ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مۇخبىرنى ئۇرغانلار ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، جازالاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-03 09:47

 2023-يىل 30-ماي خۇبېيدىكى مەلۇم تاراتقۇنىڭ مۇخبىرى گۇيجۇنىڭ بىجيې شەھىرى جىجىن ناھىيەسىدە زىيارەت قىلىۋاتقاندا ئامانلىق دېلوسى يۈز بەردى. 1-ئىيۇن بىجيې شەھىرى بۇ دېلو ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى:

2023-يىل 30-ماي سائەت 18 دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە، جىجىن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ماۋچاڭ ساقچىخانىسى مۇخبىر لى XXنىڭ جىجىن ناھىيەسى يىنزىدۇ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا تاياق يېگەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. ماۋچاڭ ساقچىخانىسى مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئېلىپلا دەرھال ساقچىلارنى نەق مەيدانغا ئەۋەتتى ھەمدە ماۋچاڭ بازىرى شابا كەنتى ماۋساۋبا ئەترىدە ساقچىغا مەلۇم قىلغۇچىنى تاپتى، ئەھۋالنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرگەندىن كېيىن، لى XXنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ  تەكشۈرۈتتى. جىجىن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى دىياگنوز قويۇپ، بەدىنىنىڭ كۆپ يېرىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ يارىلانغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكى ئەھۋاللار ئايدىڭلاشتى: 30-ماي لى XX جىجىن ناھىيەسى ماۋچاڭ بازىرى شابا كەنتىدە بىر ئاپتوموبىلنىڭ ئۆزىگە ئەگەشكەنلىكىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يان تېلېفون ئارقىلىق ئۇ ئاپتوموبىلنى سۈرەتكە تارتىۋالغان، كېيىن ئاپتوموبىلىدىن چۈشۈپ ئۆزىگە ئەگەشكەن ئاپتوموبىلدىكى شيۇڭ X قاتارلىقلاردىن نېمىشقا ئۆزىگە ئەگىشىپ ماڭدىغانلىقىنى سورىغان. ماشىنىدىكى شيۇڭ X (جىجىن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ماچاڭ ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى)، لى X (ماچاڭ ساقچىخانىسىنىڭ ياردەمچى خادىمى)، تاۋ X (ماچاڭ ساقچىخانىسىنىڭ ياردەمچى خادىمى) قاتارلىق ئۈچ ئادەم دەرھال ماشىنىدىن چۈشكەن ۋە لى XXنىڭ داۋاملىق سۈرەتكە تارتىشىنى توسۇش جەريانىدا ئۇنىڭ يۈز قىسمىدىكى كۆپ جاينى زەخىملەندۈرگەن (ئۈچىنچى تەرەپ يېنىك يارىلانغان دەپ بېكىتكەن)،  لى XXنىڭ يان تېلېفون، كۆزئەينەك  قاتارلىق بۇيۇملىرىنى بۇزۇۋەتكەن.

ھازىر، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»نىڭ 43-ماددىسى 2-تارمىقىنىڭ 1-تارماقچىسى، 49-، 16-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە شيۇڭ X، تاۋX نى مەمۇرىي جەھەتتىن 20 كۈن توختىتىپ قويۇش، لى Xنى مەمۇرىي جەھەتتىن 15 كۈن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىشنى قارار قىلدى. جىجىن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشى بىلەن، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى بار  پېڭ XX ماچاڭ  بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، ماچاڭ بازىرىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش كۆرسەتمىسى بېرىلدى؛  جىجىن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشى بىلەن، شيۇڭ X ماچاڭ ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى (جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىن يۆتكىۋېتىلدى)؛ ماچاڭ بازارلىق پارتكومنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشى بىلەن، لى X ۋە تاۋ X ئىشتىن بوشىتىلىپ بىر تەرەپ قىلىندى.

بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ ساۋىقى ئىنتايىن چوڭقۇر بولدى، ئاز ساندىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىدىكى قانۇنچىللىق ئېڭى سۇس بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئاشكارىلاندى، ئۇلارنىڭ قىلمىشى تاراتقۇلاردىكى دوستلارغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلدى. بىز جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ تەنقىدىنى سەمىمىي قوبۇل قىلىمىز ھەمدە مۇخبىردىن كەچۈرۈم سورايمىز، تاراتقۇلاردىن كەچۈرۈم سورايمىز، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىن كەچۈرۈم سورايمىز! بىز بۇ ساۋاق ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، بىرنى كۆپكە تەتبىقلاپ، ساۋاقنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، كادىرلار قوشۇنىنى تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق تاراتقۇلار ۋە جەمئىيەتنىڭ نازارىتىگە رەھمەت ئېيتىمىز ۋە جاۋاب قايتۇرىمىز.

بىجيې شەھەرلىك بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى

 2023-يىل 1-ئىيۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مۇخبىرنى ئۇرغانلار ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، جازالاندى

2023-يىل 30-ماي خۇبېيدىكى مەلۇم تاراتقۇنىڭ مۇخبىرى گۇيجۇنىڭ بىجيې شەھىرى جىجىن ناھىيەسىدە زىيارەت قىلىۋاتقاندا ئامانلىق دېلوسى يۈز بەردى.