ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ زامبىيە زۇڭتۇڭى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-09-16 10:53

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، زامبىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى خاكائىندې خىچىلېمانىڭ ئېلىمىزدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قارشى ئالدى.

قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ خىچىلېما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-زامبىيە مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن زامبىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئورناتقان بولۇپ، خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن. تانزانىيە-زامبىيە تۆمۈر يولى جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ سىمۋولى، ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە دوستلۇق مېھرى بار. جۇڭگو جۇڭگو-زامبىيە مۇناسىۋىتىگە باشتىن-ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ كەلدى ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇردى، زامبىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى يېڭى دەۋردە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگو-زامبىيە مۇناسىۋىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە راۋاجلاندۇرۇش، ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرۈشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو زامبىيەنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ، زامبىيە بىلەن پارتىيەلەر ئارا ئالاقە ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاشنى خالايدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىش ئەندىزىسىنىڭ كۆپ خىللىقىنى نامايان قىلدى، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى زامبىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە داۋاملىق يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو زامبىيە بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى، كانچىلىق، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، تەرەققىيات، گۈللىنىشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو زامبىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ، جۇڭگو مەبلىغىدىكى تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنىڭ زامبىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، مائارىپ، تەربىيەلەش، سەھىيە، داۋالاش، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خادىملار ئالاقىسىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە يېقىن ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر كوللېكتىپ قەد كۆتۈرۈپ، خەلقئارا تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان دەۋر ئېقىمىغا ئايلاندى. بىز ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغدىشىمىز كېرەك. جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقى جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقى ۋە خەلقئارانىڭ ئافرىقىغا بولغان ھەمكارلىقىنىڭ باشلامچىسىغا ئايلاندى. سەمىمىي، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش، ھەققانىيەتنى قوغداش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى ۋە ئاساسى ئەزەلدىن ئۆزگەرمىدى. جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بىر قۇتۇپقا ئايلىنىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو زامبىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، «ئافرىقىنىڭ سانائەتلىشىشىنى قوللاش تەشەببۇسى» قاتارلىق جۇڭگو-ئافرىقا رەھبەرلىرى سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىنى قوللاپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

خىچىلېما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زامبىيە ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى بەرپا قىلغان زامبىيە-جۇڭگو دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى جەنۇبىي دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. زامبىيە جۇڭگونىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا كىرىشىنى قوللىغانلىقىغا، جۇڭگونىڭ زامبىيەنىڭ قەرز مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئىجابىي رول ئوينىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. زامبىيە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە پىرىنسىپىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش، ئۆرنەك قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى پۇرسەت بىلىپ، «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ۋە كانچىلىق، يېزا ئىگىلىكى، ئىقتىساد-سودا، پەن-تېخنىكا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، داۋالاش-سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈستۈنلۈكلىرى ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم سەھنە، زامبىيە جۇڭگونىڭ 2024-يىلى مۇنبەر يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئافرىقا-جۇڭگو ھەمكارلىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئېنېرگىيە ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ئاتا قىلىشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش، يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد، سېلىنما ھەمكارلىقى، تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدى.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن زامبىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

شۇ كۈنى چۈشتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا خىچىلېما ۋە مۇتىنتا شەرىپىگە قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ زامبىيە زۇڭتۇڭى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، زامبىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى خاكائىندې خىچىلېمانىڭ ئېلىمىزدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قارشى ئالدى.