ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-06 08:41

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇھىم سۆز قىلىپ، بەش مىڭ نەچچە يىللىق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ چوڭقۇر ئاساسىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى بەرپا قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش مۇقەررەر يول دەپ تەكىتلىدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ ۋە شەرھلەپ، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»نىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دەۋرىمىزگە مەنسۇپ يېڭى مەدەنىيەتنى تىرىشىپ يارىتىش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لېيمىڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، كۈچلۈك تارىخىي ئاڭلىقلىق، كەڭ نەزەرىيەۋى دائىرە، چوڭقۇر مەدەنىيەت مەسئۇلىيەتچانلىقى نامايان قىلىندى، بۇ-ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان، مەدەنىيەت روھى ئۇرغۇپ تۇرغان ماركسىزملىق شانلىق ھۆججەت بولۇپ، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»، بولۇپمۇ «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»نىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ بەردى. بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى تېخىمۇ قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىمىزنى تېخىمۇ ياخشى زىممىمىزگە ئېلىپ، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇش، دەۋرىمىزگە مەنسۇپ يېڭى مەدەنىيەتنى يارىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئاممىۋى مۇلازىمەت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى چېن بىنبىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن ماركسىزمنىڭ يۈكسەك ماسلىشىشچانلىقىنى تەكىتلىدى، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش» جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولىنى تېخىمۇ كەڭ، چوڭقۇر تارىخىي تىرەنلىككە ئىگە قىلدى. بۇ-پارتىيەمىزنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، مەدەنىيەتنىڭ سۇبيېكىتلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

بېيجىڭ سىفەن داشۆسى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى كاڭ جىن مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋر يېڭى نەزەرىيەنى چاقىرىدۇ، ئۇلۇغ ئەمەلىيەت ئۇلۇغ نەزەرىيەنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، باش شۇجى سۆزىدە ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم دەۋر تېمىسى ۋە نەزەرىيە مەسىلىسىنى سىستېمىلىق شەرھلىدى. باش شۇجى بۇنىڭ بىر قېتىملىق ئىدىيەدە ئازاد بولۇش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى، بۇ بىزگە يېڭى بوشلۇق ئېچىپ بەردى.

دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى پەن-تېخنىكا، مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لو جىڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلۇغ نەزەر بىلەن، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»نى بەش نۇقتىدىن سىستېمىلىق، چوڭقۇر شەرھلىدى، باش شۇجى ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىرلەشتۈرۈش»نىڭ نەتىجىسى-بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، «بىرلەشتۈرۈش» ئارقىلىق شەكىللەنگەن يېڭى مەدەنىيەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشقان مەدەنىيەت فورماتسىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ، بىزنى تېخىمۇ كەڭ مەدەنىيەت بوشلۇقىدا، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ قىممەتلىك بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن نەزەرىيە ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

پايتەخت مۇزېيى ئىلىم كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گو شياۋلىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى سۆزىدە، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىدىن ئىبارەت بۇ يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئالاقىدار بىر يۈرۈش نەزەرىيەۋى مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر شەرھلەپ بەردى، بىزگە ئوخشاش مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان  خىزمەتچىلەرنىڭ بۇنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئىگىلەپ، تىرىشىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى زۆرۈر.

جۇڭگو دۆلەتلىك دىراما تىياتىرخانىسىنىڭ باشلىقى تيەن چىنشىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»نى شەرھلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتى زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىش ئۇلۇغ چاقىرىقىنى چىقىرىپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى زامانىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مەدەنىيەت، يېڭى گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى زامانىۋى مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشنى تۈپ قوللانمىغا ئىگە قىلدى.

كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز چوقۇم باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىمىز ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرىمىز؛ توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، زامانىمىزنىڭ سەلتەنەتلىك سەھىپىسىنى ئاچىمىز.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى