ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇنداق ئۇچۇرتارقاتقان ھېسابات نومۇرلىرى قاتتىق بىرتەرەپ قىلىنىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-09-17 12:47

يېقىندا، مەركەز ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى «توردا ھوقۇققا چېقىلىش ئۇچۇرىنى پاش قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يېتەكچى پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، توردا ھوقۇققا چېقىلىش ئۇچۇرىنى پاش قىلىش خىزمىتىنى سىستېمىلىق پىلانلىدى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭدا كەڭ تور ئەھلىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش مەقسەت قىلىنغان. 

مەركەز ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق  دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توردا ھوقۇققا چېقىلىش ئۇچۇرلىرى پات-پات كۆرۈلۈپ، توردا تارقىتىش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، تور ئەھلىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى، بۇنىڭغا جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولدى. توردا ھوقۇققا چېقىلىش ئۇچۇرلىرىنى پاش قىلىش خىزمىتى ئالاقە تورى بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرىنىڭ توردىكى ئاممىۋى لۇشيەننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىدىكى مۇھىم تەدبىرى. «يېتەكچى پىكىر»نى تۈزۈپ چىقىپ، تور ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كەڭ تور ئەھلىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەركەز ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق كۆرسەتتى: «يېتەكچى پىكىر»دە توردا ھوقۇققا چېقىلىش ئۇچۇرىنى پاش قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىككى چوڭ ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بىرىنچى، پۇقرالارنىڭ توردىكى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش. «يېتەكچى پىكىر»دە جايلاردىكى ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرىدىن پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىشتىكى مۇھىم مەزمۇن ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرنى ئىگىلەش؛ تور زوراۋانلىقى ئۇچۇرلىرىنى پاش قىلىشنى تېز بىر تەرەپ قىلىش يولى قۇرۇپ، تور زوراۋانلىق ئۇچۇرلىرىنى تۇنجى قېتىم تارقاتقان، تۇنجى قېتىم يۆتكەپ تارقاتقان، كۆپ ئورۇندا تارقاتقان، تارقىتىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان ھېسابات نومۇرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش؛ ئالاھىدە توپلارنىڭ توردىكى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ توردىكى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئالدىن قوغداش تەلەپ قىلىندى. ئىككىنچى، كارخانىلارنىڭ توردىكى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش. «يېتەكچى پىكىر»دە توردا كارخانىلارغا چېتىلىدىغان پاش قىلىش مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىپ، پاش قىلىش، تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاش قىلىشقا قارىتىلغان سىياسەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، كارخانا ۋە كارخانىچىلارنىڭ نام-ئابرۇيىغا زىيان يەتكۈزگەن ساختا، يالغان، ئويدۇرما ئۇچۇر، قانۇنغا خىلاپ تور بېكەتلىرى ۋە ھېسابات نومۇرلىرىنى نۇقتىلىق بىر تەرەپ قىلىپ، تور سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى قوللاش تەلەپ قىلىندى.

مەركەز ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: توردا ھوقۇققا چېقىلىشنىڭ تەننەرخى تۆۋەن، ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغداشنىڭ تەننەرخى يۇقىرى بولۇش نۆۋەتتە تور ئەھلى پاش قىلىپ ھوقۇقىنى قوغداش جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلە. «يېتەكچى پىكىر»دە جايلاردىكى ئالاقە تورى بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرىدىن پاش قىلىش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۈزۈم ۋە قائىدىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىپ، بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەڭ تور ئەھلىنىڭ كۆپ قاتلاملىق كۆپ خىل پاش قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش تەلەپ قىلىندى. جايلاردىكى ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرىدىن يەنە تور بېكىتى ۋە تور سۇپىسىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تەۋەلىكىدىكى تور بېكىتى ۋە تور سۇپىلىرىنى دەرىجە، تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، «تارقىلىشىنى ۋاقىتلىق چەكلەپ قويۇش»، «تالاش-تارتىشتىكى مەزمۇن تامغىسى بېسىپ قويۇش» قاتارلىق خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، بىر تەرەپ قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ قاتتىق ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش، جازالاش سالمىقىنى زورايتىش تەلەپ قىلىندى.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇنداق ئۇچۇرتارقاتقان ھېسابات نومۇرلىرى قاتتىق بىرتەرەپ قىلىنىدۇ