ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭنىڭ مەكتەپتە خىزمەت تەكشۈرگەنلىكى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-02 15:19

ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلگەن يېڭى دەۋردىكى ياخشى بالىلاردىن بولايلى--باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ يۈيىڭ مەكتىپىدە خىزمەت تەكشۈرگەنلىكى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى 

«1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ يۈيىڭ مەكتىپىگە بېرىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى، بۇ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆسمۈر-بالىلار ۋە ئاساسىي مائارىپ خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇشقا ئىرادە باغلاپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلگەن يېڭى دەۋردىكى ياخشى بالىلاردىن بولىمىز؛ پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدىغان، دۇنيادا مۆجىزە يارىتىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان دۆلەت تايانچلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرىمىز. 

باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ يۈيىڭ مەكتىپىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە مەكتەپ مۇھىتىنى پىيادە كۆزدىن كەچۈردى. ۋاسكېتبول مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلار تەنتەربىيە دەرسىگە قاتنىشىپ ۋاسكېتبول ئويناۋاتاتتى، ئارغامچا سەكرەۋاتاتتى. باش شۇجى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەنتەربىيە  چېنىقىشىنى كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك، تەنتەربىيە چېنىقىشى كۆپرەك بولسا، «بودەكلەر»، «كۆزئەينەك تاقايدىغانلار» ئازراق بولىدۇ. بېيجىڭ يۈيىڭ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى لى چېڭشىڭ مۇنداق دېدى: بەدەن ئىنقىلابنىڭ دەسمايىسى، شۇڭا بىز چېنىقىپ بەدىنىمىزنى كۈچلەندۈرۈپ، دۆلەتكە ياراملىق ئادەم بولۇپ، دۆلەتكە تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

بېيجىڭ يۈيىڭ مەكتىپىنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى جاۋ دۇڭجىڭ نەق مەيداندا باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ناھايىتى ھاياجانلاندىم، تەنتەربىيە ئادەمنى ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىرادىسىنى يېتىلدۈرۈپلا قالماي، تەن ساپاسىنىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ. 

ئارقىدىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوقۇغۇچىلار دېھقانچىلىق مەيدانىغا كەلدى. بالىلار چېلەك، گۈرجەك، تىرنا، موي قەلەمنى ئېلىپ، پەمىدۇر، خاڭگا قاتارلىقلارنى سۇغۇرۇۋاتاتتى، توپا بوشىتىۋاتاتتى، ئوت ئوتاۋاتاتتى ۋە چاڭلاشتۇرۇۋاتاتتى. بېيجىڭ يۈيىڭ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى گې جىنيۈەن مۇنداق دېدى: بىز ھازىر دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى كۆپرەك چۈشىنىشىمىز كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندا بىز ئاندىن «بىلەرمۇ ھەر داننىڭ بۇ قىسمىتىنى، تەخسىدە غىزا يەپ ھۇزۇر قىلغان ئەر؟» دېگەن شېئىرنىڭ مەنىسىنى ھېس قىلالايمىز. 

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئەمگەك قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئەمگەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئەمگەك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىلىم ئۆگىنىشىگە پايدىلىق. بېيجىڭ يۈيىڭ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى چيۇ بېيبېي مۇنداق دېدى: باش شۇجى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز ئادەتتە ساۋاقداشلارنى ئەمگەكنى ھۆرمەتلەشكە يېتەكلەيمىز، ساۋاقداشلاردىمۇ «ئەمگەك شەرەپلىك» دېگەن ئاڭ بار. ساۋاقداشلارنى ئەمگەككە ئەھمىيەت بېرىش، ئەمگەك ماھارىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز. 

باش شۇجى شى جىنپىڭ سىنىپتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ساۋاقداشلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ «پەن -تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش» ئىرادىسىنى تۇرغۇزۇپ، ھازىر  كىچىك ئالىم بولۇشقا، كەلگۈسىدە چوڭ ئالىم بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. باش شۇجىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بېيجىڭ يۈيىڭ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ شياۋياڭنى كەلگۈسىگە بولغان تەلپۈنۈشكە ئىگە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ كەلگۈسىدە ئالىم بولغۇم بار، ئالىملار تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى بايقىيالايدۇ، يەنە خەلققە بەخت يارىتالايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمەن. 

باش شۇجى شى جىنپىڭ خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆسمۈر-بالىلار ۋەتەننىڭ كېلەچىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۈمىدى. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بالىلىرى ئىرادىلىك، ئارزۇ-ئۈمىدنى كۆڭلىگە پۈككەن، ئۆگىنىشنى، ئەمگەكنى سۆيىدىغان، مىننەتدارلىقنى، دوستانىلىقنى بىلىدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن ياخشى بالىلاردىن بولۇشى كېرەك. گۇاڭشى گۇيپىڭ شەھىرى يىفۇ تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى چېن دۇڭخەن مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ سۆزى ئۆسمۈر-بالىلارغا توغرا ئۆسۈپ يېتىلىش يۆنىلىشى ۋە ئوقۇش نىشانىنى كۆرسىتىپ بەردى، شۇنداقلا مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە تەربىيەلەش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. بىز ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۇلارنى توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى ۋە دۇنيا قاراش تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى ۋە ئۇنىۋېرسال قوللىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىمىز. 

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەر بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى بالىلارغا، بولۇپمۇ يېتىم بالىلار ۋە مېيىپ بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ياردەم بېرىپ، بارلىق بالىلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بەختلىك، گۈزەل بالىلىق دەۋرىنى ئۆتكۈزۈشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئىچكى موڭغۇل كۆكخوت شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىنىڭ باشلىقى مى خۇڭرۈي مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، بالىلارغا مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن ھەر كۈنلۈك تۇرمۇشنى قەدىرلەش، چوڭ بولغاندىن كېيىن جەمئىيەتكە ياراملىق، باشقىلارغا پايدىلىق ئادەم بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئۇرۇقىنى ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزىمىز ۋە بىخلاندۇرىمىز. 

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، ئۆزىمىزنىڭ ياخشى نەرسىلىرىدە چىڭ تۇرۇپ، چەت ئەلنىڭ ياخشى نەرسىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئېچىۋېتىپ تەرەققىي قىلىپ، بالىلارنى تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە، تېخىمۇ كەڭ پىكىر يولى، تېخىمۇ ئوچۇق قاراشقا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. جياڭسۇ ئۆلكىسى خۇەيئەن شەھىرى شىنئەن باشلانغۇچ مەكتىپى ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى پى لى مۇنداق دېدى: بىز قىزىل بايلىقنى يەنىمۇ قېزىپ، ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپنىڭ شەرەپلىك تارىخىنى، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنى ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئىشەنچ»كە ئىگە بالىلاردىن قىلىپ تەربىيەلەپ، ئۇلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلدۈرۈپ، كىچىكىدىن باشلاپ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پارتىيە ئۈچۈن ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشقا ئىرادە باغلايدىغان، دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغان قىلىمىز. 

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭنىڭ مەكتەپتە خىزمەت تەكشۈرگەنلىكى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلگەن يېڭى دەۋردىكى ياخشى بالىلاردىن بولايلى--باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ يۈيىڭ مەكتىپىدە خىزمەت تەكشۈرگەنلىكى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى