ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دوستلار چەمبىرىكىگە بۇنداق مەزمۇنلارنى چىقىرىشقا بولمايدۇ!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-03 09:48

29-ماي كەچتە، ئۈندىدار بىخەتەرلىك مەركىزى «ئۈندىدار شەخسىي ھېسابات نومۇرىدا مەنئى قىلىنغان ماركېتىڭ ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىشنى تۈزەش ئېلانى»نى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: 

ئۈندىدار بىخەتەر، ساغلام، يېشىل سۇپا بەرپا قىلىشقا ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ كەلدى. يېقىندا، ئۈندىدار گۇرۇپپىسى ئۈندىدار شەخسىي ھېسابات نومۇرىدا چەكلەنگەن بۇيۇم ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىش قىلمىشىنى تۈزەشنى كۈچەيتتى، بۇلار ئىنتېرنېتتىن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پايدىلىنىپ ئالاھىدە تاۋار تېجارەت ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش (مەسىلەن، تاماكا، ئېلېكتىرونلۇق تاماكا قاتارلىقلار) ياكى ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىپ مەنئى قىلىنغان بۇيۇملار تىجارەت ئۇچۇرى (مەسىلەن، ھېسسىيات ئۇرغۇتۇش دورىسى، قانۇنسىز ساغلاملىق بۇيۇملىرى قاتارلىقلار)نى تارقىتىش قىلمىشى ۋە باشقىلار. قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ بۇنداق قىلمىشلار ئابونتلارنىڭ مەھسۇلاتىمىزنى نورمال ئىشلىتىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسانلا ئالدامچىلىق قاتارلىق يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۈندىدار شەخسىي ھېسابات نومۇرىدا ئۇچۇر تارقىتىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۈندىدار ئابونتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈندىدار گۇرۇپپىسى چەكلەنگەن بۇيۇملار تىجارەت ئۇچۇرلىرىنى ئۈندىدار شەخسىي ھېسابات نومۇرى ئارقىلىق ھەرقانداق شەكىلدە ئېلان قىلغان، كۆرسەتكەن، تارقاتقانلارنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىنىڭ تەلىپى ۋە «تېڭشۈن ئۈندىدار يۇمشاق دېتال ئىجازىتى ۋە مۇلازىمەت كېلىشىمى»، «ئۈندىدار شەخسىي ھېسابات نومۇرىنى ئىشلىتىش قائىدىسى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىشنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە قاراپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

2023-يىل 1-ئايدىن ھازىرغىچە، ئابونتلارنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، «چەكلەنگەن بۇيۇم» تىجارەت ئۇچۇرىنى ئېلان قىلغان 7236 ئۈندىدار ھېسابات نومۇرى، 1871 ئۈندىدار توپىنىڭ ئىقتىدارى چەكلەندى ياكى تىزىملاپ كىرىشنى چەكلەش قاتارلىق پەلەمپەيسىمان جازا بېرىلدى. 

 

ئۈندىدار بىخەتەرلىك مەركىزى شۇنى ئەسكەرتىدۇ 

پۇقرالارنىڭ ئىنتېرنېتتا قانۇنغا خىلاپ، چەكلەنگەن بۇيۇملارنى سېتىشى «جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ. ئابونتلارنىڭ شەخسىي ھېسابات نومۇرى، توپ، دوستلار چەمبىرىكى قاتارلىقلار ئارقىلىق قانۇنغا خىلاپ، چەكلەنگەن بۇيۇملارنى سېتىش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىشىمۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ؛ دوستلار چەمبىرىكى، ئۈندىدار توپىدا دوستلارغا ياردەم قىلىپ قانۇنغا خىلاپ، چەكلەنگەن بۇيۇملارنى سېتىش ئۇچۇرلىرىنى تەشۋىق قىلىپ تارقاتسىمۇ شۇ ئۇچۇرنى ئېلان قىلغۇچى، تارقاتقۇچىنىڭ ھەممىسى قانۇن بويىچە جازالىنىشى مۇمكىن.

شۇنى مۇراجىئەت قىلىمىزكى: ئۈندىدار ئىشلەتكەندە دۆلەتنىڭ چەكلەنگەن بۇيۇملار ۋە ئالاھىدە تاۋارلارنىڭ سېتىلىش دائىرىسىگە دائىر قانۇن-بەلگىلىمىلىرىنى پائال چۈشىنىپ، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار ۋە سۇپا قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. مەسىلەن، »تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىجازەتنامىسىنى باشقۇرۇش چارىسى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىنتېرنېت ئارقىلىق تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى قانۇنسىز سېتىشقا بولمايدۇ؛ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، دورا ياكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا، ئۈندىدار گۇرۇپپىسى سۇپىنى داۋاملىق تۈزەش بىلەن بىرگە، يەنە قانۇن بويىچە ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ بىرلىشىپ زەربە بېرىدۇ. 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئۈندىدار گۇرۇپپىسىنىڭ قانۇن بويىچە ماسلىشىشى ئارقىسىدا، دۆلەتلىك تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە چېن فامىلىلىك باشچىلىقىدىكى جىنايەت شايكىسىنىڭ توردا ئېلېكتىرونلۇق تاماكا سېتىش سېلوسىنى پاش قىلدى. بۇ دېلودا 100 دىن ئارتۇق ماركىدىكى دۆلەت ئۆلچىمىگە چۈشمەيدىغان ئېلېكتىرونلۇق تاماكىدىن 110 مىڭدىن كۆپرەكى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلدى ھەمدە 9 جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىندى. 

ئابونتلار ئۆزىنىڭ ھېسابات نومۇرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قەدىرلەپ، ئۈندىدارنى قانۇنلۇق، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئىشلىتىشى كېرەك. ئەگەر ئىشلىتىش جەريانىدا بۇ خىل قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىسا، دەرھال تېرمىنال ياكى تېڭشۈن قوغدىغۇچىسى ئەپچاقى ئارقىلىق ئەرز قىلسا بولىدۇ. ھەممىمىز بىخەتەر، ساغلام، يېشىل سۇپا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تەڭ بەرپا قىلايلى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دوستلار چەمبىرىكىگە بۇنداق مەزمۇنلارنى چىقىرىشقا بولمايدۇ!

29-ماي كەچتە، ئۈندىدار بىخەتەرلىك مەركىزى «ئۈندىدار شەخسىي ھېسابات نومۇرىدا مەنئى قىلىنغان ماركېتىڭ ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىشنى تۈزەش ئېلانى»نى ئېلان قىلدى،