شى جىنپىڭ جاۋاب خەت يازدى
شى جىنپىڭ شەرقىي شىمال داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك دەپ تەكىتلىدى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 15-كۈنى شەرقىي شىمال داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، شەرقىي شىمال داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: شەرقىي شىمال داشۆسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنى باشتىن-ئاخىر بۇرچ قىلىپ، روشەن مەكتەپ باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، دۆلەت، مىللەت ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى باشلانمىدا، مەن شەرقىي شىمال داشۆسىنىڭ پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئەۋزەل پەنلەرنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈپ، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شەرقىي شىمال داشۆسى 1923-يىلى قۇرۇلغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ مەكتەپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال رول ئويناپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. يېقىندا، شەرقىي شىمال داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، مەكتەپنىڭ يۈز يىللىق مەكتەپ باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىنى دوكلات قىلىپ، يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش ئاتا قىلغان مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت قۇرۇلۇشى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.