شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى
شى جىنپىڭ ھىندىستاننىڭ ئورىسسا ئىشتاتىدا پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىپ سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ھىندىستان زۇڭتۇڭى، زۇڭلىسىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى، لى چياڭ ھىندىستان زۇڭلىسىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ھىندىستاننىڭ ئورىسسا ئىشتاتىدا پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىپ سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم پەيدا بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇرمۇ، زۇڭلىسى مودىغا ئايرىم-ئايرىم ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىڭىزلارنىڭ ئورىسسا ئىشتاتىدا پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىپ سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم پەيدا بولغانلىقىدىن چۆچۈپ خەۋەر تاپتىم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەرلىرى ۋە يارىدارلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن، يارىدارلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ مودىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا