاقداشلارنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇشقا ئىرادە باغلاپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈمىدىنى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. 

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى. 

بېيجىڭ يۈيىڭ مەكتىپى 1948-يىلى خېبېينىڭ شىبەيپودا قۇرۇلغان بولۇپ، تەكتى «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار تەمىنات بۆلۈمى يۈيىڭ باشلانغۇچ مەكتىپى». 75 يىلدىن بۇيان، مەكتەپ پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىدا، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى يولغا قويۇپ، ئۆزگىچە مەكتەپ باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلىشكە يېتەكلىدى. 

شى جىنپىڭ مەكتەپكە كېلىپ، ئالدى بىلەن مەكتەپ تارىخى سارىيىغا كىرىپ، مەكتەپنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانى، قۇرۇلۇش تەرەققىياتى ۋە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى مائارىپ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، «ئىككىنى ئازايتىش» سىياسەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مائارىپنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش. ئوقۇغۇچىلارنىڭ غايە-ئېتىقادى، ئەخلاق-پەزىلىتى، بىلىم ئەقلىي ئىقتىدارى، جىسمانىي ۋە پىسخىك ساپاسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەربىيەلىنىشىنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ. «ئىككىنى ئازايتىش» سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە بىر جەريان كېتىدۇ، ئۇزاققىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك. ئاتا ئانىلار، مەكتەپ، جەمئىيەت قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەرنى تونۇشىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، «ئىككىنى ئازايتىش» خىزمەت تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يۈيىڭ مەكتىپى شەرەپلىك ئىنقىلابىي ئەنئەنە ۋە روشەن قىزىل گېنغا ئىگە. ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، يۈيىڭ مەكتىپىنىڭ ھەر بىر ئوقۇغۇچىسىنى مەكتەپنىڭ شەرەپلىك تارىخىنى، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، كىچىكىدىن باشلاپ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پارتىيە ئۈچۈن ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش، دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئىرادە باغلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. 

شى جىنپىڭ مەكتەپ مۇھىتىنى پىيادە كۆزدىن كەچۈردى. ۋاسكېتبول مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلار تەنتەربىيە دەرسىگە قاتنىشىپ، ۋاسكېتبول ئويناۋاتاتتى، ئارغامچا سەكرەۋاتاتتى.  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:  ئادەمنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە ياش-ئۆسمۈرلۈك ئالتۇن مەزگىل. بۇ باسقۇچتا بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، تەن ساپاسى ياخشى بولغاندىلا، ئاندىن كېيىنكى بىر ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش، خىزمەت ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالغىلى بولىدۇ. تەنتەربىيە چېنىقىشى ئۆسمۈرلەرنىڭ تەن ساپاسىنى ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتە. ھازىر تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلاندى، بالىلار يەپ-ئىچىپ سەمرىش ئەمەس، بەلكى قاۋۇل ئۆسۈپ يېتىلىشى، تەن ساپاسىنى ياخشىلىشى كېرەك. تەنتەربىيە چېنىقىشىنى كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك، تەنتەربىيە چېنىقىشى كۆپرەك بولسا، «بودەكلەر»، «كۆزئەينەك تاقايدىغانلار» ئازراق بولىدۇ. مەكتەپلەر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇق، ياخشى سەپلىشى، ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەر ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. 

ئارقىدىن شى جىنپىڭ ئوقۇغۇچىلار دېھقانچىلىق مەيدانىغا كەلدى. بۇ يەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىغان ئەمەلىيەت سورۇنى بولۇپ، قۇياش نۇرى ئاستىدا، ئېتىز قىرلىرىدا قاتار قاتار ياپيېشىل كۆكتات مايسىلىرى بولۇق ئۆسكەن ئىدى. بالىلار چېلەك، گۈرجەك، تىرنا، موي قەلەمنى ئېلىپ، پەمىدۇر، تەرخەمەك قاتارلىقلارنى سۇغۇرۇۋاتاتتى، توپا پوشىتىۋاتاتتى، ئوت ئوتاۋاتتى ۋە چاڭلاشتۇرۇۋاتاتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۇرغۇن بىلىم ۋە قائىدە ئەمگەكتىن، تۇرمۇشتىن كەلگەن. بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئەمگەك قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا، ئەمگەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە، ئەمگەك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىلىم ئۆگىنىشىگە پايدىلىق. ھازىر شەھەردىكى بەزى بالىلار يېزالار بىلەن، تەبىئەت بىلەن ئاز ئۇچرىشىدۇ، «قولى ئىشقا بارمايدىغان» بولۇپلا قالماي، يەنە «زىرائەتلەرنى ئايرىيالمايدىغان» بولۇپ قالدى، نېمە يەۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى، قانداق كەلگەنلىكىنى بىلمەيدۇ، «بىلەرمۇ ھەر داننىڭ بۇ قىسمىتىنى، تەخسىدە غىزا يەپ ھۇزۇر قىلغان ئەر؟» دېگەننى تېخىمۇ ھېس قىلالمايدۇ. ئۇ ساۋاقداشلارغا مۇنداق دېدى: تەبىئەتنى تونۇشنى ئالدى بىلەن ئەتراپىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى تونۇشتىن باشلاش كېرەك. ساۋاقداشلار ئۆستۈرگەن ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر گەرچە كىتابتا تونۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىك ئۆز قولى بىلەن تېرىپ، ئۆزى يېتىشتۈرۈپ، ئىزلاپ كۆزەتسە، چوقۇم ئوخشاش بولمايدۇ. ساۋاقداشلارنىڭ «دېھقانچىلىقنى ئۆگىنىش» جەريانىدا تېرىقچىلىقنىڭ جاپاسىنى ۋە دېھقانلارنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، كىچىكىدىن باشلاپ ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئاشلىقنى قەدىرلەيدىغان، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يېڭى دەۋر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، جانلىق، تېتىك ئەمگەك دەرسى ئارقىلىق بالىلارنى ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەش، ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈش، ئۆزى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى بالدۇرلا بالىلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈش كېرەك. 

مەكتەپنىڭ سىسۇڭ بىناسىنىڭ 2-قەۋىتىدىكى ئىلىم- پەن سىنىپىدا  كۈلكە سادالىرى ياڭراپ تۇراتتى، شى جىنپىڭ سىنىپقا كىرگەندە، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار باش شۇجىغا ئۆزلىرىنىڭ ئۆگەنگەن تۈز سىزىقلىق ھەرىكەت، ئەگرى سىزىقلىق ھەرىكەت، يانتۇ يۈزلۈك ھەرىكەت قاتارلىق بىلىملەردىن پايدىلىنىپ، كۇبىك  بىلەن سىيرىلما غالتەك مودېلىنى ياساپ دەلىللەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىلمىي تەجرىبە دەرسى بالىلارنىڭ ئىلمىي تەپەككۇر قىلىش، بىلمىگەن ئىشلار ئۈستىدە ئىزدىنىش قىزىقىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. ساۋاقداشلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش» ئىرادىسىنى تۇرغۇزۇپ، ھازىر باتۇرلۇق بىلەن كىچىك ئالىم، كەلگۈسىدە چوڭ ئالىم بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 

شى جىنپىڭ ئارقىدىن 5-يىللىقلار ئوقۇتقۇچىلىرى ئىشخانىسىغا كىرىپ، مۇھاكىمە قىلىۋاتقان ۋە دەرس تەييارلاۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى يوقلىدى، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت دەرس قۇرۇلمىسىنى تەسىس قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم مائارىپ سىستېمىسى ياخشى، ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي مائارىپى دۇنيادا ئۈستۈنلۈككە ئىگە، مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، ئۆزىمىزنىڭ ياخشى نەرسىلىرىدە چىڭ تۇرۇپ، چەت ئەلنىڭ ياخشى نەرسىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئوچۇق تەرەققىي قىلىپ، بالىلارنى تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە، تېخىمۇ كەڭ پىكىر يولى، تېخىمۇ ئوچۇق قاراشقا ئىگە قىلىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان، دۇنيادا مۆجىزە يارىتىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان دۆلەت تايانچلىرى قىلىپ تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى ئوقۇتقۇچىلاردا. ئوقۇتقۇچىلار پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتىكى ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق مائارىپچىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، ئەخلاقلىق ئادەم بولۇش، ئەخلاقلىق ئىلىم ئەھلى بولۇش، ئەخلاقلىق ئۇستاز بولۇشى كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى يارىتىپ، ئوقۇتقۇچىلىقنى جەمئىيەت ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ۋە كىشىلەر ھەۋەس قىلىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار بەس-بەستە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

مەكتەپنىڭ كىچىك مەيدانىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار باش شۇجىنى قىزغىن ئۇزىتىپ قويدى. شى جىنپىڭ بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، ساغلام ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى، ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى  ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ «1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈن مەن ئالايىتەن بېيجىڭ يۈيىڭ مەكتىپىگە كېلىپ كۆپچىلىكنى يوقلاپ، كىچىك دوستلار بىلەن «1-ئىيۇن» بالىلار بايرىمىنى بىللە تەبرىكلىدىم. ساۋاقداشلارنىڭ  تېتىك، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ئىكەنلىكىنى، چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەنگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە باشتىن-ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تىرىشىپ تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەردى. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى بولغاچقا، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت بالىلىرى چوقۇم بارغانسېرى بەختلىك بولىدۇ، چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل كېلەچەككە ئىگە بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەر بالىلار ئىشلىرى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى بالىلار، بولۇپمۇ يېتىم بالىلار ۋە مېيىپ بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ياردەم بېرىپ، بارلىق بالىلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بەختلىك، گۈزەل بالىلىق دەۋرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 

شى جىنپىڭ ساۋاقداشلارغا مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى ئۆسمۈر-بالىلار دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرى ۋە كەلگۈسىدىكى ئاساسىي قوشۇن. مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېلىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ ئومۇميۈزلۈك  قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، ھازىر بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەر تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتىمىز، كەلگۈسىدە سىلەرگە تايىنىپ داۋاملىق كۈرەش قىلىمىز.

شى جىنپىڭ  ئاتا-ئانىلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇقەددەس خىزمەت ئورنىدا يېڭى تۆھپە يارىتىشىنى تىلىدى. 

يىن لى ھەمدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى. 

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ «1-ئيۇن» بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى

شى جىنپىڭ بېيجىڭ يۈيىڭ مەكتىپىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە: تىرىشىپ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن يېڭى دەۋردىكى ياخشى بالىلاردىن بولۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ «1ـ ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى