ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھىندىستاندا بىر كۆۋرۈك گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-06 08:51

ھىندىستانلىقلار شۇ يەر ۋاقتى 2-ئىيۇن كەچتە ھىندىستاننىڭ شەرقىدە يۈز بەرگەن 300گە يېقىن ئادەم قازا قىلغان پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ ۋەھىمىسىدىن تېخى قۇتۇلۇپ چىقماي تۇرۇپ، 4-ئىيۇن ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى گانگې دەرياسىنى ھالقىپ ئۆتىدىغان چوڭ كۆۋرۈك گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى... 

ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،  كۆۋرۈك گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىخار ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋەقەدە ئادەم يارىلانمىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ كۆۋرۈك 2015-يىلى ياسىلىشقا باشلىغان ھەمدە 2020-يىلى قاتناش باشلاش پىل انلانغان. 

ئەينى ۋاقىتتا شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلار گانگې دەرياسىدىن ھالقىغان بۇ كۆۋرۈك شۇ جاينىڭ قاتناش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا زور ياردەم بېرىدۇ، دەپ تەشۋىق قىلغان. بىراق ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپەت ئەھۋالى ئۆتكەن 7 يىلدا ئىزچىل ناچار بولغان، بۇ قېتىم گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەندە كۆۋرۈك يەنىلا ياسىلىۋاتقانىكەن. ھىندىستان تور ئەھلىنىڭ دېيىشىچە، بۇ كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي چىقىمى 17 مىليارد رۇپىيە (تەخمىنەن 1 مىليارد 400 مىليون يۈەن) گە يەتكەن، لېكىن ھۆكۈمەت بۇ ساننى ئېتىراپ قىلمىغان.

يەنە بىر قىسىم ھىندىستان تارتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كۆۋرۈك بۇ يىل 4-ئايدا بوران-چاپقۇندا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ھەمدە بىر قىسمى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن، بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشى ئىكەن. يەنە خەۋەر قىلىنىشىچە، شۇ جايدا بۇلتۇر كۆپ قېتىم كۆۋرۈك گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسى يۈز بەرگەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ھىندىستاندا بىر كۆۋرۈك گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى

ھىندىستانلىقلار شۇ يەر ۋاقتى 2-ئىيۇن كەچتە ھىندىستاننىڭ شەرقىدە يۈز بەرگەن 300گە يېقىن ئادەم قازا قىلغان پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ ۋەھىمىسىدىن تېخى قۇتۇلۇپ چىقماي تۇرۇپ،