ئۇلاپ ئالتە كۈن ئىشلەيمىز
31-ماي، 2023-يىللىق دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى قىزىق ئىزدەلگەن تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى 2023-يىللىق دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدا رەسمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى. يەنى 22-ئىيۇندىن 24-ئىيۇنغىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 25-ئىيۇن (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ئېلان قىلغان 2023-يىللىق قىسمەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشتا بۇ يىللىق دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش كۈنلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.
2023-يىللىق بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى تۆۋەندىكىچە
↓↓↓
گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يەنە تۆۋەندىكى بايراملار بار↓↓↓
جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمى: 29-سېنتەبىردىن 6-ئۆكتەبىرگىچە جەمئىي سەككىز كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 7-ئۆكتەبىر (شەنبە)، 8-ئۆكتەبىر (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.