ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۈگۈندىن باشلاپ بۇ يېڭى بەلگىلىمىلەر تۇرمۇشىمىزغا تەسىركۆرسىتىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-02 08:34

بۇ 21 جايدا ئۆيلىنىشنى تىزىملاش رەسمىيىتىنى ئۆلكە ھالقىپ بېجىرگىلى بولىدۇ 

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي، فۇجيەن، جياڭشى، شەندۇڭ، خېنەن، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، خەينەن، چۇڭچىڭ، سىچۈەن، شەنشى، نىڭشيا قاتارلىق 21 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ۋە ئاجرىشىشنى تىزىملاش رەسمىيىتىنى «ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش»نى نۇقتىدا سىناق قىلىدىكەن. يېڭىدىن سىناق  قىلىنغان رايونلاردىكى تىزىملاش ئورگانلىرى 2023-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ «ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش» ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىدىكەن.

 

قاتناش باشقۇرۇشقا دائىر يېڭى 10 تۈرلۈك قولايلىق يارىتىش تەدبىرى يولغا قويۇلىدۇ! ھەممىمىزگە زىچ مۇناسىۋەتلىك

 

ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇشتا ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش بويىچە 10 تۈرلۈك قولايلىق يارىتىش تەدبىرىنى چىقاردى، 2023-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 10 تۈرلۈك يېڭى تەدبىر كىنىشكىنى ئازايتىپ خەلققە قولايلىق يارىتىش، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا مۇلازىمەت قىلىش، «ئالاقە تورى + قاتناش باشقۇرۇش» مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ئۈچ جەھەتكە بۆلۈنگەن بولۇپ، يېڭى ئائىلە ئاپتوموبىللىرىغا قارىتىلغان نومۇر تاختىسى ئالغاندا تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش سىنىقىنى كېڭەيتىش، نىمكەش كىچىك ئاپتوموبىللارنى سېتىشنى تىزىملىتىشتا «بىر كىنىشكا بىلەن بىرتۇتاش بېجىرىش»نى يولغا قويۇش، ھەربىيلەرنىڭ چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى پىراۋىسىنى ئالماشتۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىش، يېنىك قاتناش ھادىسىسىنى توردا سىن ئارقىلىق تېز بىر تەرەپ قىلىشنى ئومۇملاشتۇرۇش، پىراۋا نومۇرى تولۇق تارتىۋېتىلگەن ياكى كۆپ قىسمى تارتىۋېتىلگەنلەرنىڭ تەربىيەلەش ئورنىنى توردا ئۆزگەرتىشىگە قولايلىق يارىتىش، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئاپتوموبىللىرىنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش ۋەقەلىرى ۋە يېنىك ھادىسىلەرنى توردا بىر تەرەپ قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

سودا-سانائەت ئابۇنىچىلىرى دىققەت: 6-ئايدىن باشلاپ يېڭى توك باھاسى سىياسىتى ئىجرا قىلىنىدۇ!

 

دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «3-نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەزگىلىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئېلېكتىر تورىنىڭ توك يەتكۈزۈش-تەقسىملەش باھاسى ۋە ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى، 2023-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. «ئۇقتۇرۇش»تا، سودا-سانائەت ئابۇنىچىلىرىنىڭ توك باھاسى تورغا چىقىش باھاسى، تورغا چىقىش ھالقىسىدىكى توك سەرپىياتى، توك يەتكۈزۈش-تەقسىملەش باھاسى، سىستېما يۈرۈشتۈرۈش خىراجىتى، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند ۋە قوشۇمچە ھەقلەردىن تەركىب تاپىدۇ، دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سودا - سانائەت (ياكى يىرىك سانائەت، ئادەتتىكى سودا-سانائەت) توك باھاسى ئىجرا قىلىنىدىغان ئابۇنىچىلاردىن توك ئىشلىتىش سىغىمى 100 كىلوۋولت ئامپېردىن تۆۋەن بولغانلارغا يەككە قاتلاملىق تۈزۈمدىكى توك باھاسى ئىجرا قىلىنىدۇ؛ 100 كىلوۋولت ئامپېردىن 315 كىلوۋولت ئامپېرغىچە بولغانلىرىغا يەككە ياكى ئىككى قاتلاملىق تۈزۈمدىكى توك باھاسى تاللاپ ئىجرا قىلىنسا بولىدۇ؛ 315 كىلوۋولت ئامپېردىن يۇقىرى بولغانلارغا، ئىككى قاتلاملىق تۈزۈمدىكى توك باھاسى ئىجرا قىلىنىدۇ، ھازىر يەككە قاتلاملىق تۈزۈمدىكى توك باھاسى ئىجرا قىلىنغان ئابۇنىچىلار يەككە قاتلاملىق توك باھاسىنى ياكى ئىككى قاتلاملىق توك باھاسىنى تاللىسا بولىدۇ. «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاھالىلەر تۇرمۇشى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا توك ئىشلىتىشتە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان توك باھاسى سىياسىتى داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدۇ.

 

يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى دىققەت: ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈش ۋاقتى تەڭشەلدى، باشقا جايدا تەكشۈرتكىلى بولىدۇ

 

قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزگەن «يول تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنى تېخنىكىلىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» 2023-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «بەلگىلىمە»دە «ئۈچ تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش» ئىسلاھات تەلىپى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، تەكشۈرۈش-ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە دوكلاتنى تورلاشتۇرۇپ ھەمبەھرىلەش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يۈك تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ تەكشۈرۈش ۋاقتى ۋە قېتىم سانى ئون يىل ئىچىدە ھەر يىلى بىر قېتىم، 10 يىلدىن كېيىن ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈش بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلدى. ئادەتتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنى باشقا جايدا تەكشۈرۈتۈشكە بولىدۇ، ئادەتتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنى تەكشۈرتمەكچى بولغانلار پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئاپپاراتلىرىنى ئۆز ئالدىغا تاللىسا بولىدۇ. «بەلگىلىمە» دە يەنە يول تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى توردا يىللىق تەكشۈرۈش ئىسپاتىغا ئېرىشكەن بولسا، يول تىرانسپورت كىنىشكىسىگە ئاپتوموبىلنىڭ تېخنىكىلىق دەرىجىسىنى يېزىش كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

 

 يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە تەكشۈرۈش چارىسى» يولغا قويۇلىدۇ

 

 

دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە تەكشۈرۈش چارىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ تارقاتتى، 2023-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «چارە»دە ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە تەكشۈرۈشتىكى ئۆلكە دەرىجىلىك باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى 5000 توننا ئۆلچەملىك كۆمۈردىن 10 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرگە ئۆستۈرۈلۈپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى تۈرلەرنى ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئېنېرگىيە تېجەشنى تەكشۈرۈش ئورگىنىدىن مۇلازىمەت قوللانمىسىنى تۈزۈپ ۋە ئاشكارىلاپ، تەكشۈرۈپ قوبۇل قىلىش، مۆھلەت ئۆتكەندە قايتا تەكشۈرۈش قاتارلىق ھالقىلاردىكى بەلگىلىمىلەرنى تەپسىلىلەشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى. ئېنېرگىيە تېجەشنى تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئېنېرگىيە تېجەشنى رېۋىزىيە قىلىش ۋە ئېنېرگىيە تېجەش نىشان مەسئۇلىيىتىنى باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇش بەلگىلەندى. تەستىقلاتماي تۇرۇپ قۇرۇش، بەلگىلىمە بويىچە ئېنېرگىيە تېجەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالماسلىق، ساختا ئۇچۇر بېرىش قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاش بەلگىلىمىسى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 

 

يېڭى نۇسخىدىكى «قۇرۇلۇش ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇنىۋېرسال قائىدىسى» قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ

 

 

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى «قۇرۇلۇش ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇنىۋېرسال قائىدىسى»نى ئېلان قىلدى، نومۇرى GB 55037-2022، 2023-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ قائىدە مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى قۇرۇلۇش ئۆلچىمى بولۇپ، بارلىق ماددىلارنى قاتتىق ئىجرا قىلىش شەرت. «قائىدە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىدا ئاز دېگەندە ئىمارەتنىڭ بىر يان تەرىپىنى بويلاپ ئوت ئۆچۈرۈش يولى تەسىس قىلىش كېرەك. تارقاقلاشتۇرۇش ئىشىكى، ئۆي سىرتىدىكى تارقاقلاشتۇرۇش پەلەمپىيىنىڭ كەڭلىكى m0.80 دىن تار بولماسلىقى كېرەك. لىفىت قەۋىتى ئىشىكىنىڭ ئوتقا چىداملىقلىقى h2.00 دىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۈگۈندىن باشلاپ بۇ يېڭى بەلگىلىمىلەر تۇرمۇشىمىزغا تەسىركۆرسىتىدۇ

قاتناش باشقۇرۇشقا دائىر يېڭى 10 تۈرلۈك قولايلىق يارىتىش تەدبىرى يولغا قويۇلىدۇ! ھەممىمىزگە زىچ مۇناسىۋەتلىك